بىلىۋىلىڭ

زەنجىۋىلنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

زەنجىۋىل ئاشخانىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان تەبىئىي تېتىتقۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئۇ يەنە جۇڭيى دورىسى ھېسابلىنىدۇ. زەنجىۋىلنىڭ تىبابەتتىكى شىپالىق رولى: ياندۇرۇش، قەينى تىزگىنلەش، يۆتەلنى توختىتىش قاتارلىقلار.
شۇڭا زەنجىۋىلنى تاماقتىكى تېتىتقۇ ئورنىدا ئىشلىتىشتىن باشقا يەنە دورا ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. زەنجىۋىلنى كىندىككە چاپلاشنىڭ تۆۋەندىكىدەك تۆت تۈرلۈك شىپالىق رولى بار:
بىرىنچى، قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
زەنجىۋىلنى كىندىككە چاپلىغاندىن كېيىن ئۈچەينىڭ لۆمۈلدەپ ھەرىكەتلىنىشىنى بەلگىلىك دەرىجىدە ئاشۇرىدىغان بولۇپ، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش ئارقىلىق، قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئىككىنچى، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدۇ.
ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ۋە ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ.
ئۈچىنچى، ئۈچەي ياللۇغىغا شىپا قىلىدۇ.
تۇرمۇش تەرتىپىنىڭ قالايمىقان بولۇشى بىلەن چوڭ يەپ، چوڭ ئىچىش ئۈچەينىڭ نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، ئاسانلا ئۈچەي ياللۇغىننى پەيدا قىلىدۇ. زەنجىۋىلنى كىندىككە چاپلىغاندا، ئۈچەي ياللۇغىغا شىپا قىلىدۇ.
تۆتىنچى، ھۆل سوغۇقنى ھەيدەيدۇ.
كىندىكتە شېنچۆ پەللىسى بولۇپ، زەنجىۋىلنى كىندىككە چاپلىغاندا، ھۆل سوغۇقنى ھەيدەش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ.
زەنجىۋىلنى كىندىككە چاپلاشنىڭ ئۇسۇلى:
زەنجىۋىلنى ئاۋۋال ئۇششاق چانىۋالىمىز؛ ئىسپىرت ياكى ئاق ھاراق بىلەن كىندىكنى سۈرتكەندىن كېيىن، چانىۋالغان زەنجىۋىلنى كىندىككە تولدۇرىمىز؛ پاختا پەلتكۈچنى ئاق ئاچچىقسۇغا چىلاپ، كىندىككە توشقۇزۇلغان زەنجىۋىل ئۈستىگە سۈرىمىز؛ ئاخىرىدا دورىلىق چاپلاق بىلەن كىندىكنى چاپلاپ ئۇخلاپ، ئەتىسى ئېلىۋەتسەكلا بولىدۇ.

زەنجىۋىلنى كىندىككە چاپلىغاندىن سىرت يەنە پۇت چىلاشقا ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ.

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى