ئىچكى كېسەللىكلەر

قانداق قىلغاندا بوۋاسىرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

ئەڭ ئاسان بوۋاسىر بولۇپ قالىدىغان بەش خىل ئادەم:
1. ھاجەتخانىدا ئۇزۇن ئولتۇرىدىغانلار: تەرەت قىلىۋاتقاندا يانفون ئويناش، گېزىت كۆرۈش قاتارلىقلار تەرەت قىلىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇنلۇقىغا، قورساق بېسىمىنىڭ ئېشىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ، قاننىڭ ۋېنا تومۇرىدىن قايتىشى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ، مەقئەتكە قىسمەن قان تولۇپ ئىششىيدۇ، ۋېنا تومۇرى ئاسانلا ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىپ بوۋاسىر شەكىللەندۈرىدۇ.
2. ئۇزۇن ۋاقىت قەۋزىيەت بولغانلار: تەرەت قىلغاندا ئاغرىش پەيدا قىلغانلىقتىن بەزى بىمارلار ئاغرىقتىن قورقۇپ تەرەت قىلىشقا پېتىنالمايدۇ ياكى تەرىتىنى مەجبۇر قىسىۋالىدۇ. تەرەت ئۈچەيدە ئۇزۇن تۇرسا قەۋزىيەتنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
3. مەزى بېزى ئۆسۈپ قالغانلار: بۇ خىل بىمارلارنىڭ كىچىك تەرەت قىلىشى قىيىن بولۇش سەۋەبلىك قورساق بېسىمى ئاشىدۇ، توغرا ئۈچەي ۋېناسىنى بېسىۋالىدۇ. ئۇزۇن ۋاقىت مۇشۇنداق بولغاندا بوۋاسىر شەكىللىنىدۇ.
4. ئالاھىدە مەزگىلدىكى ئاياللار: ئادەت كۆرۈش، تۇغۇت، كىلىماكتېرىيە دەۋرى قاتارلىق ئۈچ دەۋردە تۇرغانلارنىڭ بوۋاسىر بولۇپ قېلىش نىسبىتى يۇقىرى.
5. ناچار تۇرمۇش ئادىتى بارلار: ئۇزۇن ئولتۇرۇش، ئۇزۇن ئۆرە تۇرۇش، يۈكى زىيادە ئېغىر بولۇش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئامىللار بوۋاسىر پەيدا قىلىدۇ.
بوۋاسىر دۆلىتىمىزدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان مەقئەت-ئۈچەي كېسىلى، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار، ئۇزۇن ئولتۇرىدىغانلار ھەمدە ھامىلدارلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ، قان تەرەت قىلىش، تەرەت قىلغاندا ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغاندا تۇرمۇش سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىراق، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ياخشىلاش ئارقىلىق ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
1. ۋاقتىدا پەرقلەندۈرۈش:
كۆپ كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر: قان تەرەت قىلىش (قەغەز ياكى تەرەتداندا كۆرۈنىدۇ)، مەقئەت ئەتراپى قىچىشىش، چوڭ تەرەت سىرتىغا چىقىپ قېلىش، مەقئەت ئەتراپىدا ئىششىق پەيدا بولۇش، مەقئەت ئەتراپى ئاغرىش، بىئارام بولۇش، مەقئەت ئەتراپى ئىششىش.
ئىچكى بوۋاسىر چىقىپ قېلىش (بالىياتقۇ، توغرا ئۈچەي)، قان نوكچىسى شەكىللىنىشتىن ئىلگىرى كۆرۈنەرلىك بىئاراملىق كۆرۈلمەيدۇ ياكى ئاغرىمايدۇ.
خەتەرلىك ئامىللار:
سوزۇلما خاراكتېرلىك قەۋزىيەت، ئىچى سۈرۈش، ھاجەت قىلىش ۋاقتى زىيادە ئۇزۇن بولۇش، تەرەت قىلغاندا زىيادە كۈچەش، ياش چوڭىيىش، سېمىزلىك، ھامىلدارلىق، تۆۋەن تالالىق ئوزۇقلىنىش، ئۇزۇن ئولتۇرۇش ياكى ئۆرە تۇرۇش.
2-باسقۇچ: ئادەتتىكى داۋالاش ئۇسۇلى:
تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ياخشىلاش:
ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرىنى تاشلاش، ھاراق-تاماكا تاشلاش ياكى ھاراق ئىچىش مىقدارىنى كونترول قىلىش؛
يېمەك-ئىچمەكنى تەڭشەش، يېتەرلىك سۇ ئىچىش: كۆكتات، دانلىق زىرائەت دېگەندەك يۇقىرى تالالىق يېمەكلىكلەرنى يېيىش؛ تاماق مىقدارىنى ئاستا-ئاستا كۆپەيتىپ قورساق كۆپۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش.
تەرەت قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش: تەرەت قىلغاندا زىيادە كۈچىمەسلىك، تەرەت قىلغۇسى كەلگەندە دەرھال ھاجەتخانىغا بېرىش، قەرەللىك تەرەت قىلىش ئادىتى يېتىلدۈرۈش، ھاجەتخانىدا ئۇزۇن ئولتۇرۇشتىن ساقلىنىش.
مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش: ھەر كۈنى 30-20 مىنۇت پىيادە مېڭىش، ھەر كۈنى 30-15 مىنۇت ئاستا يۈگۈرۈش.
ئۇزۇن ئولتۇرۇش ياكى ئۆرە تۇرۇشتىن ساقلىنىش: بىر سائەتتە بىر قېتىم ئورنىدىن تۇرۇپ ھەرىكەتلىنىش.
قىسىمەن ئورۇنلارنىڭ تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش: تەرەتتىن كېيىن، ئۇخلاشتىن ئاۋۋال مەقئەت ئەتراپىنى تازىلاش ۋە قۇرغاق تۇتۇش، ئىچ كىيىمنى پات-پات ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش.
ئېغىر بوۋاسىر كۆپ مىقداردا ياكى ئاستا خاراكتېرلىك قاناشقا، بوۋاسىر كەپلىشىشكە سەۋەب بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قان ئازلىق، قاتتىق ئاغرىق پەيدا قىلىدۇ. بوۋاسىر ئالامەتلىرى بايقالغاندا دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش كېرەك.
دوختۇرخانىغا بېرىشتىن ئىلگىرى تۆۋەندىكىدەك تەييارلىق قىلىش كېرەك:
قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلدى، قاچاندىن باشلاپ كۆرۈلدى؟ ھازىر قايسى دورىلارنى يەۋاتىدۇ (ۋىتامىن، قۇۋۋەت تولۇقلاش دورىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)؟ ئوزۇقلىنىش ۋە تەرەت قىلىش ئادىتى قانداق؟ ئىلگىرى قانداق ئۇسۇللاردا ئاغرىقنى پەسەيتكەن؟ ئۈنۈمى قانداق بولغان؟ جەمەتىدە بوۋاسىر، بوغماق، تۈز ئۈچەي ياكى مەقئەت راكى بولغانلار بارمۇ؟ قان چىققانلىقىنى قەيەردىن بايقىغان (قەغەز، تەرەتدان ياكى چوڭ تەرەت)؟ دېگەن مەسىلىلىرىنى ئېنىق ئېسىگە ئېلىۋېلىش كېرەك.

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى