يۇقىرى قان بىسم

يۇقىرى قان بېسىمى بىمارلىرىنىڭ ئوزۇقلىنىشى

يېمەك-ئىچمەك بىلەن يۇقىرى قان بېسىمنىڭ ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋىتى بار. كەرەپشە، پىياز، سامساق، سەۋزە، چۇپۇرشاڭ، پالەك قاتارلىق كۆكتاتلار، دولانا، ئالما، ھالۋابىدىت، بانان، تاۋۇز، شاپتۇل، نەشپۈت قاتارلىق مېۋىلەرنىڭ تەركىبىدە بەزى ئۆسۈملۈك خىمىيىلىك ماددىلىرى، مىكرو ئېلېمېنتلار ۋە ۋىتامىن بار بولۇپ، يۇقىرى قان بېسىمنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بەلگىلىك رولى بار.

تاماقنى تويۇپ يەۋېلىش ۋە تاتلىق يىمەكلىكنى كۆپ ئىستېمال قىلىش ئاسانلا ئادەمنى سەمرىتىۋېتىدۇ، سېمىزلىك قان بېسىمىنى ئۆرلىتىۋىتىدۇ.
يېمەكلىك ماي ۋە تۇزنى زىيادە ئىشلىتىش دۆلىتىمىزنىڭ شەھەر ئاھالىلىرىدە ئورتاق ساقلىنىۋاتقان ئوزۇقلۇق مەسىلىسى. 2002- يىلى جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ ئوزۇقلۇق ۋە ساغلاملىق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، مەملىكىتىمىزنىڭ شەھەر-يېزا ئاھالىسى ھەر كۈنى ئوتتۇرىچە قوبۇل قىلىدىغان ياغ 42 گرام بولۇپ، «جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ غىزالىنىش كۆرسەتمىسى»دە تەۋسىيە قىلىنغان مىقدار 25 گرامدىن خېلىلا ئارتۇق بولغان. ھەر كۈنى ئاش تۇزىنىڭ ئوتتۇرىچە قوبۇل قىلىنىش مىقدارى 12 گرام بولۇپ، «جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ تەكشى غىزالىنىش مۇنارى»دىكى تەۋسىيە قىممىتىدىن ئىككى ھەسسە ئارتۇق بولغان. شۇڭلاشقا بۇنىڭ بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان سوزۇلما كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تېز كۆپەيگەن. 1992-يىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئىچىدە، ئېغىرلىقى ئارتىپ كەتكەنلەرنىڭ نىسبىتى %39 ئۆرلەپ، سېمىز كىشىلەر %97 كە يەتكەن، يۇقىرى قان بېسىمغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %31 ئاشقان.
يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە، يېتەرلىك ئوزۇقلۇققا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ماي ۋە ئاقسىلنى ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك.
1.تۇزنى ئاز ئىستېمال قىلىشى كېرەك
يۇقىرى قان بېسىمى ئادەم بەدىنىدە ئېقىۋاتقان قاننىڭ بىر خىل ئارتۇقچە كۈچ بىلەن قان تومۇر دىۋارىغا ئۇرۇلۇپ، يۈرەكنىڭ خىزمەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. مۇشۇنداق داۋاملىشىۋېرىدىغان بولسا، يۇقىرى قان بېسىمى قان تومۇرغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، ھەمدە تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، سەكتە ۋە بۆرەك كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئاش تۇزىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ناترىي خلورىد بولۇپ، ناترىي ئىئونى بىلەن خلور ئىئونىنىڭ ھەممىسى قان بېسىمىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ. تۇزنى زىيادە كۆپ قۇبۇل قىلغان ۋاقىتتا ئادەم ئۇسساپ، سۇنى كۆپ ئىچىپ، بۆرەكنىڭ سۇنى قايتا سۈمۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۇنىڭ سىرتقا ئاجرىلىپ چىقىش مىقدارىنى ئازايتىۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بەدەندىكى قاننىڭ سىغىمى (پۈتۈن بەدەندىكى قان تومۇرلارنىڭ ئىچىدىكى قان مىقدارى) ئېشىپ كېتىدۇ. قاننىڭ سىغىمى قانچە چوڭ بولسا، قان بېسىمى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.
2.ئوزۇقلۇقنىڭ مىقدارىنى چەكلەپ، بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىش كېرەك
ئوزۇقلۇق ئارتىپ كېتىش بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشى قان بېسىمىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، 40 ياشتىن 60 ياشقىچە بولغان ئەرلەر ئىچىدە، سېمىزلەردە يۇقىرى قان بېسىمغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى نورمال كىشىلەر توپىنىڭ 1.9 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن، بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق، يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتىنى % 48~% 28 كىچە كېمەيتكىلى بولىدىكەن. ياغسىز ئوزۇقلىنىش، شېكەرلىك ئىچىملىكلەرنى چەكلەش ۋە مۇئەييەن دەرىجىدە ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن گۈرۈچ، ئۇنلارنى چەكلەش، ئاق ئاشلىقنى يىرىك ئىستېمال قىلىش، قارا ۋە ئاق ئاشلىقنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىش، سەككىز ئۈلۈش تويۇنۇش، يېيىش بىلەن ھەرىكەتنى ماسلاشتۇرۇش قاتارلىقلار كىشىلەرنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ۋە قان بېسىمىنىڭ ساغلاملىق سەۋىيىسىنى ساقلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
3.يۇقىرى ئاقسىلنى كۆپەيتىش
كېلىش مەنبەسى ئوخشاش بولمىغان ئاقسىلنىڭ قان بېسىمغا بولغان تەسىرى ئوخشاش بولمايدۇ. بېلىق تۈرلىرىنىڭ ئاقسىل تەركىبىدە مېتىئونىن ۋە تائۇرىننى بار بولۇپ، يۇقىرى قان بېسىمى ۋە سەكتە يۈز بېرىشنى تۆۋەنلىتىشكە ياردىمى بولىدۇ؛ دادۇر ۋە ئۇنىڭ ياسالمىلىرى تەركىبىدە ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل بار بولۇپ، قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش رولى بولمىسىمۇ، ئەمما سەكتىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
4.كالىينىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى كۆپەيتىش كېرەك
كالىي ناترىينىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان پايدىسىز تەسىرىگە قارشى تۇرالايدۇ. يېڭى يېشىل كۆكتات، پۇرچاق تۈرىدىكىلەر، بانان، ئۆرۈك قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كالىي مىقدارى مول يېمەكلىكلەر. لېكىن يۇقىرى كالىيلىق قان كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك.
5.ماگنىي، كالتسىي قاتارلىقلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى كۆپەيتىش كېرەك
ماگنىينىڭ قان تومۇرلارنىڭ كېڭىيىشىگە پايدىسى بار، ئەگەر ماگنىي كەمچىل بولسا، ئارتېرىيە تۇيۇقسىز قىسقىراش، قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىش، يۈرەك رىتىمسىزلىقى ۋە مۇسكۇل تارتىشىپ قېلىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ماگنىي تولۇقلاشنىڭ ئەڭ بىخەتەر ئۇسۇلى بولسا، ماگنىي تەركىبى مول يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش. تەركىبىدە ماگنىي بولغان يېمەكلىكلەردىن ھەر خىل قۇرۇق پۇرچاق، يېڭى پۇرچاق ، خۇشپۇراق موگۇ، پالەك، لونگان، پۇرچاق ئۈندۈرمىسى قاتارلىقلار بار.
كالتسىي يېتىشمەسلىكمۇ قان بېسىمىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ، كالتسىي كۆپەيسە قان بېسىمى تۆۋەنلەيدۇ. تەركىبىدە كالتىسىي مول بولغان يېمەكلىكلەردىن سۈت تۈرىدىكىلەر، پۇرچاق تۈرىدىكىلەر بار.
6.ئاچچىقسۇنىڭ قان بېسىمىغا بولغان پايدىلىق رولى
ئاچچىقسۇ ئانگىئوتېنسىن ئايلاندۇرۇش ئېنزىمىنىڭ شەكىللىنىشىنى تىزگىنلەش ئارقىلىق، بىۋاسىتە قان بېسىمىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى تىزگىنلەيدۇ. ئاچچىقسۇنىڭ يەنە سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە بەدەندىكى كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بار، بۇنىڭ قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشكە بەلگىلىك ياردىمى بار.
7. ھاراقتىن پەرھىز تۇتۇش
كۆپ مىقداردا ھاراق ئىچىش قان بېسىمىدا روشەن داۋالغۇش ھاسىل قىلىدۇ، كونترول قىلىش تەسكە توختايدۇ.
يۇقىرى قان بېسىمنى كونترول قىلىش قان بېسىمىنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالسا بولمايدۇ، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەرنى پەرۋىش قىلىشتا ئىنتايىن زۆرۈر بولغان بەش چوڭ رېتسېپ بولسا؛ دورا، ھەرىكەت، ئوزۇقلۇق، يۇقىرى سۈپەتلىك ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ھاراق، تاماكىدىن پەرھىز تۇتۇش. بەش چوڭ رېتسېپتىن ياخشى پايدىلانغاندا، تۈرى، مىقدارى تېخىمۇ ئاز دورىلار ئارقىلىق، قان بېسىمىنى تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ مۇقىم كونترول قىلغىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە دورىلارنىڭ ئەكس تەسىرىنى ئازايتىپ، دورا خىراجىتىنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ.

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى