پەرزەنىت تەربىيسى

بالىلارنى تېخىمۇ دۆتلەشتۈرىۋېتىدىغان ئالتە ئادەت

1. تېلېۋىزورغا بېرىلىپ كېتىش
ئۆتكەن يىللارغا قارايدىغان بولساق بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ھەمراھ بولىدىغىنى سوغۇققىنە تېلېۋىزور ۋە ئېلىكتىر مەھسۇلاتلىرى بولىۋاتىدۇ، بالىلارنى بېقىش ئۈچۈن تېلېۋىزور ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشىغا ئايلىنىپ قالدى، تېلېۋىزور بىلىپ-بىلمەي ئائىلىدىكى «بالا باققۇچى»غا ئايلىنىپ قالدى. بالىلار سىرتقا چىقىپ ئوينايمەن دەپ جېدەل قىلغاندا ئۇلارغا تېلېۋىزورنى ئېچىپ بەرسەك ئۇلار تىنىچ ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرىدۇ، بالىلار تاماق يېگىلى ئۇنىمىغاندا، ئۇلارغا تېلېۋىزورنى ئېچىپ بەرسەك، بىر تەرەپتىن تېلېۋىزور كۆرگەچ تامىقىنى يەيدۇ، بالىلار تاپشۇرۇق ئىشلىمىگەندە، ئاۋال تاپشۇرۇق ئىشلەپ بولساڭ ئاندىن تېلېۋىزورنى ئېچىپ بېرىمەن دېسەكلا ئۇلار تاپشۇرۇقىنى ناھايىتى تېز ئىشلەپ تۈگىتىدۇ، بالىلار ئانىسىنىڭ ئائىلە ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش، دادىسىنىڭ خىزمەت ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، پەقەت تېلېۋىزوردىن خۇشاللىق ئىزدەيدۇ. نەتىجىدە بالىلار تېلېۋىزورغا ئاشىق بولۇپ قالىدۇ، ئۆزىنى تارتالمايدۇ، ئەمىليەتتە بالىلار ئاتا-ئانىلارنىڭ غەمخورلىقىغا، كۆڭۈل بۆلىشىگە ئېرىشەلمىگەنلىكتىن خۇشاللىقىنى تېلېۋىزوردىن ئىزدەيدۇ.
ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارغا ھەمراھ بولىدىغان ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا بالىلارنىڭ تېلېۋىزور كۆرىدىغان ۋاقتى شۇنچە ئاز بولىدۇ. تېلېۋىزور كۆرۈش مەسىلىسىگە كەلسەك، ئاتا-ئانىلار بالىلارغا مەزمۇننى تاللاپ بېرىشى، ئۇلارنى تېلېۋىزور كۆرۈش ۋاقتىنى قاتتىق كونترول قىلىشى، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن ئېشىپ كەتكەندە بالىلارنى مۇۋاپىق ئۇسۇلدا جازالاش ئارقىلىق ئۇلارنى تەلەپكە كۆندۈرۈش لازىم.

2. ۋاقچى ئۇخلاش
ۋاقچى ئۇخلاش بالىلارنىڭ بوي ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، بالىلارنى ئاسان ئاچچىقلىنىپ، يىغلايدىغان، كەيپىياتى تۇراقسىز قىلىپ قويىدۇ، بالىلارنىڭ ئۇيقۇسى ئۇلارنىڭ كەيپىياتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، بالىلارنىڭ ئۇيقۇسى كېلىپ ئۇخلىيالمىغاندا ئاچچىقى بەك يامان بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كېيىن ئۇخلاش بالىلارنىڭ ئەقلى قابىىيىتىگە تەسىر كۆسىتىپ، ئىككىنچى كۈنىدىكى نۇرمال ئۆگىنىش قىلىشىغا توسالغۇلىق قىلىدۇ، بالىلارنىڭ دۆت بولۇپ قېلىشى چوڭ نىسبەتتە ئۇيقۇ يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن بولىدۇ.
بالىلار ھارغاندا ئەمەس بەلكى ھەر كۈنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئۇخلاش لازىم، ئاتا-ئانىلار ئۆزى ئۈلگە بولۇشى، بالىلار بىلەن بىللە ئۇخلىشى، ھەرگىزمۇ يېتىپ يانفون ئويناپ بالىلارغا يامان تەسىر بەرمەسلىكى لازىم.

3. ھەددىدىن ئارتۇق كەمتەرلىك
بالىلار مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندا ئۇلارنى مۇۋاپىق ئۇسۇللار بىلەن رىغبەتلەندۈرۈش، ھەرگىزمۇ يەنە تەلەپنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقىنى ئىنكار قىلماسلىق لازىم.
بالىلار مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئېرىشكەندە تېخىمۇ تىرىشىدۇ، ئالغا ئىلگىرلەشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئېرىشىدۇ، شۇڭلاشقا ئاتا-ئانىلار داۋاملىق تەلەپنى يۇقىرى كۆتۈرۈۋەرمەي، ئۇلارغا مەدەت بېرىش لازىم.

4. گەپ-سۆز زوراۋانلىقى
بالىلار چوڭ بولۇش جەريانىدا ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرىدىغان ئىشلارنى قىلىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، بەزىدە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ئاچچىقلاپ سېلىشىنىمۇ توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ.
دائىم بالىلارغا ھەمراھ بولۇپ تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتقان ۋاقىتتا مۇنداق گەپلەرنى ئاڭلاپ قالىمىز :
«ئەمدى تاپشۇرۇق ئىشلىمىسەڭ، مەن راستتىنلا ئاچچىقلىنىپ قالىمەن جۇمۇ ! »
«باشقىلارنىڭ بالىلىرى ئۆزلىكىدىن تاپشۇرۇق ئىشلەپ شۇنداق گەپ ئاڭلايدىكەن، سەنمۇ شۇلارنىڭ يېرىمىنى دورىغان بولساڭ!»
«بۇ سوئالنى ساڭا نەچچە قېتىم چۈشەندۈرۈپ قويدۇم، نېمىشقا يەنە خاتا ئىشلىدىڭ، بەك دۆتكەنسەن !»
بالىلار ھەرگىزمۇ تۇغۇلۇشىدىنلا دۆت ئەمەس، بەلكى ئاتا-ئانىلارنىڭ كەينى-كەينىدىن ئىنكار قىلىشى، ئەيىبلىشى سەۋەبىدىن ئۆزىدە «مەن بەك دۆت» دەيدىغان ئوي شەكىللىنىپ قالىدۇ، بۇنداق گەپلەر ئارىسىدا چوڭ بولغان بالىلار بەزىلىرى ئاستا-ئاستا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىگە بەرگەن باھاسىنى قوبۇل قىلىدۇ، يەنە بەزىلىرى «مەن شۇنداق دۆت، دۆتلىكىمنى ئەمدى كۆرىسەن!» دېگەن ئوي بىلەن ئاسىيلىق پىسخىكىسى شەكىللىنىپ قالىدۇ. نەتىجىدە ھورۇنلۇق بىلەن قابىليەتسىزلىك بالىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئايلىنىدۇ، نەتىجىدە بالا راستتىنلا دۆت بولۇپ قالىدۇ.

5. ھەممە ئىشنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش
بالىلارغا ياخشى بولغان ئۆگىنىش شارائىتى يارىتىپ بېرىش، بالىلارنىڭ پۈتۈن زېھنىنى ئۆگىنىشكە قارىتىشى ئۈچۈن، بەزى ئاتا-ئانىلار تۇرمۇشتىكى ھەممە ئىشنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ بالىلار ئۈچۈن ھەممىنى قىلىپ بېرىدۇ. مەكتەپكە بېرىشتىن بۇرۇن چىش چوتكىلاش، يۈز يۇيۇش، كىيىم كىيىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئاتا-ئانىلار بالىلارغا قىلىپ بېرىدۇ، مەكتەپكە بارغاندىن كېيىنمۇ يەنە ئاتا-ئانىلار قىلىدۇ، ئەمىليەتتە بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بالىلار ئۆزى قىلالايدۇ.
ئەمىليەتتە ئۆگىنىش ئادىتى بىلەن تۇرمۇش ئادىتى بىر-بىرىگە زىچ باغلانغان بولىدۇ، ياخشى تۇرمۇش ئادىتى بار بالىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىمۇ يۇقىرى بولىدۇ، شۇڭلاشقا بالىلاردا ئۆزىگە تايىنىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈش لازىم.

6. بالىلارنى ئازراقمۇ زىيان تارتقۇزماسلىق

كىچىك ئىشلاردىمۇ زىيان تارتىشنى خالىمايدىغانلا چوقۇم چوڭ ئىشلاردا زىيان تارتىدۇ، ئەگەر ئاتا-ئانىلار بالىلارنى ئازراقمۇ زىيان تارتقۇزۇشقا چىدىمىسا ئاقىۋەتتە جەمئىيەت بالىلارنى زىيان تارتقۇزىدۇ.
بىر كۈنى ئوغلى يانفونغا قاراپ ئاچچىقلاپ بىراۋنى تىللاۋاتاتتى، دادىسى ئۇنىڭدىن نېمىش بولغانلىقىنى سورىدى، بالا :
-دوستۇم مەندىن 500 يۈەن ئارىيەت ئالغان، بىر نەچچە كۈندىن كېيىنلا قايتۇرۇپ بېرىمەن دېگەنتى، مانا بىر ئاي بولدى تېخىچە پۇلۇمنى بەرمەيۋاتىدۇ.
بالىسىنىڭ ئاچچىقلاپ كەتكىنىگە قاراپ دادا :
-بالام، سەن ئىنتايىن تەلەيلىك ئىكەنسەن، 500 يۈەن بىلەن ھاياتىڭدىن بىر دوستۇڭنى ئۆچۈرۈۋەتتىڭ، ئۇ ئەمدى سېنى ئاۋارە قىلمايدۇ، سەندىن پۇلمۇ سوراپ يۈرمەيدۇ، ئۇ 500 يۈەن ئۈچۈن ئاراڭلاردىكى دوستلىقنى بۇزۇشقا چىدىغان ئىكەن، ئۇ ئۇنىڭدىنمۇ قەبىھ ئىشلارنى قىلىشتىن يانمايدۇ، بۇ ساڭا نىسبەتەن ئەرزان ھەم قىممەتلىك ساۋاق بوپتۇ-دېدى.
ئاتا-ئانىلارمۇ بالىلارغا ئوخشاش ياخشى بولغان تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى لازىم، ئەقىللىق ئاتا-ئانىلارلا ئەقىللىق بالا تەربىيەلەپ چىقالايدۇ.

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى