دېئابىت كېسلى

ئىنسۇلىننى ئىشلىتىشنىڭ رەسىملىك چۈشەندۈرۈلۈشى

ئىنسۇلىن ئىشلىتىشتىكى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلۈشى، ساقلىۋېلىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ.

بىرىنچى، ئىنسۇلىننى ساقلاش ئۇسۇلى.

پېچىتىنى ئاچمىغان ئىنسۇلىننى ℃2~8لۇق توڭلاتقۇدا سوغۇق ساقلاش (دىققەت: توڭلىتىپ مۇز قاتۇرۇپ قويۇش ئەمەس، بەلكى سوغۇق ساقلاش). پېچىتىنى ئېچىپ ئىشلىتىشكە باشلىغاندىن كېيىن ئۆي تېمپېراتۇرىسىدا (ئادەتتە ℃25نى كۆرسىتىدۇ) 28 كۈن ئەتراپىدا ساقلاشقا بولىدۇ. كۈن نۇرىنىڭ بىۋاسىتە چۈشىشىدىن، تەكرار سىلكىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك. سىرتقا چىققاندا ئىنسۇلىننى ھارارەت ساقلايدىغان قاپچۇقىغا سېلىپ چىقىش لازىم. ئىشلىتىۋاتقان ئىنسۇلىننى توڭلاتقۇغا سالماسلىق كېرەك، بولمىسا ئىنسۇلىننىڭ ئىشلىتىلىش ئىشلىتىلىش ئۆمرىنى قىسقارتىۋېتىدۇ.

b7f2341a5eceeb348116f43dc1de1d43

ئىككىنچى ئىنسۇلىن ئۇرۇش ئورنىنى تاللاش.

ئىنسۇلىننى سۈمۈرۈلۈش سۈرئىتىنىڭ تېز-ئاستىلىقى بويىچە قورساق (كىندىكنىڭ ئەتراپىدىن باشقا)، يۇقىرى بىلەك ئۈچ بۇرجەك مۇسكۇلى، يوتىنىڭ ئىچى ۋە سىرتقى تەرىپى، ساغرا قاتارلىق ئورۇنلارغا ئۇرۇشقا بولىدۇ.

ئۇزۇن مەزگىل بىرلا ئورۇنغا ئۇرماسلىق كېرەك، بولمىسا توقۇلمىلارنىڭ ئىنسۇلىننى سۈمۈرۈش سۈرئىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

924ede04e538fdf7bdc7b46ffeba4c36

ئۈچىنچى، ئۇرۇش ئۇسۇلى:

تېرە ئاستىغا ئۇرۇلىدۇ.

1. ئۇرۇشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق.

(1) ئىنسۇلىننى ئۇرۇپ بولغاندىن كېيىن 30 مىنۇت ئىچىدە تاماق يېيىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. 30 مىنۇت ئىلگىرى ئىنسۇلىننى توڭلاتقۇدىن چىقىرىپ، تېمپېراتۇرىسى ئۆي ئىچى تېمپېراتۇرىسىغا يېقىنلاشقاندا ئاندىن ئۇرۇشقا بولىدۇ.

(2) قولنى يۇيۇپ، ئىسپىرت ۋە پاختا پەلتكۈچ قاتارلىقلارنى تەييارلاش.

(3) ئىنسۇلىننى (تىپىنى) يەنە بىر قېتىم تەكشۈرۈش.

(4) ئىنسۇلىننىڭ سىرتقى قىياپىتىنى كۆزىتىش.

2. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار.

(1) ئىنسۇلىن قەلىمىدىكى ھاۋا كۆپۈكچىلىرىنى چىقىرىۋېتىش.

8f9d3227759c043425b19333310465e8

(2) ئىنسۇلىن ئۇرىدىغان ئورۇننىڭ تېرىسىنى ئىسپىرت ئارقىلىق دېزىنفېكسىيەلەش.

(3) بەلگىلەنگەن بىرلىك بويىچە ئىنسۇلىن قەلىمىنى تەڭشەپ، دېزىنفېكسىيەلەنگەن ئورۇندىكى تېرىنى يىغىپ تۇرۇپ، تىك ياكى يانتۇ ھالەتتە ئىنسۇلىننى ئۇرۇش ۋە ئۇرۇپ بولۇپ، 10 سېكۇنتقىچە قەلەمنى تارتىۋەتمەسلىك

b2d7348d5c7762b3e2291c974cdfa350

(4) ئۇرۇپ بولغاندىن قۇرۇق پاختا پەلتكۈچ بىلەن ئىنسۇلىن ئۇرغان ئورۇننى بىر بېسىپ قويۇش، لېكىن ئۇۋۇلىماسلىق.

3. ئىنسۇلىن قەلىمىنى ئىشلىتىشكە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

 

.

(1) چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، شۇنىڭغا ماس كەلگەن ئىنسۇلىننى توغرا تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك.

(2) ئىنسۇلىن قەلىمىنى ھەرقېتىم ئىشلىتىپ بولغاندىن، قەلەمنىڭ ئۇچىنى (يىڭنىسىنى) تاشلىۋېتىش، كېيىنكى قېتىمدا يەنە يېڭىسىنى ئىشلىتىش كېرەك.

(3) ئىنسۇلىن قەلىمىنى ھەر قېتىم ئىشلەتكەندە چوقۇم قەلەمنىڭ ئىچىدىكى ھاۋا كۆپۈكچىلىرىنى چىقىرىۋېتىش كېرەك.

53dc05837738a2f870e8311f7cf4cd57

.تۆتىنچى، ئاغرىقنى پەسەيتىش ھەققىدە.

(1) ئىنسۇلىننىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆي ئىچى تېپېراتۇرىسىغا يەتكۈزگەندىن كېيىن ئىشلىتىش.

(2) قەلەمنىڭ ئۇچى ئەڭ ئىنچىكە ۋە يېڭى بولۇش.

(3) ئىسپىرت قۇرىغاندىن كېيىن ئىنسۇلىننى ئۇرۇش.

(4) مايلىق ئورۇنغا ئۇرۇش، يەنى تېرىنى يىغىپ ئەكىلىپ ئاندىن ئۇرۇش.

(5) ئىنسۇلىن ئۇرغان ئورۇنغا تەكرار ئۇرماسلىق.

(6) ئىنسۇلىننى ئۇرغاندا ۋە يىڭنىسىنى تارتىۋالغاندا تېز بولۇش، جەرياندا ئاستا بولۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىش.

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى