يۇقىرى قان بىسم

تۇرمۇشتىكى قايسى ئادەتلەر قان تومۇر قېرىشىغا سەۋەب بولىدۇ؟

1. مايلىق يېمەكلىكلەرگە ئامراق بولۇش:
ئارتېرىيە قېتىۋېلىشنىڭ ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئالامەتلىرىدىن ئارتېرىيە دىۋارى قېلىنلىشىش، قېتىش، ئېلاستىكىلىقىنى يوقىتىش قاتارلىقلار بولۇپ، مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى تومۇر بوشلۇقى تارىيىپ كېتىدۇ. مايلىق يېمەكلىكلەرنى بەك كۆپ يەۋەتكەندە قان تومۇر دىۋارىدا كۆپ مىقداردا ماي ئولتۇرۇۋېلىپ ئارتېرىيە قېتىش ۋە باشقا يۈرەك، قان تومۇر كېسىلى پەيدا قىلىدۇ.
2. تۇزنى ھەددىدىن ئارتۇق ئىستېمال قىلغاندا: نورمال ئەھۋالدا يۈرەك قان تومۇر ئارقىلىق قان قويۇپ بەرگەندە ئازوت (II) ئوكسىد ھاسىل قىلىپ قان تومۇرلارنى يەڭگىللىتىپ، قاننى راۋانلاشتۇرىدۇ. يېمەكلىك تۇز ئازوت (II) ئوكسىدنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە، قان تومۇرنىڭ كېڭىيىشىگە توسقۇنلۇق قىلىپ ئارتېرىيە قېتىش خەتىرىنى يۇقىرىلىتىۋېتىدۇ.
3. بېسىم چوڭ: «بېسىم چوڭ بولۇش» ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئورتاق ئازابى، شۇنداقلا قان تومۇرنىڭ دۈشمەنلىرىدىن بىرى. بېسىم چوڭ بولۇپ ئۇزۇنغىچە يەڭگىللىمىگەندە ھەرخىل يۈرەك، مېڭە، قان تومۇر كېسىلى پەيدا قىلىدۇ. گەرچە بېسىم ۋاقىتلىق ئىنكاس پەيدا قىلسىمۇ، ئەمما قايتا-قايتا جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇش تاجىسىمان ئارتېرىيە ياللۇغى پەيدا قىلىدۇ، ھەتتا يۈرەك كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4. ئۇزۇنغىچە ھەرىكەت قىلماي ئولتۇرۇش: ئۇزۇنغىچە بىر خىل قىياپەتتە ئولتۇرۇش قان ئايلىنىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ، قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ناۋادا مۇشۇ ۋاقىتتا تۇيۇقسىز ھەرىكەت قىلغاندا ئاسانلا مۇقىمسىز قان نوكچىسى شەكىللەندۈرىدۇ، ئاخىرىدا قان نوكچىسى كەپلىشىپ قېلىشقا سەۋەب بولىدۇ.
ئۇزۇن ۋاقىت بىر خىل ھالەتتە ئولتۇرۇپ بەدەن ھالىتىنى تۇيۇقسىز ئۆزگەرتكەندە ئاسانلا قان بېسىم تەۋرىنىشى پەيدا قىلىپ يۈرەك، مېڭە قاتارلىق ئەزالارغا قان يېتىشمەسلىككە سەۋەب بولىدۇ، يۈرەك سېلىش، باش قېيىش، باش ئاغرىقى قاتارلىق بىئاراملىقلار كۆرۈلىدۇ، ھەتتا قايتا-قايتا ھوشىدىن كېتىش ياكى مېڭە ھالىدىن كېتىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ.
5. تاماكا چېكىش: تاماكا تەركىبىدىكى نىكتوتىن، سىمولا، كاربون چالا ئوكسىد قاتارلىق زىيانلىق ماددىلار ئۆپكە پۈۋەكچىسى ۋە قاندىكى گازلارنىڭ ئالمىشىشى ئارقىلىق قان تومۇرغا كىرىپ قاندىكى ياغنىڭ مېتابولىزىمىغا دەخلى قىلىدۇ.
6. تۈنەش: تۈنەش بىئولوگىيەلىك سائەتنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ، كۆپ مىقداردا ئادرېنالىن ۋە نورئېپنفرىن ئاجرىلىپ چىقىپ قان تومۇرنى قىسىۋېتىدۇ، قان ئايلىنىشى ئاستىلايدۇ، قاننىڭ يېپىشقاقلىقى ئاشىدۇ.

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى