پەرزەنىت تەربىيسى

ئاتا ـ ئانىلار بۇنداق قىلسا، بالىلار ۋىجدانسىز بولۇپ قالىدۇ

ئاتا ـ ئانىلار بۇنداق قىلسا، بالىلار ۋىجدانسىز بولۇپ قالىدۇ، چوڭ بولغاندا قوۋم-قېرىنداشلىرىدىن يۈز ئۆرۈيدۇ.
ھەر بىر ئائىلە باشلىقى ۋاپادار بالا تەربىيلەپ چىقىشنى ، ۋاپادارلىق دەرىجىسىگە يەتمىگەن تەقدىردىمۇ، «ۋىجدانلىق» ئادەم بولىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ ، لېكىن بۇ خىل ئارزۇنى ھەممە ئادەم ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ.نېمە تېرىساڭ شۇنى ئالىسەن دېگەندەك، بەزى ئاتا ـ ئانىلار پۈتۈن كۈچى بىلەن بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىدۇ، لېكىن ئۇلار چوڭ بولغاندىن كېيىن يەنىلا ئاتا ـ ئانىسى بىلەن يىراقلىشىپ كېتىدۇ، ھەتتا ۋاپاسىز بولۇپ قالىدۇ.بۇنىڭدىكى سەۋەب، مۇقەررەر ھالدا ئاتا ـ ئانىلارنىڭ مەغلۇپ بولغان تەربىيەسىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئاتا ـ ئانىلار ھەددىدىن زىيادە ئەركىلىتىپ باققان بالىلار ئاسانلا شەخسىيەتچى، ئۆز بېشىمچى ، ھاكاۋۇر، ئەدەپسىز بولۇپ قالىدۇ، باشقىلارنى ئۆزى ئۈچۈن نېمىلا قىلىشى ھەقلىق دەپ قارايدۇ، مىننەتدارلىقنى بىلمەيدۇ، باشقىلارنى ئويلاشنى بىلمەيدۇ، ئوغۇللار ئاسانلا «ئانىنىڭ ئەتىۋارلىق ئوغلى »غا ئايلىنىپ قالىدۇ، قىزلار ئاسانلا مەلىكە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ.

خىزمەتدىشىمنىڭ بالىسى شياۋمى دەل «ناچار تەربىيە» نىڭ قۇربانى ، بۇ يىل 20 ياشقا كىرگەن بولۇپ ، ئاپىسى ئاغرىپ قېلىپ دوختۇرخانىدا ياتسىمۇ مەكتەپتىن ئۆيگە قايتىشنى خالىمايتتى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېلېفونمۇ ئۇرمايتتى ، سىرتتا ئوقۇپمۇ ، ئۆيگە ئەزەلدىن بىرەر كىچىك سوۋغا ئېلىپ كېلىپ باقمىغان ئىدى.

شياۋمى ئالدىنقى 17 يىلدا مومىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرغان بولۇپ ، چوڭلارنىڭ بالىلارنى ئەركە بېقىشى تەبىئىيلا ئاتا – ئانىسىدىنمۇ بەكرەك بولىدۇ ، لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب ئەمەس ، ھەر بىر ياشانغان كىشى بالىلىرىنى ئەتىۋارلايدۇ ، لېكىن ھەممە ئائىلە ۋاپاغا جاپا قىلىدىغان قىلىپ بېقىپ چىقمايدۇ ، چۈنكى مومىسى شىياۋمىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاندا ، « ئاتا – بوۋىسىنى كۈتۈش » ئۇسۇلى بويىچە تەربىيەلەنگەنىدى .

شياۋمى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا، ئىدارىگە ئاپىسىنى ئىزدەپ كەلگەندە، ئۆيدە ۋاراڭ ـ چۇرۇڭ قىلىپ، قالايمىقان يۈگۈرۈپ يۈرەتتى، ئاپىسى شياۋمىغا زۇكام بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنى دەرس تولۇقلاش سىنىپىغا ئاپىرىپ قويۇشقا ئامالسىز قالغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ بېرىشىنى ئېيتقاندا، ئۇ يىغلاپ -قاقشاپ،« سىز نېمىشقا بۇنداق چاغدا زۇكام بولۇپ قالىسىز؟» دەپ ئاغرىنىشقا باشلىدى.

موماينىڭ كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سالغانلىقى ۋە ئاپىسىنىڭ گەپ سۆزسىز تۇرۇپ قالغىنى ، بىزگە بالىنىڭ بۇنداق قىلىشىنىڭ سەۋەبىنى بىلدۈردى.ھەممىمىز كۆڭلىمىزدە بۇ بالىنى تەربىيە كۆرمىگەن ، ئىش ئۇقمىغان ، شەخسىيەتچى ، قۇتقۇزۇۋالغىلى بولمايدىغان بالا دەپ مەسخىرە قىلدۇق.

1. شەخسىيەتچىلىك قىلىش ، باشقىلارنى ئويلاشنى بىلمەسلىك

بالىلارنىڭ شەخسىيەتچىلىك ئىپادىسىنى كىچىك ئىشلاردىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ ، مەسىلەن ، ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرغاندا ، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ «قىڭغىر ئولتۇرۇش»ىشىغا يول قويىدۇ ، بىر ئادەم بىر نەچچە ئادەمنىڭ ئورنىنى ئىگەللەيدۇ ، كىچىك دوستلار بىلەن ئوينىغاندا كەمتەرلىك قىلىشنى بىلمەيدۇ ، ئاشخانىدا تاماق يېسە ھەممە يەرگە چاچىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ماڭغاندا پاكىز يىغىۋېتىشنى بىلمەيدۇ.بۇنداق تەربىيە كۆرمىگەن قىلمىشلار بالىلارنى ۋاپاغا جاپا قىلىدىغان قىلىپ قويىدۇ.

ئۆزىنىڭ بالىسىنىلا ئويلىسا ، باشقىلارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشنى بىلمىسە ، تەبىئىيلا ھېچكىمنى كۆزگە ئىلمايدۇ .

2. بالا ئاتا – ئانىسىغا ياردەم بېرىشنى بىلمەيدۇ

ئادەتتىكى ئەھۋالدا ، ئىككى ئۈچ ياشلىق بالىدا ئەتراپتىكىلەرنى قوغداش خاھىشى بولىدۇ ، بالىنىڭ تەبىئىتى ئاق كۆڭۈل بولۇپ ، ئەتراپىدىكى كىمنىڭ ئۆزىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى پەرىقلەندۈرەلەيدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ئازار يېگەن ياكى كۆڭلى يېرىم بولغاندا ، ئاسراش ۋە كۆڭۈل بۆلگەننى چۈشۈنىدۇ ، لېكىن ئەگەر بالا باشلانغۇچ مەكتەپكە چىققاندىن كىيىن ، ئىش ئۇققاندىن كىيىن ، بارغانسېرى ۋىجدانسىز بولۇپ كەتسە ، مانا بۇ ئاتا – ئانىلارنىڭ خاتالىقى .

مەسىلەن ، ئاتا – ئانىلار مەيلى قانچىلىك چارچىسۇن ياكى قانچىلىك تەس بولسۇن ، بالىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ ، ھەتتا زۇكام بولۇپ قالغاندىمۇ ئۇلارنى كۆڭۈل ئېچىش مەيدانىغا ئېلىپ بارىدۇ ، ئۇزاق ۋاقىت داۋاملاشسا ، بالىلار ئۆزىنىڭ بەزى ئېھتىياجىنى شەرتسىز قاندۇرۇلىدىكەن دەپ قارايدۇ ، ئاتا – ئانىلارنىڭ ھېچقانداق ئىش قىلىشىغا ياردەم بەرمەيدۇ ، ھەتتا چاي قۇيۇپ، مېۋە – چېۋىلەرنى يەتكۈزۈپ بېرىدىغان كىچىك ئىشلارنىمۇ قىلمايدۇ. ئەگەر بۇ ۋاقىتتا يەنە يېتەكلىمىسەك ، بالا ئاسانلا يۈزىدە تۈكى بار چوڭ بولۇپ قالىدۇ .

3. مەسئۇلىيەتتىن قېچىش

ئەگەر بالىلار باشقىلارغا قولايسىزلىق ئېلىپ كەلگەندە، بالىلارنى خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا يېتەكلىمىسە، كەچۈرۈم سوراشنى بىلمىسە، ئۇلار بۇ دۇنيا ئۆزىگە مەڭگۈ كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ دەپ قارايدىغان بولىدۇ، ئۇ ھالدا بالىلار مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى بىلمەيدىغان ئاجىزلارغا ئايلىنىپ قالىدۇ.مەسۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتا جاسارەت، شۇنداقلا چىداملىق خاراكتېر بولۇشى كېرەك، ئەگەر بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ بۇ يۆنىلىشكە قاراپ ياخشى تەربىيەلىمىگەندە، كېيىن تەبىئىيلا ئۇلار «ئەيىبلىنىدىغان» ۋە «مەجبۇرلىنىدىغان» بىر كۈن بولىدۇ.

ئادەتتە ، ئاتا-ئانىلار ھەر ۋاقىت بالىلارنى باشقىلارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشكە ، باشقىلارغا ئاۋارىچىلىك تېپىپ بەرمەسلىكىكە يىتەكلەشكە دىققەت قىلىشى كېرەك ، ئائىلىدىمۇ قۇربى يېتىدىغان ئىشلارنى قىلىشنى ئۆگىنىشى ، بالىلارنى باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە مەدھىيىلەشكە ، ھەمبەھىرلىنىشكە يېتەكلىشى كېرەك ، ئىشنى كىچىك ئىشلاردىن باشلىغاندا ، چوڭ بولغاندا چوڭ ئىشلارنى قىلالايدىغان بولىدۇ.

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى