پىسخېكا بىلىملىرى

پىسخىكىلىق چارىلەر ئارقىلىق ئاچچىقنى چىقىرىشنى قانداق قوللىنىمىز

turmish

كەيپىيات ھەرگىزمۇ بارلىق ۋەقەلەرگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. كەيپىياتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە بۇزۇلۇشى شۇ ۋەقەنىڭ ئۆزى ئەمەس. كىشىلەر دائىم كەيپىياتنى مەلۇم مەسىلىنىڭ ئۆزى دەپ قاراپ، ئۆز كۆڭلىنى ئۆزى پاراكەندە قىلىۋالىدۇ. بىر ئادەمنىڭ مەڭگۈ ياخشى ياكى يامان كەيپىياتتا بولۇشى ناتايىن، تۇرمۇشتا ھەرخىل كېلىشمەسلىك ۋە ئازاب بولىدىكەن، ئۇنداقتا ھەرخىل كەيپىيات كېلىپ چىقىشىمۇ مۇمكىن. پىسخىكىسى پىشىپ يېتىلگەن بىر ئادەمنىڭ كەيپىياتىنى ھەرگىز ناچارلىشىپ قالمايدۇ دېيىشكە بولمايدۇ، لېكىن بۇنداق كىشىلەر ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشەشنى ۋە كونترول قىلىشنى بىلىدۇ. كەيپىيات بىزنى ئەمەس، بەلكى بىز كەيپىياتنى تەڭشىيەلەيدىغانلاردىن بولىشىمىز كېرەك. ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا كەيپىياتنى تەڭشىگىلى ۋە كونترول قىلغىلى بولىدۇ؟

ئاڭ ئارقىلىق كونترول قىلىش
زەردىلىك كەيپىيات پارتلىماقچى بولغاندا، ئاڭ ئارقىلىق ئۆزىنى كونترول قىلىش كېرەك، ئۆزىگە ئەقلى ھالەتنى ساقلاش كېرەكلىكىنى تەكىتلەش، يەنە ئۆزىگە بىشارەت بېرىش: «ئاچچىقلانما، ئاچچىقلىنىش سالامەتلىككە زىيانلىق». تەربىيە كۆرگەن ئادەم ئادەتتە ئۆزىنى كونترول قىلىپ كېتەلەيدۇ.
ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرۈش
بەزى پەلسەپە ياكى بەزى مەشھۇر سۆزلەر ئارقىلىق ئۆزىگە تەسەللىي بېرىش ئارقىلىق ئۆزىنى ئىلھاملاندۇرۇپ، ئازاب ۋە ئوڭۇشسىز شارائىت بىلەن جەڭ قىلىش، ئۆز-ئۆزىنى خوشال قىلىش ئارقىلىق كەيپىياتتا ياخشىلىنىش بولىدۇ.
تىل ئارقىلىق تەڭشەش

تىل كەيپىياتقا تەسىر كۆرسىتىدىغان كۈچلۈك قورالدۇر. مەسىلەن سىز قايغۇرغاندا كۈلكىلىك سۆز-جۈملىلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىڭ، قايغۇ شۇنىڭ بىلەنلا تۈگەپ كېتىشى مۇمكىن. «ئاچچىقنى بېسىش»، «سەۋر»، «ئۆزەڭنى بېسىۋال» قاتارلىق سۆزلەر ئارقىلىق ئۆز-ئۆزىڭىزنى ئەسكەرتىپ، ئۆزىڭىزگە بۇيرۇق قىلىڭ، ئۆزىڭىزگە بىشارەت بېرىڭ، يەنە ئۆزىڭىزنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشەڭ
.
مۇھىت ئارقىلىق كونترول قىلىش
مۇھىت كەيپىياتقا نىسبەتەن مۇھىم بولغان تەڭشەش ۋە چەكلەش رولىنى ئوينايدۇ. كەيپىيات چۈشكۈنلەشكەندە، سىرتقا چىقىپ مېڭىپ بەرسىڭىز، كەيپىياتنى تەڭشەش رولىنى ئوينايدۇ. كۆڭۈل غەش بولغاندا، كۆڭۈل ئېچىش مەيدانىغا بېرىپ قىزىقارلىق ئويۇنلارنى ئوينىغاندا ئەندىشىدىن خالاس بولغىلى بولىدۇ. غەمكىن ھالەتنى ياخشىلاشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى كۈلكىلىك كىنو كۆرۈشتۇر.

ئۆزىگە تەسەللىي بېرىش
بىر ئادەم مەلۇم نىشاننى كۆزلەپ يېتەلمىگەندە كۆڭلىدىكى ئۈمىدسىزلىكنى ئازايتىش ئۈچۈن بىر باھانە تېپىپ ئۆزىگە تەسەللىي بەرسە بولىدۇ، مەسىلەن خۇددى تۈلكىنىڭ قول يەتمىگەن ئۈزۈم قىرتاق دېگەنگە ئوخشاش. بۇ ئۆزىنى ئالدىغانلىق ئەمەس، بەلكى بەزىدە كەيپىياتنى پەسەيتىشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى بولۇش سۈپىتى بىلەن ناچار كەيپىياتنى بىر تەرەپ قىلىشقا پايدىلىق.

دىققەتنى چېچىش ئۇسۇلى
ئاچچىق كەلگەندە تېمىنى مەقسەتلىك ھالدا يۆتكەش ياكى دىققەتنى باشقا ئىشلارنى قىلىشقا بۇرىغاندا، كەيپىياتتا ياخشىلىنىش بولىدۇ. توپ ئويناش، سەيلە قىلىش، مۇزىكا ئاڭلاش قاتارلىقلارمۇ دىققەتنى يۆتكەپ، كۆڭۈلسىز كەيپىياتنى ياخشىلاشقا پايدىلىق .

دەردىنى چىقىرىش
كۆڭۈلسىز ئىشلار ۋە ئۇۋالچىلىقنى ئىچىدە ساقلىماسلىق، سىرداش دوست ياكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا سۆزلەپ بېرىش ياكى قاتتىق يىغلىۋېلىش ئارقىلىق دەردىنى چىقىرىۋېلىش كېرەك. بۇ خىل چارە ئارقىلىق كۆڭلىدىكىنى ئازاد قىلىپ، يىغىلىپ قالغان ناچار كەيپىياتنى ھەيدىۋەتكىلى بولىدۇ، بۇ ھەم بەدەن-روھنىڭ ساغلام يېتىلىشگە پايدىلىق، لېكىن ئاچچىقىنى چىقىرىدىغان ئوبيېكت، جاي، سورۇن ۋە ئۇسۇلى مۇۋاپىق تاللانغان بولۇشى، باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

يۇمۇر
يۇمۇر بىر خىل ئالاھىدە كەيپىيات ئىپادىسى، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ مۇھىتقا ماسلىشىشتىكى قورالى. يۇمۇرىستىك خاراكتېر كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشقا بولغان ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ئۈمىدۋار پوزىتسىيە ھاسىل قىلالايدۇ. نۇرغۇن باش ئاغرىقى بولىدىغان شەيئىلەرگە يۇمۇرىستىك ئۇسۇل بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، كۆپ ھاللاردا كىشىلەرنىڭ كۆڭۈلسىز كەيپىياتىنى ياخشىلاپ، بېسىمنى دەرھاللا يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.

​تەبىئەتكە يېقىنلىشىش
تەبىئەتنىڭ ئاجايىپ-غارايىپ تاغ-دەريا، مەنزىرىلىرى دائىم كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرالايدۇ. تاغنىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىسىغا چىققاندا، ئادەمنىڭ كۆڭلى ئېچىلىپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ. دېڭىزلارغا نەزەر سالغاندا «قايتىدىن» ئەركىنلىككە ئېرىشكەن تۇيغۇغا كېلىدۇ. بۈك-باراقسان ئورمانلىققا كىرگەندە يەنە ھەممە نەرسە شۇنچىلىك ساپلىشىپ كەتكەندەك ھېس قىلىسىز. بۇنداق گۈزەل ھېسسىياتلار كۆپ ھاللاردا ياخشى كەيپىياتنى يېتىلدۈرىدىغان ئۈنۈملۈك دورا بولالايدۇ.

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى