
دۆلەت سەھىيە ـ ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، دۆلىتىمىز ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئىچىدە بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەنلەر %16نى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، بۇ نىسبەت يەنە بارغانسېرى يۇقىرىلاۋېتىپتۇ. بۇندا «بودەك» بالىلار چوڭ بولغاندىن كېيىن ئادەتتىكى بالىلارغا قارىغاندا بەدەن ئېغىرلىقىنى ئاسان كونترول قىلالماسلىقى، يۈرەك كېسىلى، دىئابېت كېسىلى، ھەتتا راك كېسەللىرىگە گىرىپتار بولۇشى مۇمكىن. يېقىندا، گرېتسىيە ئافىنا داشۆسى تېببىي شۆيۈەنىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ۋىتامىن D سېمىز بالىلارنىڭ ئورۇقلىشىغا ياردەم بېرىدىكەن.
تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، بالىلار بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشى ياكى بالىلار سېمىز بولۇشىنىڭ مۇھىم سەۋەبى كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەكتە ھالقىلىق مېنېرال ماددا ۋە ۋېتامىن كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن بولۇپ، ئامېرىكىدا %70 بالىنىڭ ۋىتامىن D سەۋىيەسى نىسبەتەن تۆۋەن ئىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ مەسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك ئۇسۇلى ئوزۇقلۇقنى تەكشى قىلىش ۋە بەدەن چېنىقتۇرۇش بولۇپ، بالىلارغا بېلىق، سۈت قاتارلىق ۋىتامىن D مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك بېرىش، دالىدا ئاپتاپقا سېلىش ئارقىلىق بۇ مەقسەتكە يەتكىلى بولىدىكەن. تەتقىقاتچىلار ئۆمىكى كېيىنكى قەدەمدە ۋېتامىن D نىڭ يۇقىرى قان بېسىم ۋە يۇقىرى خولېستېروللۇق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارغا ئېلىپ كېلىدىغان يوشۇرۇن پايدىسىنى تەتقىق قىلىدىكەن.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى.
تارىختىكى بۈگۈندە:
- 2022: دائىم ئەنجۈر يەپ بەرسە....(0 باھا بار )
- 2022: يىپسىمان سۆگەل سالامەتلىككە تەسىر يەتكۈزەمدۇ؟(0 باھا بار )
- 2022: ياغسىزلاندۇرۇلمىغان سۈت بىلەن ياغسىزلاندۇرۇلغان سۈتنىڭ قانداق پەرقى بار؟(0 باھا بار )
- 2022: ئانارغا ھەسەل قوشۇشنىڭ قانداق ئۈنۈمى ۋە رولى بار؟(0 باھا بار )
- 2022: جىگەر راكىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە چاتاق!(0 باھا بار )