بىلىۋىلىڭ

ناشتىدا بۇ 6خىل يېمەكلىكتىن دىققەت قىلىش

39 ساغلاملىق تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
1. زىيادە سوغۇق كۆكتات ياكى مېۋە شەربىتى
كۆپىنچە ئاياللار ئەتىگەنلىك ناشتىدا بىر ئىستاكان مېۋە شەربىتى ئىچىشنى ياقتۇرىدۇ. گەرچە مېۋە ياكى كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىسى مول بولسىمۇ، بەدەندىكى بەزى كېرەكسىز ماددىلارنى تازىلاشقا ياردەم بەرسىمۇ، بىراق دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، كۆپ ساندىكى ئاياللارنىڭ بەدەن ساپاسى سوغۇققا مايىلراق كېلىدۇ. ئاشقازانمۇ ئىسسىقنى ياقتۇرۇپ، سوغۇقتىن قورقىدۇ. مۆتىدىل مۇھىتتا بەدەندىكى مىكرو ئايلىنىشلار راۋانلىشىدۇ. شۇڭا ناشتىدا سوغۇق كۆكتات ياكى مېۋە شەربىتى ئىچمەسلىك كېرەك. بۇلاردىن سىرت، سوغۇق ئىچىملىكلەرنىمۇ ئەتىگەنلىك ناشتىدا ئىچمەسلىك زۆرۈر. گەرچە قىسقا ۋاقىتتا بەدەندە بىئاراملىق كۆرۈلمىسىمۇ، بىراق داۋاملاشتۇرغاندا بەدەننى ئاستا-ئاستا زەخمىگە ئۇچرىتىدۇ.

2. ئاشقان تاماق
كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئاشقان تاماقنى يېيىش ئادىتىنىڭ بارلىقى ھەممىمىزگە ئايان. بەزىلەر كەچلىك تاماقنى كۆپرەك ئېتىپ، ئەتىسى ئەتىگەنلىكى بىۋاستە ئىسسىتىپ يەيدۇ، شۇنداقلا بۇنى قولايلىق ئۇسۇل ۋە بۇنداق يېگەندە ئوزۇقلۇق مىقدارى مول بولىدۇ دەپ قارايدۇ. ئاشقان تاماق بەلكىم نىترات كىسلاتانى ھاسىل قىلىشى مۇمكىن. بۇ ماددا بەدەنگە پايدىسىز تەسىر پەيدا قىلىدۇ.
3. مايدا قورۇلغان يېمەكلىكلەر
كۆپىنچە كىشىلەر ئەتىگەنلىك ناشتىدا پۇرچاق سۈتى بىلەن قۇيماق يېيىشنى ياقتۇرىدۇ. بۇنى بىر خىل ئەنئەنىۋى ناشتا قىلىش ئۇسۇلى دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل يېيىش ئادىتى سالامەتلىككە پايدىسىز. چۈنكى مايدا قورۇلغان يېمەكلىكلەرنىڭ ماي مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى. شۇنداقلا يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا قورۇلغان يېمەكلىكلەرنىڭ ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلىرىمۇ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنى ھاسىل قىلىدۇ.

4. كۆپتۈرمە نان
كۆپتۈرمە ناننىڭ قەنت مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، يېگەندە بەدەنگە زىيادە كۆپ قەنت مىقدارى قوبۇل قىلىنىپ، كالورىيەمۇ يۇقىرىلاپ كېتىدۇ. شۇڭا كۆپتۈرمە ناننى دائىم ئەمەس، ئاندا-ساندا بىرەر ئىككى قېتىم يېيىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ.
5. كالا سۈتى بىلەن تۇخۇم
ئەلۋەتتە كۆپىنچە كىشىلەر بۇ خىل ناشتىلىقنى يەپ باققان بولۇشى مۇمكىن. بىراق سۈت تۇخۇمنى بىرگە يېيىش ئەمەلىيەتتە ئانچە ئىلمىي ئەمەس. چۈنكى ئەتىگەندە بەدەن مول كاربونات سۇ بىرىكمىسى بىلەن بەدەنگە ئېنېرگىيە تولۇقلاشقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. لېكىن، تۇخۇم ۋە كالا سۈتىنىڭ ئاقسىل تەركىبى ناھايىتى يۇقىرى بولسىمۇ، بىراق بەدەننى يېتەرلىك ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىيەلمەيدۇ. يېگەندىن كېيىن تويۇنۇش تۇيغۇسىغا ئېرىشسىمۇ، بىراق ئاشقازان-ئۈچەيگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ناشتىدا بولكا ياكى ئۇماچ قاتارلىقلارنى يېسە قۇۋەتنى تېخىمۇ ياخشى تولۇقلىغىلى بولىدۇ.
6. بەك ئاچچىق يېمەكلىكلەر
سەھەردە، ئاشقازان-ئۈچەي يىغىلىش ھالىتىدە بولغاچقا، بەك ئاچچىق نەرسىلەرنى يېيىش پۈتكۈل مىكرو ئايلانمىنى تارتىشتۇرۇپ، ئاشقازان مۇھىتىنى زەخمىلەندۈرىدۇ. ئەگەر بۇ ئادەتنى ئۇزاق داۋاملاشتۇرسا، سالامەتلىككە زىيانلىق بولغاچقا، ناشتىدا ئاچچىق يېيىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى