شىپالىق رېتسىپلار

تۇرمۇشتىكى ئەپچىل 10خىل يەرلىك رىتسىپ


1. ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا بىر پارچە ئاپېلسىن پوستىنى 15 مىنۇت ئەتراپىدا شوراشنى ئۈچ قېتىمدىن بەش قېتىمغىچە داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە، خورەك تارتىش ۋە چىش غۇچۇرلىتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

2. ئىسپىرت ياكى يۇقىرى گىرادۇسلۇق ئاق ھاراقنى پاختا بىلەن قۇلاق ئىچىگە سۈرۈپ قويسىلا قۇلاق قىچىشىشنى توختىتىدۇ.

3. بەرەڭگىنى نېپىز توغراپ يېنىكرەك جاراھەتلەنگەن جايغا چاپلاپ بەرسە جاراھەت تىز ساقىيىدۇ، جاراھەت ئېغىر بولسا بىرنەچچە قېتىم ئارتۇق چاپلاپ بەرسىلا ساقىيىپ كېتىدۇ.

4. قىش كۈنلىرى بەلغەمسىز قۇرۇق يۆتەل بولغانلار سېرىق ئەمەن بىلەن تۇخۇمنى تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، كۈنجۈت يېغىدا پىشۇرۇپ ئىسسىقىدا يەپ ئۇخلاپ تەرلىسە ئەتىسى ساقىيىپ قالىدۇ

5. كۈندە كەچتە ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا يۈزنى پاكىز يۇيۇپ، يېڭى تەرخەمەك شىرنىسىدىن بەش گىرامنى بىر تۇخۇمنىڭ ئېقى بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ يۈزدىكى قورۇقلارغا سۈرۈپ،
ئەتىسى ئىلمان سۇ بىلەن پاكىز يۇيۇۋېتىپ يېرىم ئايدىن بىرەر ئايغىچە داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە، بوشاپ كەتكەن تېرىلەر چىڭىتىپ، قۇرۇقلار كۆرىنەرلىك ئازىيدۇ.

6. يۇقىرى قان بېسىمى بار كىشىلەر-30 گىرام بانان پوستىنى قۇرۇتۇپ، قاينىتىپ، كۈندە ئۈچ قېتىمدىن بىر ئاي ئىچىپ بەرسە ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ. يەنە بىرسى كۈندە 15 گىرام لوپنۇر كەندىرىنى چاي دەملەپ ئىچىپ بەرسە ياكى كۈندە 15 گىرام ئاق شاكال يوپۇرمىقىنى چاي دەملەپ ئىچىپ بەرسە يېرىم ئايدا ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ.. يەنە كۆممىقوناق پۆپۈكىنى چاي دەملەپ ئىچىپ بەرسە تېخىمۇ ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.

7 . تۆۋەن قان بېسىمى بار كىشىلەر چۈچۈكبۇيدىن 20 گىرام، قوۋزاقدارچىندىن 40 گىرام ۋە دارچىندىن 40 گىرامنى ئارىلاشتۇرۇپ چاي دەملەپ ئىچىپ بەرسە بىر ھەپتىدە ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ.

8. قان قويۇق ۋە قاندا ماي ماددىسى ئارتىپ كەتكەن كىشىلەر، ئالقاتتىن ئون گىرام، كۆپ گۈللۈك قامچىئوت، سانا دولانانىڭ ھەرقايسىسىدىن 15 گىرام، چۆل يالپۇزىدىن 20 گىرامنى سۇدا قاينىتىپ كۈنىگە ئىككى قېتىمدىن تۆت باسقۇچ بىر ئاي ئىچىپ بەرسە ساقىيىپ كىتىدۇ. يەنە بىرسىگە دولانا ئاق شاكال يوپۇرمىقى قامچىئوتلارنىڭ ھەر قايسىسىدىن 15 گىرامدىن ئارىلاشتۇرۇپ چاي دەملەپ ئىچىپ بەرسە، ئىككى ئايدا ساقىيىپ كېتىدۇ.

9. 50 گىرام كۈدە يىلتىزىنى يانچىپ، سۈيىنى چىقارغاندىن كېيىن ئازراق بورنېئول قوشۇپ قۇلاققا تېمىتىپ بەرسە، ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغىغا ئالاھىدە شىپا قىلىدۇ.

10. رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغى بار كىشىلەر 100 گىرام مۇچنى ئىككى جىڭ ئاق ھاراققا يەتتە كۈن چىلىغاندىن كېيىن يەرلىك ئورۇنغا كۈندە ئۈچ قېتىمدىن سۈرۈپ بەرسە، يېرىم ئايدىلا ئۈنۈمىنى كۆرىدۇ.

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى