يۇقىرى قان بىسم

يۇقىرى قان بېسىمنىڭ زىيىنىدىن قانداق ساقلىنىش كېرەك

799560590b124732a4fc1a328bdb6cc2

دۆلەتلىك يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكىنى تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسەن، ئېلىمىزدە يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %23 بولۇپ، تەخمىنەن بەش ئادەمنىڭ بىرىدىلا يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بار ئىكەن. لېكىن ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، پەقەت %14.5 كىشىلەرلا ياخشى كونترول قىلىپ كېتىدىكەن.

مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، %90كە يېقىن يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى ئۆزىنىڭ خەتەرلىك ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلمەيدىكەن.

يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى يەنە «سۈكۈتتىكى جاللات» دەپ ئاتىلىدۇ، چۈنكى بۇ خىل كېسەللىك تىمتاس ھالەتتىلا ئارتېرىيە ۋە يۈرەك قاتارلىق مۇھىم ئەزا ۋە ئورگانىزملارغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. ئەگەر ئۇزاق مۇددەتكىچە مەيلىگە قويۇپ بېرىلسە، روشەن ئالامەت كۆرۈلگەن ھامان جانغا زالىم بولالايدۇ.

ئۇنداقتا، قانداق كىشىلەر يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە ئاسانلا گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ؟ يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغاندا زادى قانداق كونترول قىلىش كېرەك؟ قانداق قىلغاندا يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەۋپ-خەتەردىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟

يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى ھەرقايسى ياش قاتلىمىدىكى ئەر ياكى ئاياللاردا يۈز بېرىشى مۇمكىن، بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ خىل كېسەلىك بارغانسېرى ياشلىشىقا قاراپ يۈزلەندى. بۇ ئاساسلىقى ياشلارنىڭ ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى بولغان كىشىلەر ئاساسەن تۆۋەندىكى بىر قانچە تۈرلۈك بولىدۇ:

1. بېسىمى ئېغىر كىشىلەر. بۇ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنىمۇ ئاشۇرىۋېتىدۇ؛

2. سېمىزلەر. يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى بەدەن ئېغىرلىقى نورمال كىشىلەرگە قارىغاندا ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ؛

3. ھاراقنى كۆپ ئىچىدىغانلار. شۇڭا يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلارغا ھاراق چەكلىنىدۇ؛

4. چېنىقىش كەمچىل بولغانلار. نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭغا سەل قارايدۇ؛

5. ئېرسىيەت ئامىلى. ئائىلىسىدە يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بارلار؛

6. تاماكا چەككۈچىلەر. تاماكا تەركىبىدە 2000دىن ئارتۇق زىيانلىق تەركىب بار؛

7. تۇزنى كۆپ ئىستىمال قىلىدىغانلار. بۇ ھەقتە بىز نۇرغۇن توختالغان، يەنە توختىلىشنىڭ ھاجىتى يوق؛

8. ياش ئامىلى. گەرچە يۇقىرى قان بېسىم ھەرقايسى ياشتىكىلەردە كۆرۈلسىمۇ، شۇنداقلا يېقىندا ياشلىشىشقا يۈزلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئاساسەن ئەرلەر 55 ياشتىن كېيىن، ئاياللار كلىماكتېرىيە دەۋرىدىن كېيىن ئاسانلا يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ، چۈنكى بۇ ياشتىكى ئەر ۋە ئاياللاردا يۇقىرىدىكى يەتتە تۈرلۈك ئامىللار كۆپرەك يۈز بېرىدۇ.

يۇقىرى قان بېسىمنى ئاساسلىقى ئىككى جەھەتتىن، يەنى تۇرمۇشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ۋە دورا ئارقىلىق كونتىرول قىلىشقا بولىدۇ. قان بېسىمى 160/100mmhgدىن يۇقىرى بولمىغان بىرىنچى دەرىجىدىكى قان بېسىم بىمارلىرىغا نىسبەتەن يۈرەك، قان-تومۇرلارغا خەۋپ يەتكۈزمىگەن ئەھۋالدا، ئاۋال تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەڭشەش ئارقىلىق يۇقىرى قان بېسىم ئەھۋالاتىنى ياخشىلاشنى سىناپ باقسا بولىدۇ. ئەگەر تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەڭشەش قان بېسىمنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلالمىسا، يەنىلا دورىغا تايىنىش كېرەك.

1. ئەڭ مۇھىم نۇقتا شۇكى، چېنىقىشنى ئاز-ئازدىن، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. ئادەتتە ئانچە چېنىقمايدىغان كىشىلەر باشلىنىشىدىلا كۈچلۈك ھەرىكەتلەرنى ئىشلىمەسلىكى كېرەك، بۇ يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىغا پايدىسىز، چېنىقىش جەريانىدا يۈرەك سوقۇشى بىردىنلا تېزلىشىپ كەتسە، قان بېسىم بىراقلا ئۆرلەپ، خەۋپ پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

2. ھەرىكەت سىجىلللىقىنى ياخشى كونتىرول قىلىش، يۇقىرى سىجىللىقتىكى ھەرىكەتلەرنى ئىشلىمەسلىك، يۇقىرى دەرىجىدىكى ئوكسېگىنلىك ھەرىكەتلەرنى، مەسىلەن، تەيجى گۇمبىسى، سۇ ئۈزۈش، پىيادە مېڭىش، ئاستا يۈگۈرۈش قاتارلىقلارنى تاللاش كېرەك.

3. چېنىققاندا قان بېسىمىنىڭ يۇقىرى پەللىسىدىن ساقلىنىش كېرەك. ئەتىگەندە قان بېسىمى ئۆرلەيدىغانلار بولۇپمۇ، تېخى دورا يېمىگەنلەر ئەتىگەندە چېنىقماسلىقى كېرەك. شۇڭا، يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى چېنىققاندا، قان بېسىمىنىڭ قانۇنىيىتىنى ئېنىق تونۇپ يېتىپ، قان بېسىمىنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە چېنىقىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى