پەرزەنىت تەربىيسى

بالىنىڭ بۇ ئالتە يېرىگە ھەرگىز ئۇرماڭ!

بالىنىڭ بۇ ئالتە يېرىگە ھەرگىز ئۇرماڭ!بىرىنچىسى جانغا زامىن بولىدۇ، ئىككىنچىسى قىزىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ!
ياشانغانلار دائىم: بالىنى ئۇرغاندا ئارقا مېڭىسىگە ئۇرسا بولمايدۇ، ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولىدۇ، دەيدۇ. ئىلگىرى ھەمىشە بۇنى مىش ـ مىش گەپتەك ھېس قىلىپ ئىشەنمەيتىم!
بىر خەۋەرنى كۆرگەندىن كېيىن ئاندىن چۈشەندىم:
بىر كاچات ئۇرسا، راستتىنلا ئادەم ئۆلىدۇ!
بۇ خەۋەر ھېلىمۇ ئېسىمدە:
مەلۇم بىر ئانا سەككىز ياشلىق قىزىنىڭ تاپشۇرۇق دەپتىرىنى تەكشۈرۈپ، نۇرغۇن خاتا ئىشلەنگەن سۇئاللارنى بايقىغان، شۇ چاغدا ئاچچىقىدا بىرنى ئۇرغان،بۇ بىر كاچات قىزىنىڭ ئارقا مېڭىسىگە تەگكەن.
كېيىنچۇ؟
كېيىن قىزنىڭ بېشى ئاغرىپ ياندۇرۇپ، دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىندى.
ئەمما بۇنىڭ پايدىسى بولمىدى، سەككىز ياشلىق قىز يەنىلا بۇ گۈزەل دۇنيادىن ئايرىلدى.
ئادەت خاراكتېرلىك بىر ھەرىكەت بالىنى جېنىدىن ئايرىدى، بۇ ھەرقانچە پۇشايمان قىلسىمۇ ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان ئىش.
بەزى زىيانلار كېلىپ چىقسا، مەڭگۈ تولۇقلىغىلى بولمايدۇ.
بالا خاتا ئىش قىلىپ قويسا، بەزى يەرلىرىگە راستتىنلا ئۇرسا بولمايدۇ، بۈگۈن بىز مۇشۇ توغرىسدا پاراڭلىشىپ باقايلى.
راست، ئاتا ـ ئانىلار ھەرقانچە خاپا بولسىمۇ، بالىنىڭ بۇ ئالتە يېرىگە ئۇرۇشقا بولمايدۇ، بولمىسا ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ!

1.ئارقا مېڭە
ئارقا مېڭىگە جىسمانىي ۋە ئەقلىي جەھەتتىن يېتىلىش نېرۋا سىستېمىسى تارقالغان بولۇپ، ئەگەر ئاتا ـ ئانىلار قاتتىق قول سالسا، بالىلارنىڭ نېرۋا سىستېمىسىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، ئەقلىي ئىقتىدارىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
داڭلىق نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسى سۈن جېڭ مۇنداق دېدى:« ئارقا مېڭە، ئادەمنىڭ نەپەسلىنىش مەركىزى شۇ يەردە، ( يەنى ) ئۇزۇنچاق مېڭە ، ئەگەر ئۇرغاندا، نەپەسلىنىش مەركىزى سىلكىنىپ كەتسە، نەپەس زەئىپلىشىش ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بالىنىڭ باش قىسمىغا ( ئارقا مېڭىسىگە ) ئۇرۇش ئۆلتۈرۈش كۈچى ئەڭ زور قىلمىش.
قۇرامىغا يەتكەنلەر خەتەرگە يولۇققاندا، بىرىنچى بولۇپ باش قىسمىنى قوغدايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىچىك بالا تۇرسا.

2.كاسسا.
نۇرغۇن ئاتا ـ ئانىلار بالىلارنىڭ ساغرىسىدا گۆش كۆپ بۇ ئورۇننى ئۇرسا ھىچنىم بولمايدۇ دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئىنتايىن خاتا قاراش.
بالىنىڭ ساغرىسىغا ئۇرۇش ئارقا مېڭىسىگە ئۇرۇشقا ئوخشاش قورقۇنچلۇق!


بىر دوستۇم بالىنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقاندا، بالا ئۇنىڭ بەك ئاچچىغىنى كەلتۈرۈپتۇ ،شۇنىڭ بىلەن ئۇ بالىنى كۆتۈرۈپلا ساغرىسىغا ئۇرۇپتۇ.
بالىنى ئۇرغاندا پۇخادىن چىققان بولسىمۇ، بىراق ئارقىدىنلا بالا قاتتىق يىغلاپ، ئۆزىنىڭ ھەم ئىچى ئاغرىغان ھەم كۆڭلى يېرىم بولغان. نەتىجىدە، بالا شۇ كۈنىلا قىزىپ قالدى، 38.8 گىرادۇس!
دوستۇم بالىسىنى كۆتۈرۈپ دوختۇرخانىغا بېرىش يولىدا تولىمۇ پۇشايمان قىلدى.


ئاتا ـ ئانىلار بالىنىڭ ساغرىسىغا ئۇرسا، چوڭ كۆلەمدىكى يۇمشاق توقۇلمىلارنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، ئېغىر بولغاندا مېڭە غولىنىڭ زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ خىل يارىلىنىش، يەنە ئاسانلا جىددىي خارەكتىرلىك بۆرەك ئىقتىدارى زەئىپلىشىش سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3.دۈمبىسى
بەزى ئاتا ـ ئانىلار بالىنىڭ دۈمبىسىگە قاتتىق بىر ئۇرۇپ، بالىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ.

ئۇلار ھەمىشە بالىنىڭ دۈمبىسىنى بىر ئىككى قېتىم ئۇرسا ھېچنېمە بولمايدۇ دەپ ئويلايدۇ.
ھېچنېمە بولمىدىمۇ؟
بالىنىڭ دۈمبىسى بەدەننىڭ تىرىكى بولۇپ، ئومۇرتقا نېرۋىسىغا تارقالغان، ئەقلىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن يېتىلىشتىكى مۇھىم نېرۋا سىستېمىسى!
ئەگەر بالىنىڭ دۈمبىسىگە دائىم ئۇرۇپ بەرسە، ياكى كۈچى ئېشىپ كەتسە، ئومۇرتقىنىڭ زەخمىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، ھەتتا پالەچ بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
ئەگەر تېرە ئاستى قاناپ، بۆرەك كىچىك نەيچىسى توسۇلۇپ قالسا بۆرەك زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
4.كاچىتىغا ئۇرۇش
جۇڭگولۇقلاردا ئادەم ئۇرغاندا يۈزىگە ئۇرمايدۇ دەيدىغان گەپ بار، ئەمەلىيەتتە كىچىك بالىلارمۇ بىلىدۇ.


بالىنى بىر كاچات سېلىش بالىنىڭ غۇرۇرىغا تېگىدۇ، بۇ بەلكىم بالىنىڭ بىر ئۆمۈر يوقاتقىلى بولمايدىغان كۆلەڭگىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
ئۇنىڭدىن باشقا، شاپىلاق ئۇرغاندا بالىلارنىڭ قۇلىقى ۋە ئەتراپىدىكى نېرۋىلار ئاسانلا زەخىملىنىپ، ئاڭلاش سېزىمى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ.
بەك كۈچەپ كەتكەندە، يەنە بالىدا قىسقا ۋاقىتلىق ياكى مەڭگۈلۈك قۇلاق غوڭۇلداش، ھەتتا گاس بولۇپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

5.قۇلاقنى سوزۇش
نۇرغۇن ئاتا ـ ئانىلار قۇلىقىنى تولغاپ قويۇشنى كىچىك ئىش دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە، بالىلارنىڭ قۇلىقىنى تولغىغاندا قۇلاق پەردىسى ئاسانلا زىيانغا ئۇچرايدۇ.


ئاقىۋىتى ئېغىر بولسا، قۇلاق ئىچى قاناش، ئاغرىش، قۇلاق غوڭۇلداش، ئاڭلاش ئىقتىدارىدىن قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، قۇلاق تېرىسى ئاستىدا كۆپ مىقداردا نېرۋا بار بولۇپ، ئىنتايىن سەزگۈر، تارتقاندا ناھايىتى كۈچلۈك ئاغرىقنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.
ئەگەر بەك كۈچەپ كەتسە، بالىنىڭ بېشى قېيىپ كېتىدۇ، يەنە نېرۋا خاراكتېرلىك شوك بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.
6.قورساق
بالىنىڭ قورسىقىدا بارلىق ئىچكى ئەزالار يوشۇرۇنغان بولىدۇ.
بولۇپمۇ قىزلار، يەنە بالىياتقۇنىڭ مەۋجۇت بولۇشى، ئەگەر قىزلارنىڭ بالىياتقۇسى غايەت زور زەربىگە ئۇچرىسا، ئۇنداقتا كېيىن ھامىلدار بولالماسلىق نىسبىتى چوڭ بولىدۇ.
بەلكىم بۇ يەرنى كۆرۈپ،ئانىلار يەنە گۇمانلانغان بولۇشى مۇمكىن:
بۇيەرگە ئۇرغىلى بولمايدۇ، ئۇيەرگە ئۇرغىلى بولمايدۇ، ئۇنداقتا زادى قەيەردە ئۇرغىلى بولىدۇ؟
بۇنداق بولغاندا، بالا خاتالىق ئۆتكۈزسە قانداق تەربىيە قىلىش كېرەك؟
بەلكىم، بۇ بىر قانچە ئامال سىزگە ياردەم قىلالىشى مۇمكىن!

1.ئۆزىڭىزنى تىنچلاندۇرۇڭ.
«مۇھەببەت چوڭقۇربولسا، مەسۇلىيەتمۇ چوڭقۇربولىدۇ»، بالىلار خاتالىق ئۆتكۈزگەندە، ئاتا ـ ئانىلار كۆپىنچە ھاللاردا كۆڭلىدىكى غەزەپ ئوتىنى باسالماي،بېرىپلا ئۇرۇپ كېتىدۇ.
نەتىجىدە، مەسىلە ھەل بولماي، بالىغا ئازار بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئىچى ئاغرىغان ھەم پۇشايمان قىلغان.
بالا خاتالىق ئۆتكۈزگەندە، ئەگەر ئۈچ قېتىم چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، ئۆزىنى تىنچلاندۇرسا، ئاز كۈچ بىلەن كۆپ ئىش قىلغىلى بولىدۇ.
ئەگەر يەنىلا ئاچچىقىنى باسالمىسا، دەرھال ھاجەتخانىغا كىرىپ، ئۆزىنى بېسىۋېلىپ، ئاندىن بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلسا، بەلكىم ياخشى نەتىجە چىقىشى مۇمكىن.

2.جازالاشنىڭمۇ ئۇسۇلى بار
ئەگەر مۇمكىن بولسا، مەن سىزگە نەسىھەت قىلاي ھېچ يەرگە ئۇرماڭ!
ئەگەر ئۆزىنى تۇتالماي ئۇرماقچى بولسا، ئالقىنىغا مۇۋاپىق ئۇرسا بولىدۇ.
بەلكىم يەنە باشقا جازالاش ئۇسۇللىرى تېخىمۇ قىزىقارلىق بولۇشى مۇمكىن: ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلىرىنى مۇسادىرە قىلىش، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشقا ياردەملەشكۈزۈش، بالدۇر ئۇخلاش، سىرتقا چىقىپ ئويناشقا رۇخسەت قىلماسلىق قاتارلىقلار.
بالىنىڭ« ئەجەللىك يېرى» نى تۇتقاندىلا، ئاندىن جازالاشنىڭ تېخىمۇ پايدىسى بولىدۇ!
3.قائىدە ـ تۈزۈم بېكىتىپ ئورتاق رىئايە قىلىش
ئاخىرىدا، بالا بىلەن مەسلىھەتلىشىپ «جازالاش كېلىشىمى» تۈزۈپ، بالىغا خاتالىق ۋە ئاقىۋەتنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ، بۇنداق قىلمىشنىڭ قايتا يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش.
مەسىلەن، ئاتا ـ ئانىلار ئەستايىدىللىق بىلەن بالىغا «بۇ ئىش توغرا ئەمەس، بىرىنچى قېتىم كەچۈرۈشكە بولىدۇ، ئىككىنچى قېتىم جازالاش تەدبىرى قوللىنىمەن، پارچە پۇلىڭىزنى مۇسادىرە قىلىشىم مۇمكىن» دەپ ئېيتسا بولىدۇ.
يەنە بالىلار بىلەن بارماق ئىلىشتۈرۈپ ياكى بارماق بېسىشىپ، بۇ كېلىشىمنى تېخىمۇ مۇراسىم تۇيغۇسىغا ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.
بالا تەبىئەت ئاتا قىلغان سوۋغات، قىممەتلىك ھەم ئاسراشقا ئەرزىيدۇ.
ئاتا ـ ئانا بولۇش بىر مەيدان بىلىمىنى تاكاموللاشتۇرۇش.
كالتەك-توقماق ئاستىدىن ۋاپادار بالا چىقىشى ناتايىن، بىز بالىلار بىلەن بىللە ئۆسۈپ يېتىلىشىمىز كېرەك.


ئانىلار ! بالا خاتالىق ئۆتكۈزگەندە، سىز قانداق قىلىسىز؟

سىز بالىنى ئۇرامسىز؟ ئەگەر ئۇرسىڭىز، بۇنى كۆرۈپ بېقىڭ.

سىز بالىنى ئۇرامسىز؟ ئەگەر ئۇرسىڭىز، بۇنى كۆرۈپ بېقىڭ.
بالا تەربىيىلەشتە، بالىنىڭ مىجەز-خاراكتېرىنىڭ نۇقسانلىرىنى چۈشەنگەندىلا، ئاندىن بالىنى چۈشەنگىلى ۋە قوبۇل قىلغىلى، شۇ ئارقىلىق بالىلارنى ئۇلار بىلەن ئىناق ئۆتۈشكە يېتەكلىگىلى بولىدۇ.

ئادەمنىڭ خاراكتېرى توققۇز خىل ئاساسىي تىپقا ئىگە: 1. مۇكەممەل تىپىدىكىلەر؛2. باشقىلارغا ياردەم بېرىش تىپىدىكىلەر؛3. مۇۋەپپەقىيەت تىپىدىكىلەر؛4. ئۆزلۈك تىپىدىكىلەر؛5. ئەقلىي قابىلىيەت تىپىدىكىلەر؛6. ساداقەتمەنلىك تىپىدىكىلەر؛7. ھەركەتچان تىپىدىكىلەر ؛8.رەھپەر تىپىدىكىلەر ؛9. تىنچلىق تىپىدىكىلەر.
گەرچە بۇ توققۇز ئاساسىي خاراكتېرنىڭ تۈرى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن ياخشى-يامان، ئىسىل-ناچار دەپ ئايرىلمايدۇ. بەزى ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ كەمچىللىكىنىلا كۆرىدۇ، بالىلارنى كەپسىز،قارشىلىشىدۇ، ئاتا-ئانىسى ۋە چوڭلارنىڭ، ئوقۇتقۇچىنىڭ گېپىگە قۇلاق سالمايدۇ، دەپ قارايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ مىجەزىنى ياخشى ئەمەس دەپ ھېس قىلىدۇ. ھەتتا ئۆزىنىڭ بالىسىنى ئەسكى بالا دەپ قارايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار بالىلارغا تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ قويىدۇ، ھەتتا بالىلارنى ئۇرۇپ-تىللايدۇ.
بۇ خىل ئۇسۇل بالىنى تېخىمۇ ياخشى قىلالمايلا قالماستىن، بەلكى بالىنىڭ خاراكتېرىنى ئۆزىنىڭ خاراكتېر كەمتۈكلۈكى يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. بۇ يەردە مەن كۆپچىلىككە بىر كىچىك دوستنىڭ ئەھۋالىنى سۆزلەپ بېرەي.

لېي لېي كىچىكىدىن تارتىپلا بىر كەپسىز ئوغۇل بالا ئىدى. ئويۇنچۇقلارنى يەرگە تاشلىۋېتەتتى، ئۇ تېخى باشقا بالىلارنىڭ ئويۇنچۇقلىرىنى تارتىۋالاتتى، ھەتتا ئوينىغىلى چىقىش ئۈچۈن ئاتا-ئانىسىغا يالغان ئېيتاتتى. ئاتا-ئانىسى بۇنىڭ ئۈچۈن دائىم ئۇنى جازالايدۇ، لېكىن پايدىسى يوق.
لېي لېي يەسلىگە بارغاندىن كېيىن، بۇ خىل ئەھۋال بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كەتتى. مۇئەللىم دائىم ئانىنى مەكتەپكە چاقىرىپ پاراڭلىشىدۇ. بۇ كۈنى لېي لېينىڭ ئاپىسى لېي لېينىڭ خاتالىقى سەۋەبىدىن يەنە مۇئەللىم تەرىپىدىن چاقىرىپ كېلىندى. مۇئەللىم لېي لېينىڭ ئاپىسىغا، لېي لېي پائالىيەت دەرسىدە بالىلارنىڭ قايچىسىنى تارتىۋېلىپلا قالماستىن، يەنە باشقا بالىلارنىڭ قول ھۈنەر بۇيۇملىرى ئۇنىڭدىن ياخشى بولغاچقا، باشقا بالىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى يىرتىپ تاشلىغانلىقىنى ئېيتتى.

ھازىر مۇئەللىم ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنىڭ ئۆيدىكى قىلمىشلىرىغا تەربىيە بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. لېي لېينىڭ ئانىسى بۇ ئىشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن كۆڭلى بەك يېرىم بولدى. ئۇ ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ لېي لېينىڭ يەسلىدىكى قىلمىشىنى لېي لېينىڭ دادىسىغا سۆزلەپ بېرىپ، ئۇنىڭغا: «سىز دەپ بېقىڭە نېمە ئۈچۈن لېي لېي ئىش ئۇقىدىغان بالا ئەمەس، بىزنى ئازىراقمۇ ئويلاشمايدۇ، ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن كارىم يوق، مەن ئۇنى باشقۇرالمىدىم، مېنىڭ قانداقمۇ بۇنداق بالام بۇلۇپ قالغاندۇ؟» دېدى. لېي لېينىڭ دادىسىنىڭ مىجەزى بەك چۇس. ئۇ بالىنىڭ ئاپىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئاچچىقى كېلىپ: «قارىغاندا بىر قېتىم ئۇرمىساق ، بۇ بالىنىڭ ئېسىدە تۇرمىغۇدەك ، ئاغزىدىلا ئۇنىڭغا دېگەننىڭ پايدىسى يوق» دەپتۇ.

يۇقىرىقىلاردىن قارىغاندا، لېي لېينىڭ يەنە بىر قېتىم دادىسىنىڭ دۇمبالىشىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالايمىز، لېكىن بۇ خىل تەربىيەنىڭ ھەقىقەتەن پايدىسى بارمۇ؟

تاياق يەپ تىل ئاڭلاپ تەربىيىلەنگەن بالىلار ياخشى بولۇپ كېتەمدۇ؟ ئۇلار ئاتا-ئانىسىنىڭ نەزىرىدىكى ئەسكى بالىلاردىن ياخشى بالا بولۇپ بولامدۇ؟ مېنىڭچە ئۇنداق بولمايدۇ:بەلكىم بالا كىچىك ۋاقتىدا، ئۇ سىزنىڭ قورال كۈچىڭىزگە بويسۇنىدۇ، بالا چوڭ بولغاندا قارشىلىق كۆرسىتىدۇ، بۇنداق مىساللارنى بىز كۆپ كۆرىمىز.
لېي لېينىڭ ئاتا-ئانىسى كەپسىز بالىنى ئەسكى بالا دەپ قارايدۇ، ئۇنىڭ مىجەزىمۇ بەك ئەسكى. لېكىن ئەمەلىيەتتە ئىنسانىي پەزىلەت ياخشى-يامان دەپ ئايرىلمايدۇ، ئەگەر ئىنسانىي پەزىلەتتىكى نۇقسان توغرا يېتەكلەشكە ئېرىشسە، كەپسىز بالىمۇ نېمىنىڭ خاتا، نېمىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدۇ. ئۇمۇ ئاستا-ئاستا ئۆزىنىڭ يامان ئادىتىنى ئۆزگەرتىدۇ.

بۇ مىسالدىكى لېي لېي كىچىكىدىن باشلاپلا دادىسىنىڭ قاتتىق باشقۇرۇشىغا ئۇچىرىغان، لېكىن تا ھازىرغىچە ئانىسىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشەلمىگەن، ئۇنىڭ ئانىسى ھەتتا لېي لېينى ئىلھاملاندۇرۇشتىن ۋاز كېچىپ، ئۇنى مەڭگۈ «ئەسكى» بالا بولىشى مۈمكىن دەپ قارىغان. لېي لېينىڭ بۇنداق بولىشى ئاساسلىقى ئاتا-ئانىسىنىڭ ياخشى تەربىيىلىمىگەنلىكىدىن بولغان. لېي لېي تۇغما كەپسىز بولۇپ، بۇ چاغدا ئاتا-ئانىسى لېي لېيغا ئويۇنچۇقلارنى تۈرگە ئايرىپ رەتلەشنى ئۆگىتىپ، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق ئىلھام بېرىپ، بالىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولمىغان چاغدا، ئۇرۇش، تىللاش ئەمەس، بەلكى ئېنىق بولغان كىچىك جازا بەرگەن بولسا، بۇ بالىنىڭ مىجەز-خارەكتېرىدىكى كەمتۈكلۈكنىڭ داۋاملىق كېڭىيىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
ھەربىر بالىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى بولىدۇ. بىز ئاتا-ئانىلار بالىلارنى كۆپرەك چۈشىنىشىمىز، بالىلارنىڭ مىجەز-خاراكتېرىدىكى يارقىن نۇقتىلارنى بايقاپ، ئۇلارنى ۋاقتىدا مۇئەييەنلەشتۈرۈشىمىز ۋە قوللىشىمىز، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى تىكلىشىمىز كېرەك. بالىلارنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارغا ئۇلارنىڭ زوقلىنىشقا ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش كېرەك.

بالىنىڭ مىجەز-خاراكتېرىدىكى كەمچىلىكلەرگە نىسپەتەن. توغرا باشقۇرۇش ئۇرۇش-تىللاشتىن كۆپ ئۈنۈملۈك بولىدۇ. ئەگەر بالىلارنى دائىم ئۇرۇپ ۋە تىللاپ تۇرسا، مەيلى قانداق بالا بولسۇن، ھەممىسىدە قارشىلىق قىلىش پىسخىكىسى بولىدۇ. ئەگەر سىلىق نەسىھەت قىلىش ئۇسۇلى بىلەن كۆپ تەنقىد قىلىنسا، بالىلارنىڭ ناچار قىلمىشىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، بالىلارنى ياخشى يۆنىلىشكە قاراپ ئىلگىرىلەشكە يېتەكلىگىلى بولىدۇ.

بىر بالىنىڭ خاراكتېرىنى چۈشىنىشتە، بىز ئۇنىڭ خاراكتېرىنىڭ سىرىتىنىلا بىلىپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىنىمۇ بىلىشىمىز، بالىلارنى ئاكتىپ، ساغلام پوزىتسىيە شەكىللەندۈرۈشكە يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ مىجەز-خاراكتېرى جەھەتتىكى پايدىسىز ئامىللارنى ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بېرىشىمىز كېرەك.

بالىلار تۇغما خاراكتېرىنى ئىپادىلىگەندە، ئاتا-ئانىلار ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ۋاقتىدا تەقدىرلىشى كېرەك. بالىلار ئۆزىنىڭ تەبىئىتى بويىچە ئۆسۈپ يېتىلگەندىلا، ئاندىن خۇشال بولالايدۇ، تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىشتە تولۇپ تاشقان ئىشەنچكە ئىگە بولالايدۇ. لېكىن، بالىنىڭ تەبىئىتىنى ئېتىراپ قىلىش بىز بالىنى بىزنىڭ كۆڭلىمىزدىكىدەك قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئەمەس، بەلكى بالىنىڭ ئۆزىنىڭ قېتىپ قالغان يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئۇرغۇتۇشىغا ياردەم بېرىشىمىز، بالا ئۆزىنىڭ خاراكتېر جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزى ماھىر بولغان ساھەدە تەرەققىي قىلىشى كېرەك.

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى