يۇقىرى قان بىسم

قان بېسىمىنى تۆۋەنلەتكەندە ئەقلى ئىقتىدار ئاجىزلاپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ

مەلۇم تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، قان بېسىمى بەلگىلەنگەن ئۆلچەمدىن تۆۋەن بولغاندا، يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردىمى بولغاندىن سىرت، ئەقلىي ئىقتىدار ئاجىزلاشنىڭمۇ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن. بۇ تۇنجى قېتىملىق تەجرىبە بىر خىل ئامالنىڭمۇ ئەقلى ئىقتىدارى ئاجىزلاشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان، بۇرۇن كىشىلەر ئەقلىي ئىقتىدارىنى ياخشىلاش ئۈچۈن خەت ئويۇنى، تېپىشماق تېپىش قاتارلىق مېڭىنى چېنىقتۇرىدىغان ئىشلارنى قىلىشى، يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدىغان نەرسىلەرنى يېيىشى، بىر مۇنچە ئىشلارغا دىققەت قىلىش كېرەك، ئىدى.
بۇ تەتقىقاتتا ئەڭ يۇقىرى قان بېسىمى 120 بولغان بىماردا ئەقلى توسالغۇلۇق كۆرۈلىشى ئەڭ يۇقىرى قان بېسىمى 140 بولغان بىمارغا قارىغاندا %19 تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلانغان، چوڭ مېڭىنى سۈرەتكە ئېلىپ تەكشۈرگەندە، ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ زەخمىگە ئۇچرىغان قىسمىمۇ ئاز بولۇپ، دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرىمۇ كىچىكلىگەن.
ئامېركىلىق جېف ۋىلىيامسون دوكتورنىڭ دېيىشىچە، بۇ بىر چوڭ بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجە بولۇپ، كىشىلەرنىڭ دائىم قان بېسىمىنى ئۆلچەپ تۇرىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن. جېف ۋىلىيامسون دوكتۇر بۇ قېتىملىق تەتقىقاتنىڭ مەسئۇلى بولۇپ، تەتقىقات نەتىجىسى چىكاكودا ئېچىلغان خەلقئارالىق يىغىندا ئېلان قىلىنغان. نۆۋەتتە تەتقىقاتتا مۇكەممەللەشكە تېگىشلىك نۇرغۇن جايلار بار بولۇپ، مۇكەممەل تەتقىقات نەتىجىسى بۇ يىل ئاخىرىدا ئېلان قىلىنىدىكەن.
چوڭ مېڭە ۋە قان بېسىم ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت
پۈتۈن دۇنيادا تەخمىنەن 50 مىليون ئەتراپىدا دېۋەڭلىك كېسىلى بىمارلىرى بار بولۇپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى ياخشىلايدىغان دورىلار بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، كېسەللىكنى يىلتىزىدىن ساقايتىدىغان ئۇسۇل تېخى بارلىققا كەلمىدى. ئۆتكەن يىلى قوللانغان يۇقىرى قان بېسىم ئۆلچىمىدە يۇقىرى قان بېسىمنى 140دىن 130 قىلىپ بېكىتكەن. نورمال بولغان قان بېسىمى 120دىن تۆۋەن بولىدۇ. يۇقىرى قان بېسىمى قان تومۇرلارنى زەخمىلەندۈرۈپ، دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۋېتىدۇ، ھازىرغا قەدەر تۆۋەن قان بېسىمنىڭ دېۋەڭلىك كېسىلىگە پايدىسى بار-يوقلىقى، قان بېسىمىنى زادى قانچىلىك چۈشۈرسە بولىدىغانلىقىغا ئائىت ھېچقانداق پاكىت تېپىلمىغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق ئامېرىكا بىرلەشمە ھۆكۈمىتى مەبلەغ سالغان بۇ تەتقىقات بۇرۇنقى سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن.
بۇ قېتىلىق تەتقىقاتقا 9300دىن ئارتۇق يۇقىرى قان بېسىم بىمارى قاتناشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ يېرىمى ئىككى خىل دورا ئىشلىتىپ قان بېسىمىنى 140 دىن تۆۋەن ھالەتكە ئەكەلگەن، قالغان يېرىم قىسىم كىشلەر ئۈچ خىل دورا ئىشلىتىپ قان بېسىمىنى 120دىن تۆۋەن ھالەتكە ئەكەلگەن، تەتقىقات جەريانىدا، كۈچەيتىپ داۋالاشنى قوبۇل قىلغانلارنىڭ ئوتتۇرىچە قان بېسىمى 121 ئەتراپىدا، قالغان كىشىلەرنىڭ قان بېسىمى 135 ئەتراپىدا بولغان. بۇ تەتقىقات 2015-يىلى ئاخىرلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئىككى يىل بۇرۇن تەتقىقاتچىلار تۆۋەن قان بېسىمنىڭ يۈرەك كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى دەلىللىگەن، ئارقىدىنلا تەتقىقاتچىلار كىشىلەرنىڭ ئوي-پىكىرىگە ئائىت تەتقىقاتنى باشلىغان، تەتقىقاتنىڭ يېڭى نەتىجىسى بۇ ھەپتە ئۆتكۈزىلىدىغان خەلقئارالىق يېغىندا ئېلان قىلىنىدۇ.

تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، كۈچەيتىپ داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللانغان گۇرۇپپىدىكىلەر بىلەن قان بېسىمى يۇقىرى گۇرۇپپىدىكىلەرنى سېلىشتۇرغاندا، ئوي-پىكىرىدە توسالغۇلۇق كۆرۈلۈش خەتىرى %19 ئازايغان، ئوي-پىكىرىدە توسالغۇلۇق كۆرۈلۈش بىمارلىرىنىڭ نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 285 ۋە 348 بولغان، يېرىمدىن كۆپرەك ئوي-پىكىرىدە توسالغۇلۇق كۆرۈلگەن بىمارلار بەش يىل ئىچىدە دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان. كۈچەيتىپ داۋالشنى قۇبۇل قىلغانلارنىڭ دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ سانى تېخىمۇ ئاز بولۇپ، 454 تەتقىقاتقا قاتناشقان بىمارلارنى تەكشۈرۈگەندىن كېيىن، قان بېسىمى تۆۋەن كىشىلەرنىڭ بەدەندىكى قان تومۇرلارنىڭ زەخمىگە ئۇچرىشى ئاز بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان.
قان بېسىمىنى زادى قايسى چەككە چۈشۈرۈش كېرەك ؟
تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ تۈرتكىسىدە، يۇقىرى قان بېسىمنىڭ ئۆلچىمى 130 قىلىپ بېكىتىلگەن، بەزى دوختۇلار بۇنداق قىلىشنى بەكلا ئالدىراقسانلىق دەپ قارىغان بولسىمۇ، يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، بۇنداق قىلىش چوڭ مېڭىگە پايدىلىق ئىكەن. قان بېسىمىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن ھەر كۈنى بىر خىلدىن ئارتۇق دورا يېيىش، دورىنىڭ كۆپ خىللىقىغا كاپالەتلىك قىلغاندىلا قان بېسىمىنى ئۈنۈملۈك، ئۇزاق مەزگىللىك تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى