پەرزەنىت تەربىيسى

بىر شادىمان بالا تەربىيلەپ چىقىش ، ھەممىدىن مۇھىم

بىر شادىمان بالا تەربىيلەپ چىقىش ، ھەممىدىن مۇھىم
فىرانسىيەلىك پىسخولوگلار نەچچە مىڭ بالىنى 20 يىل ئىز قوغلاپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ، شادىمان بالىلار چوڭ بولغاندىن كېيىن تۇرمۇشتىكى ھەر خىل قىيىنچىلىقلارغا تېخىمۇ تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىنى ، شۇنداقلا جەمئىيەتتە ئۆزىنىڭ ئورنىنى توغرا تاپالايدىغانلىقىنى ، بەخت تۇيغۇسىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدىغانلىقىنى ؛ ئۈمىدسىز ، پاسسىپ بالىلار تېخىمۇ ئاسان قايغۇ-ھەسرەت ھېس قىلىپ ، مەكتەپ ، خىزمەت ، تەنھەرىكەت مەيدانلىرىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسى ھەمىشە ئۆزلىرىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىدىن تۆۋەن بولىدۇ ، سالامەتلىك ئەھۋالىمۇ نىسپەتەن ناچار بولىدىغانلىقىنى بايقىدى.

كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆز بالىسىنىڭ ئالدىنقىسى بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن . ئۇنداقتا ، ئاتا – ئانا ياكى ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، قانداق قىلغاندا پىسخىكىسى شادىمان ، قاراڭغۇلۇقتىن يىراق تۇرىدىغان بالا تەربىيلەپ چىققىلى بولىدۇ ؟ بىللە كۆرۈپ باقايلى !

1.ئىللىق خۇشال – خۇرام ئۆسۈپ يېتىلىش كەيپىياتى يارىتىش

بالىلارغا ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش بالىلارنىڭ شادىمان ۋە ئۈمىدۋارلىق پەزىلىتىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ ئاساسى . بىر تەرەپتىن ،مەيلى ئاتا – ئانىلار بولسۇن ياكى ئوقۇتقۇچىلار بولسۇن تىرىشىپ بالىلارغا ئىللىق ماددىي مۇھىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك ، بۇ خىل ئىللىقلىق مۇھىتتىكى بۇيۇملارنىڭ ھەشەمەتچىلىكى ، بېزىلىشىنىڭ مۇرەككەپلىكى ياكى رەڭدارلىقىدا ئەمەس ، بەلكى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئىزى بولىشى كېرەك ، بالىلار بىخەتەر ، خاتىرجەم مۇھىتتنى ھېس قىلىشى كېرەك .

يەنە بىر تەرەپتىن ، بىز بالىلارغا شەرتسىز مېھىر – مۇھەببەت ئاتا قىلىپ ، ئۇلارنىڭ قەلبىگە قۇياش نۇرى چېچىپ ، ئۇلارنىڭ قەلبى ئۈچۈن ئەركىن ، خۇشال بولغان « شادلىق بېغى » بەرپا قىلىشىمىز كېرەك . چۈنكى مۇھەببەت ۋە كۈلكىگە تولغان كەيپىياتتا ئۆسۈپ يېتىلگەن بالىلارنىڭ قەلبى ئازادە ، كەيپىياتى ئۈمىدۋار ، روھىي ھالىتى مۇلايىم بولىدۇ .

2. بالىلارغا تېخىمۇ كۆپ « كونترول قىلىش تۇيغۇسى » نى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك

ئامېرىكىلىق پىسخولوگ مارتىن :« كونترول قىلىش ھەركىتى ئوقۇش يېشىدىن بۇرۇنقى بالىلارنىڭ ئۈمۈدۋار پىسخىكىسىنى شەكىللەندۈرىدىغان تاۋلاش ئۇچىقى» دېگەن،كونتىرول قىلىش تۇيغۇسى بىلەن ئىقتىدارسىزلىق تۇيغۇسى نىسپىي بولىدۇ ، بىر ئىشنى ياخشى قىلغاندا ، كونترول قىلىش تۇيغۇسى ئاشىدۇ ؛ ئەكسىچە ، ئەگەر كۆپ قېتىم سىناپ بېقىپ مەغلۇپ بولسا ، ئىقتىدارسىزلىق تۇيغۇسى پەيدا بولۇشى مۇمكىن .

بالىلار كونترول قىلىش تۇيغۇسىنى باشتىن كەچۈرۈش ئۈچۈن، چوقۇم ئاۋۋال مەغلۇبىيەتنى ، كەيپىياتى ناچارلىق ۋە توختىماي سىناپ بېقىشىنى باشتىن كەچۈرۈشى تاكى مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچە داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك.شۇڭا، بالىلار ئىزدەنمەكچى بولغاندا، ئاتا ـ ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئۇلارغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت بېرىشى، ئۇلارغا ئىزدىنىش خاراكتېرىگە باي مۇھىت يارىتىپ بېرىشى، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرى ۋە ئىجادىيىتىنى دادىل جارى قىلدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك.

مەسىلەن:

بالا يول مېڭىشقا باشلىدى، بىز ئۆي جاھازلىرىغا بىخەتەرلىك قوغداش بۇلۇڭى چاپلاپ قويساقلا بولدى، ئۇنىڭغا بۇ يەرگە چېقىلىشقا بولمايدۇ، ئۇ يەردە مېڭىشقا بولمايدۇ دېمەسلىكىمىز كېرەك.

بالا ئېگىزگە يامىشىشنى سىناپ باققاندا، بىز يېقىنلا يەردە تۇرۇپ، بالىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا ھەر ۋاقىت ئىككى قولىمىزنى چىقىرىپ تۇرساق بولىدۇ، ھەرگىزمۇ ئۇنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى ئېكسپېدىتسىيە قىلىشىنى توسۇپ قالساق بولمايدۇ.

بالىلارغا ئوچۇق سوئال قويۇش، ئاندىن بالىلارنىڭ رەڭگارەڭ جاۋابىنى كۈتۈۋېلىش؛بالىغا ھەمراھ بولۇپ بىر« يېڭى ئويۇن» ئويناپ، بالىنىڭ قوماندانلىقىدا بىر مەيدان ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىش.

3. بالىلارغا ئاكتىپ پىسخىكىلىق بېشارەت بېرىش

پىسخولوگىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئەگەر بىز دائىم بالىلارغا ئاكتىپ پىسخىك بېشارەت بېرىپ تۇرساق، بالىلار كىشىنى تەقەززا قىلىدىغان ھەرىكەتلەرنى تېخىمۇ ئاسان ئىپادىلەپ بېرىدۇ؛ئەگەر دائىم بالىلارغا «سەلبىي بەلگە چاپلاپ» قويسا، ئادەتتە بالىلاردا ئۆزىنى خاتا تونۇش پەيدا قىلىپ قويىدۇ.مەسىلەن،« سەن ھەقىقەتەن قورقۇنچاق»، «سەن ھەقىقەتەن يارىماس» دېگەندەك گەپلەر، بالىلارغا ئۆزىنى ھەقىقەتەن قورقۇنچاق دەپ كۆرسىتىپ، كۆڭلىدە سەلبىي كەيپىياتنى يىغىپ قويۇپ، قاراڭغۇ، پاسسىپ روھىي ھالەتنى شەكىللەندۈرىدۇ.چوڭلارنىڭ بالىلار بىلەن بىللە تۇرۇشتا، بالىلارنى ئىمكانقەدەر كۆپرەك رىغبەتلەندۈرۈشى ۋە ماختىشىنى تەۋىسيە قىلىمىز، تەنقىد قىلىشىنى، تەنبىھ بېرىشى، ھەتتا بالىلارنى كەمسىتىشىنى تەۋسىيە قىلىمايمىز.

بالىسى ئۆزى يالغۇز بىر ئىستاكان سۈتنى كۆتۈرۈپ چىققاندا:

ئېھتىيات قىلىڭ، تۆكۈلۈپ كېتىدىغان بولدى!(خاتا)

ـ ـ ـ ياخشى تۇتۇپ ، ئاستا ـ ئاستا مېڭىڭ، بەك ياخشى كۆتۈردىڭىز!(توغرا)

بالىلار تاماق يېگەندە سۆرەلمىلىك قىلغاندا:

بولە تېز، بولە، باشقا بالىلار يەپ بولدى.(خاتا)

ۋاقىتنى چىڭ تۇتايلى، ئۈنۈمنى ئۆستۈرەيلى، ئاندىن بىز پالانى يەرگە بارساق بولىدۇ(توغرا)

4. دالا ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىش

سانسىزلىغان تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، تەنتەربىيە ھەرىكىتىگە دائىم قاتنىشىش بالىلارنىڭ تەن ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە بالىلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىغىمۇ پايدىلىق ئىكەن.ساغلام بەدەن ۋە تولۇپ تاشقان جىسمانىي كۈچ بالىلارغا ياخشى بولغان ئۆزلۈك تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ مىجەزىنى ئوچۇق ـ يورۇق قىلىدۇ.بۇنىڭدىن باشقا، بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، يۈگۈرۈش، سەكرەش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنىڭ ئۆزىلا ئىنتايىن قىزىقارلىق، بۇ بالىلارنىڭ خۇشاللىقىنىڭ مەنبەسى بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ بېسىمنى پەسەيتىپ، سەلبىي كەيپىياتنى چىقىرۋېتىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، بالىلار دالا ھەرىكىتى ئېلىپ بارغاندا، ئاتا ـ ئانىلار ياكى ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنى ئوخشاش بولمىغان كىچىك دوستلار بىلەن كۆپرەك ئويناشقا رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك، بۇنداق قىلىش ئۇلارنىڭ توغرا بولغان ھەمراھلار بىلەن بىللە ئۆتۈش ماھارىتىنى ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىپ، بالىلارغا ئوچۇق ـ يورۇق، كەڭ قورساق روھىي ھالەتنى ساقلاپ باشقىلار ۋە جەمىيئەتكە يۈزلىنىشنى ئۆگىتىشكە پايدىلىق.

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى