دېئابىت كېسلى

دىئابېت بىمارلىرى زادى قانداق ھەرىكەت قىلىش كېرەك؟ دىئابېت كېسىلى ئىلمىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى E.P. Josl

ئىككىلەمچى دىئابېت بىمارلىرىغا نىسبەتەن تەنھەركەتنىڭ ناھايىتى مۇھىم رولى بار. تەنھەرىكەت ئىنسۇلىننىڭ سەزگۈرلۈكىنى ياخشىلايدۇ، بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلايدۇ، قاندىكى قەنتنى كونترول قىلىش شۇنداقلا قان تومۇرلاردىكى خەتەرلىك ئامىللارنى يېنىكلىتىش جەھەتتە تەنھەرىكەت بىلەن تاماق، دورا بىلەن داۋالاشقا ئوخشاشلا ناھايىتى مۇھىم. ئەمەلىيەتتە تەنھەرىكەت دائىم مۇھىم بىر داۋالاش رېتسىپ سۈپىتىدە ئىككىلەمچى دىئابېت بىمارلىرىغا بۇيرۇلىدۇ.
تەنھەرىكەتنىڭ دىئابېت بىمارلىرىغا ئېلىپ كېلىدىغان پايدىسى ناھايىتى كۆپ:

ئىنسولىنغا بولغان قارشىلىقنى تۆۋەنلىتىدۇ.
كۆپ قېتىملىق ھەرىكەتنىڭ يىغىندىسى قەنت مىقدارىنى تۆۋەنلىتىپ ئۇزاق مەزگىللىك قان قەنتنى كونترول قىلىش رولنى ئوينايدۇ.
ياغ مېتابولىزمىنىڭ نورمالسىزلىقىنى ياخشىلايدۇ.
قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
مايلارنى ئازايتىپ، بەدەننى ئورۇق قىلىدۇ.
مايلارنىڭ بەدەنگە پايدىلىق ھالەتتە قايتىدىن جايلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئاياللاردىكى كېلىماكتىرىيەدىن كېيىنكى قورساق قىسمىغا يىغىلغان مايلارنى ئازايتىدۇ.

دىققەت
ناھايىتى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئىككىلەمچى دىئابېت بىمارلىرىنىڭ تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىشى بىر قىسىم خەتەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مەسىلەن:
كېسەللىك خاراكتېرلىك قان قەنتى تۆۋەنلەش. بۇ بەلكىم تەنھەرىكەتتىن كېيىنكى 24 سائەت ئىچىدە كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
ئاللىقاچان بىلىنگەن ياكى يوشۇرۇن ھالەتتىكى يۈرەك كېسىلىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
چېكىنىش خاراكتېرلىك بوغۇم كېسەللىكلىرىنىڭ ئالامەتلىرىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
نېرۋا كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولغان ئەھۋالدا بوغۇملارنى زەخىملەندۈرىدۇ.
شۇڭا ئىككىلەمچى خاراكتېرلىك دىئابېت بىمارلىرىغا تەنھەرىكەت «رېتسىپى» بېرىشتىن بۇرۇن چوقۇم يۈرەك قان تومۇر كېسىلى بار يوقلۇقىنى تەكشۈرۈش كېرەك، بۇ نۇقتا ناھايىتى مۇھىم.
بىرلەمچى ۋە ئىككىلەمچى دىئابېت بىمارلىرىغا نىسبەتەن، تەنھەرىكەتنىڭ بىر نەچچە ئورتاق خەتىرى بار. ئالدى بىلەن ئەڭ مۇھىم بولغىنى، كۆپىيىش مەزگىلىدىكى كۆرۈش تور پەردىسى ئۆزگىرىش كېسەللىككە گىرىپتار بولغان بىمارلارغا نىسبەتەن قاتتىق ھەرىكەت كۆرۈش تور پەردىسى قاناش ياكى ئەينەكسىمان تەنچە قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چوقۇم قورساقنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغان ھەرىكەتلەردىن، باش قىسمى قاتتىق سىلكىنىدىغان ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىش كېرەك. بۇ خىل ھەرىكەتلەر بەلكىم كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ تۆكۈلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
ئۇنىڭدىن باشقا، سەزگۈ نېرۋىلىرىنىڭ پاتولوگىيىلىك ئۆزگىرىش بولغان بىمارلارنىڭ قىسىلىش خاراكتېرلىك ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىشى يۇمشاق توقۇلمىلارنىڭ ۋە بوغۇملارنىڭ زەخمىلىنىشىنى ئازايتىدۇ.
ۋىگتاتېپ نېرۋىلىرىنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشى ئوكسىگېنغا چىدامچانلىق ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ، شۇنداقلا ئۆرە تۇرۇش خاراكتېرلىك تۆۋەن قان بېسىم بىمارلىرى كۈچ تەلەپ قىلىدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلىشقا بولمايدۇ. بۆرەك كېسەللىكى بولغان بىمارلار تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانسا سۈيدۈكتىكى ئاقسىلنى كۆپەيتىۋېتىدۇ.
ئەلۋەتتە، نۆۋەتتە بۇنىڭ سەۋەبى بۆرەكتىكى قان ئايلىنىشنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان، بۆرەك كېسەللىكىنىڭ يامانلاشقانلىقىدىن ئەمەس دەپ قارىلىۋاتىدۇ.
ئىككىلەمچى دىئابېت بىمارلىرى تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىشنى باشلاشتىن ئىلگىرى، بىر نەچچە تۈرلۈك ئاۋام ئېتىراپ قىلغان تەكلىپلەرنى بېرىمىز.
35 ياشتىن يۇقىرى بىمارلار ھەرىكەت قىلىشتىن بۇرۇن چوقۇم يوشۇرۇن كەلگەن ئالامەتلىرى ئىپادىلەنگەن تاجىسىمان ئارتېرىيە قان تومۇر كېسەللىكلىرى بار يوقلىقىنى تەكشۈرتۈش كېرەك.
بىمارلار چوقۇم كۆزىنى تەكشۈرتۈپ كۆپىيىش مەزگىلىدىكى كۆرۈش تور پەردىسى ئۆزگىرىش كېسەللىكى بار يوقلۇقىنى بېلىش كېرەك.
ئۇنىڭدىن باشقا، چوقۇم ئاز مىقداردا ئاقسىل سىيىش كېسىلى ۋە ۋىگتاتېپلىق نېرۋا كېسەللىك ئۆزگىرىشى بار يوقلۇقىنى تەكشۈرتۈش كېرەك.
تەنھەرىكەت بىلەن داۋالىنىشتا چوقۇم ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى چىقىش قىلىش كېرەك.
كۆڭۈلدىكىدەك ئەھۋالدا ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت 30 مىنۇتتىن ئاز بولۇشى كېرەك. ئەڭ چوڭ يۈرەك رېتىمى ئارام ئالغان ۋاقىتتىن %60 دىن %70 كىچە بولۇشى، مۇسكۇللارنىڭ زەخىملىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن چوقۇم بەدەن قىززىتىش ۋە بەدەن بوشىتىش ھەرىكەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش لازىم.
تەنھەرىكەت ئارقىلىق ياخشىلىنىش ئۈمىدى بار بىمارلارغا ھەر ھەپتىدە ئاز بولغاندا ئۈچ كۈن ھەرىكەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئەگەر ئىمكانىيەت يار بەرسە ئۇلارنى ھەر ھەپتىدە بەش كۈندىن يەتتە كۈنگىچە بەدەن چېنىقتۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرىمىز.
ئەگەر دورا ئىستېمال قىلىۋاتقان ياكى ئىنسۇلىن ئارقىلىق داۋالاش ئېلىپ بېرىۋاتقان بىمارلارغا ھەرىكەت جەريانىدا ياكى ھەرىكەتتىن كېيىن قان قەنتى تۆۋەنلەش خەتىرى بارلىقىنى بىلدۈرۈش كېرەك. ئۇلار بەلكىم ناھايىتى كۆپ كاربون سۇ بىرىكمىلىرى بىلەن قان قەنتنىڭ زىيادە تۆۋەنلەپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. بەزىدە ئېھتىياجغا ئاساسەن داۋالاش پىلاننى تەڭشىسە بولىدۇ.

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى