ئىچكى كېسەللىكلەر

ئاشقازان-قىزىلئۆڭگەچ رېفلېكسى كېسىلى بىمارلىرى ئەستە تۇتۇشقا تېگىشلىك ئالتە نۇقتا

كىلىنىكىلىق تەتقىقاتلار ئارقىلىق ئاشقازان-قىزىلئۆڭگەچ رېفلېكىسى كېسىلىنىڭ ئاسان قايتىلىنىشىدىكى ئەڭ چوڭ سەۋەبنىڭ بىمارلارنىڭ يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلماسلىقى ئىكەنلىكى بايقالدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاشقازان-قىزىلئۆڭگەچ رېفلېكسى كېسىلى بىمارلىرى دورا ئارقىلىق داۋالانغاندىن باشقا، يەنە تۇرمۇشتا «ئۈچتىن چەكلىنىش، ئۈچنى تاشلاش» پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى كېرەك.

1. مايلىق يېمەكلىك يېمەسلىكى كېرەك.

كىلىنىكىلىق تەتقىقاتلار ئارقىلىق تاماقتىن كېيىن قىزىلئۆڭگەچنىڭ ئاستىدىكى قورۇغۇچى مۇسكۇلنىڭ بېسىمى تۆۋەنلەيدىغانلىقى، ماي تەركىبى يۇقىرى (غاز گۆشى، قورداق) دېگەندەك تاماقلارنى يېگەندىن كېيىنكى تۆۋەنلىشى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدىغانلىقى بايقالدى. ياغنىڭ ئاشقازاندىكى چىقىرىلىش سۈرئىتى ئاستا بولغانلىقتىن ئاسانلا خولېتسستوكنىننىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ قىزىلئۆڭگەچ ئاستىدىكى قورۇغۇچى مۇسكۇلنىڭ بېسىمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاشقازان ۋە ئون ئىككى بارماق ئۈچەيدىكى يېمەكلىكلەر ئاسانلا يېنىپ قىزىلئۆڭگەچكە بېرىۋالىدۇ.

2. كېسلاتالىق يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىكى كېرەك.

ئاشقازان-قىزىلئۆڭگەچ رېفلىكىسى كېسىلى بىمارلىرىنىڭ كېسلاتالىق يېمەكلىكلەرگە بولغان سەزگۈرلۈكى نورمال ئادەملەردىن كۈچلۈك بولىدۇ. يەنى نورمال ئادەملەر ھېس قىلالمايدىغان كېسلاتالىق تەسىر ئاشقازان-قىزىلئۆڭگەچ رېفلىكىسى كېسىلى بىمارلىرىنى ئوتتەك قىزىتىۋېتىدۇ.

3. غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىكى كېرەك.

بىمار قەھۋە، ھاراق-تاماكا، شاكىلات، كاكائو، مېۋە كەمپۈت، لىمون، پەمىدۇر قاتارلىقلار، ئاچچىق، خام ۋە سوغۇق يېمەكلىكلەر، ھەتتا كېسلاتالىق ئىچىملىكلەر ھەم كولا تۈرىدىكى ئىچىملىكلەرگە چەك قويۇشى كېرەك. چۈنكى بۇ تۈردىكى يېمەك-ئىچمەكلەر ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشىنى كۈچەيتىۋېتىپ ئاشقازان كېسلاتاسى قاتارلىق ئاساسلىق يانىدىغان نەرسىلەرنىڭ مىقدارىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ، تاماق يېنىش پۇرسىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

4. تاماقنى بەك كۆپ، بەك تېز يېمەسلىك كېرەك.

تاماقنى بەك كۆپ، بەك تېز يېيىش ئاشقازان-قىزىلئۆڭگەچ رېفلىكىسى كېىسلى پەيدا قىلىدىغان مۇھىم ئامىل. ئادەتتە، قورساق ناشتا ۋە چۈشلۈك تاماقتا %80-%70، كەچلىك تاماقتا %60-%50 تويسىلا بولىدۇ.

5. بەك كەچ تاماق يېمەسلىك، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى تاماق يېمەسلىك كېرەك.

كەچلىك تاماق ۋاقتىنىڭ بالدۇر ياكى كېيىن بولۇشى قىزىلئۆڭگەچنىڭ شۇ كۈنى كەچتىكى pH قىممىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. تاماقنى كەچ يەيدىغانلارنىڭ شۇ كۈنى كەچتىكى قىزىلئۆڭگەچ pH قىممىتى بالدۇر تاماق يېگەنلەردىن تۆۋەن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇخلاشتىن 3-2 سائەت ئىلگىرى ھەرقانداق نەرسە يېيىشكە بولمايدۇ. كۈندۈزدە تاماق يەپ بولغاندىن كېيىنمۇ دەرھاللا يېتىۋالماسلىق، 30-20 مىنۇت ھەرىكەت قىلىپ ئاندىن ئۇخلاش كېرەك.

6. ھاراق-تاماكىنى تاشلاش:

ئاق ھاراق ئاشقازان كېسلاتاسى ئاجرىلىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ ھەم قىزىلئۆڭگەچ ئاستى قورۇغۇچى مۇسكۇلىنىڭ بېسىمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، قورۇغۇچى مۇسكۇلنىڭ ئۆزلۈكىدىن بوشىشىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. تاماكا چەككەن ۋاقىت بىلەن تاماقنىڭ يېنىشى مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ھەر كۈنى تاماكا چېكىدىغان، تاماكا چەككەن ۋاقتى 20 يىلدىن ئاشقانلارنىڭ تامىقى يېنىش نىسبىتى تاماكا چەككەن ۋاقتى بىر يىلغا يەتمەيدىغانلارغا سېلىشتۇرغاندا %70 يۇقىرى بولىدۇ.

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى