پەرزەنىت تەربىيسى

بالىغا قالايمىقان ئاچچىقلىنىشنىڭ زىيىنى ئويلىغىنىڭىزدىنمۇ ئېغىر

شامال گۈركىرەيتتى، بالا يىغلايتتى، ئانا ھۆركىرەيتتى.
ئۆيىڭىزدە دائىم مۇشۇنداق ئىشلار يۈز بىرەمدۇ؟
بىز دائىم بالىلارنى «كىچىك بومبا» دەيمىز، ئاچچىقى كىلىپ قالسا ئۆز ئورنىدا «پارتلاپ كېتىدۇ»، بالا بۇنداق بولغان يەردە ئانا قانداقمۇ ئۇنداق بولمىسۇن؟
خىزمەت بېسىمى، ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت، رېئاللىقتا تەشۋىشلىنىش، بالىلارنىڭ غىمى ھەممىسى ئانىنىڭ كەيپىياتىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدۇ، شۇڭا ئادەتتە ۋارقىراپ-جارقىراپ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئادەتلىنىدۇ:
ئۇخلىمسا_ۋارقىرايدۇ؛
تاماق يىمىسە_ۋارقىرايدۇ؛
مىسىلداپ ئىش قىلسا_ۋارقىرايدۇ؛
ئۇششۇقلۇق قىلسا_ۋارقىرايدۇ؛
…..

ئانا قەرەللىك بومبا دەپ قارامدۇ، يەنە كېلىپ بىردەملىكلا پارتىلايدىغاندەك ھېس قىلدىڭىزمۇ؟
ئەمما ۋاقىراپ، ئاچچىقلاپ بولۇپ ئۇنىڭ بىچارە ھالىتىنى كۆرۈپ يەنە پۇشايمان قىلىپ ئۆزىنى ئەيىپلەپ:
ـــ ئۇ تېخى بالا تۇرسا، نېمىشقا بۇنداق قىلغاندىمەن، ئۇنىڭغا ۋارقىرىمىسا بولمايدۇ! » دەيدۇ.
ـــ مەن قەسەم قىلىمەنكى، ياخشى ئانا بولىمەن، ھەرگىز بالىغا ئاچچىلاپ ۋاقىرمايمەن…. بىراق بۇنداق «ۋەقە» يەنىلا يۈز بىرىپ تۇرىدۇ.

ۋاقىراش تۇرمۇشتا ئادەتتىكى ئىشقا ئايلانغاندا، بالا چوقۇم دەسلەپتىكىگە ئوخشاش قورقۇپ كەتمەيدۇ، سىز ھەرقانچە ۋارقىرىسىڭىزمۇ ئۇلار پەقەت قۇلاق سالمايدۇ، ئەمما سىز داۋاملىق تېخىمۇ ئاچچىقلىنشىڭىز مۇمكىن.
ئەمەلىيەتتە، بىز ھەممىمىز تۇرمۇشتا ھەرقاچان مەڭگۈ يۇمشاق ئاۋازدا گەپ قىلىشقا ئامالسىز، بولۇپمۇ بالىلارغا ۋارقىرىماسلىق، ھەقىقەتەن بەك تەس.

بىر ئانا دوستلار چەمبىرىكىدە مۇنداق دېدى:« بالام بايا مەندىن تىل ئاڭلاپ تۇرۇپ، ھازىر يەنە «ئاپا»دەپ ئۆزىنى مىنىڭ باغرىمغا ئاتتى.»
بالا دائىم ئاتا-ئانىسىنى ئاسانلا ئەپۇ قىلىدۇ.
كۆپ ساندىكى ئاتا-ئانىلار بالىلارغا ۋاقىرايدۇ، ئەمما بالىغا ۋاقىراشنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالمايدۇ. ئۇ ئېلىپ كەلگەن «ۋاقىتلىق قولايلىق» نى دەپ، ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى مەسىلىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ.
سىز قانچە ۋارقىرىسىڭىز بالا شۇنچە دۆت، مىجەزى شۇنچە ناچار بولۇشى مۇمكىن.
گېرمانىيەدە بىر ناھايىتى داڭلىق رەسىملىك كىتاب« خاپا بولغان ھامان ھۆركىرەيدىغان ئانا» بار بولۇپ، بىر ئوماق پىنگۋىن بوۋاق بىزگە ئۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئاپىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئاجايىپ كەچۈرمىشنى سۆزلەپ بەردى.

«بۈگۈن ئەتىگەن، ئاپام ئاچچىقلانغان ھالدا ماڭا قاراپ ئاچچىقلانغان ھالدا ۋارقىراپ كەتتى.
نەتىجىدە، قورققىنىمدىن قېچىپ كەتتىم….ئۇچۇش جەريانىدا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىدىم.

ئەڭ ئاخىرىدا ئاچچىقلانغان ئاپام مېنى يەنە ئىزدەپ بېرىپ ماڭا كەچۈرۈڭ دېدى، مەنمۇ ئاپامنى كەچۈردۈم. » دېدى.

ئاتا-ئانىسىنىڭ ۋارقىرشىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بالىلارنىڭ قەلبى قورقۇنچ بىلەن تولغان، ھەتتا دىر-دىر تىتىرەيدىغان بولۇپ، ئۇلار رېئال دۇنيادىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ.
تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇزاق مۇددەتلىك تىل زوراۋانلىقى، بالىلارنىڭ چوڭ مېڭە قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىدىكەن.
«ئۇزاق مۇددەت» دېگىنىمىز، بىر يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشتۇرۇش، ئاز دېگەندە ئايدا بىر قېتىم بولۇشنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ خىل چوڭ مېڭە زەخىملىنىشنىڭ ئەڭ روشەن يۈز بېرىش باسقۇچى بەش ياشتىن توققۇز ياشقىچە بولىدۇ، ئەمما ئادەتتە بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدە كۆرۈلىدۇ.

ئاساسلىقى تۆت جەھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ئەقىل بۆلۈنمىسى تۆۋەنلەش، ئۆزىنى كونترول قىلىش كۈچى ئاجىز بولۇش، خامۇشلۇق، ھۇجۇم قىلىش خاراكتېرى كۈچلۈك بولۇش.
يامان مىجەز ئىچىدە چوڭ بولغان بالىلار ئاسانلا« ئاچچىقىنى چىقىرىش، زورلۇق كۈچ ئىشلىتىش» نى ئۆگىنىۋالىدۇ، ئەمما ئۈنۈملۈك پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ئاكتىپ يۈزلىنىشنى ئۆگىنىۋالالمايدۇ.
قانداق قىلغاندا بالىغا ۋارقىرىماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟\

01
بالىلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش
«بالا تەربىيەلەشتە ئەڭ مۇھىمى بالىنى ئۆزىنىڭ كىشىلىك قەدىر-قىممىتى بىلەن باراۋەر ئادەم دەپ قاراپ، ئۇلارغا چەكسىز غەمخورلۇق قىلىش كېرەك.»
بالىلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى بالىلارنىڭ مۇكەممەلسىزلىكىنى، ھەتتا نۇرغۇن كىچىك ئىللەتلىرىنى قوبۇل قىلىشتىن ئىبارەت.
نېمىلا دېگەن بىلەن بالا ماشىنا ئادەم ئەمەس، ئەگەر بىز بالىلار بىلەن بىللە بولغان ھەر بىر كۈننى ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈن دەپ قارىساق، ئۇنداقتا مېنىڭچە بالىدىكى كىچىك نۇقسانلار ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ.

« ھازىر، سېنىڭ ئۈستۈنلۈكىڭنى بايقايمەن» دېگەن كىتابتا، دۇنيادىكى ھەر بىر ئادەمنىڭ ئاز دېگەندە بىر تۈرلۈك ئىقتىدارى باشقا ئادەملەرنىڭكىدىن% 80 تىن كۈچلۈك بولىدىكەن، ئەمەلىيەتتە پەقەت% 20 كىمۇ يەتمەيدىغان ئادەم ئۇنى بايقىيالايدۇ ھەمدە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ئۆزىنىڭ ئۈستۈنلۈكىگە ئايلاندۇرالايدۇ، دېيىلگەن.
پەقەت كەڭ قورساق ۋە سەۋرچان بولۇپ، بالىنىڭ ئاددىي تەرىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى قازغان ۋە جارى قىلدۇرغاندىلا، بالا ئاندىن چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزغا ئايلىنالايدۇ.
بالىلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىشنىڭ ئىككىنچى قەدىمى، مەسىلىلەرگە بالىنىڭ نۇقتىسىدا تۇرۇپ قاراش.
خۇددى پېداگوگ پامېرا درۇكمان ئېيتقاندەك، بالىنىڭ ئالاھىدە ئىنكاسى بولغاندا، ئۇنىڭ ئارقىسىدا چوقۇم بىر سەۋەب بار»
كۆپىنچە ۋاقىتلاردا، بالىلار ئىش ئۇقمايدىغان ياكى قەستەن بىزنى خاپا قىلغان ئەمەس، ئۇلار پەقەت ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىنى ئىپادىلەيدۇ، ياكى باشقىلار بىزنىڭ مەقسىتىمىزنى ئانچە چۈشەنمەيدۇ.

02
«ۋاقىتلىق توختىتىش كۇنۇپكىسى» نى بېسىش
ۋاقىراشنىڭ ئورنىغا توغرا ئۇسۇل تېپىشتىن بۇرۇن، ئەڭ مۇھىمى، ئالدى بىلەن ۋاقىرماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش، بۇ راستتىنلا ئۇنچىۋالا تەس ئەمەس.
ھەر قېتىم بالىنىڭ چىشىغا تېگىپ قويغاندا، ياكى بىر ئېغىز ئارتۇق گەپ قىلىپ باشقىلارغا ئازار بېرىپ قويسام، ئاۋۋال ئۆزۈمنى توختىتىپ تۇرۇشقا تىرىشىمەن.

بالكونغا چىقىپ دېرىزە سىرتىدىكى بۇجغۇر بۇلۇتلارغا قاراپ، كەيپىياتىمنىڭ ياخشىلشىنى ساقلايمەن.
مېنىڭ بىر دوستۇم بار، ھەر قېتىم بالىنىڭ كەپسىزلىك قىلغىنىنى كۆرگەندە، قولىنى، يۈزىنى مەجبىۇرىي سوغۇق سۇدا يۇيۇپ، ئاندىن ئەينەككە قاراپ چوڭقۇر نەپەس ئالىدۇ.
ئۇنىڭ دېيىشىچە بۇ ئۇسۇل بەك كارغا كېلىدىكەن، چۈنكى بۇ ۋاقىتنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئۇنىڭ قورسىقىدىكى ئاچچىقنى باسىدىكەن.

03
بالىغا بوشراق گەپ قلىشنى ئەسكەرتىپ قويۇش
بالىغا ئالدىن: ئەگەر ئاپىڭىز يۇقىرى ئاۋازدا گەپ قىلسا، سىز ئاپىڭىزغا بوشراق گەپ قىلىشنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ، دەڭ.
بالا سىزنى ئەسكەرىتكەندە، سىز بوش ئاۋازدا گەپ قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرالىسىڭىز، سىز بالىغا بوش ئاۋازدا گەپ قىلىشنى ئىيىتقاندا بالىمۇ چوقۇم ئاڭلايدۇ.

04
بالىنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ ئويلىنىش
ئورۇن ئالماشتۇرۇپ تەپەككۇر قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىش، بالىلار نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئويلىنىشنى بىلىش، بالىلار بىلەن ئورتاق ھېسسىياتتا بولۇش كېرەك.
مىكروسوفتنىڭ 3-نۆۋەتلىك باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ساتىيا نادېللا بالا بىلەن ئوخشاش ئورۇندا تۇرۇپ ئويلىنىشقا ئىنتايىن ماھىر.

05
قائىدە تۇرغۇزۇش
كۆڭلىدە قائىدە يوق بالىلاردا ھەمىشە ئەيمىنىش تۇيغۇسى كەمچىل بولىدۇ.
بالىلارغا قائىدە تۇرغۇزۇش، بالىلارغا قائىدىگە رىئايە قىلىشنى ئۆگىتىش، بالا بېقىش يولىدىكى ئەڭ ئەھمىيەتلىك ھەم ئەڭ قىيىن ئىش. قائىدە تۇرغۇزۇشتا ئاتا-ئانىلار مۇلايىم ۋە قەتئىي پوزىتسىيەدە چىڭ تۇرۇشى، ئىدراك بىلەن ھېسسىيات تەڭ مەۋجۇت بولۇشى كېرەك.
بالىغا سۆيۈلگەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش، لېكىن يەنىلا قائىدىگە رىئايە قىلىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىش، شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن قەلبىدە مۇھەببەت بولىدۇ.
ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي ۋارقىرىدىم، قانداق قىلىمەن؟

نۇرغۇن ئانىلار سۆز قالدۇرۇپ، بالىلارنىڭ قىلىقىغا بەزىدە ئادەم چىدىيالمايدۇ، ئۆزىنىڭ مىجەزىنى كونترول قىلالمىغاچقا، ئاسانلا ۋارقىراپ كېتىدۇ، ئەمما دائىم ۋارقىراپ بولۇپ، يەنە پۇشايمان قىلىدۇ، دېدى.
كۆڭلىدە ۋارقىرىماسلىق كېرەكلىكىنى ئېنىق بىلىپ تۇرسىمۇ، ئەمما بۇ ئىشنى قىلىش تېخىمۇ تەسكە توختايدۇ.
بالا باققاندا، بىز ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەيپىياتىمىزنى كونترول قىلىشىمىز كېرەك، لېكىن پەقەت ئاچچىقلانمايمىز، ۋارقىرىمايمىز دىسەك بىز بەلكىم راستتىنلا قىلالماسلىقىمىز مۇمكىن!
بالىغا ئاچچىقلانماسلىق بالىنىڭ ئالدىدا ھېچقانداق كەيپىيات بولمىسا بولمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس، بۇنداق قىلىشمۇ ساغلام ئەمەس.
بالىغا ئانىسىنىڭ ئادەتتىكى ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش، ئاچچىقلىنىش،مۇلايىم بولۇش، قائىدە سۆزلەش، بەزىدە ئۆز بېشىمچىلىق قىلىش، ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى بېسىش، بالىغا بىر« مۇكەممەل ئانا» بېرىش تېخىمۇ مۇھىم.

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى