تۇرمۇش ساۋاتلىرى

توڭلاتقۇغا بۇ ئۈچ خىل يېمەكلىكنى بىللە قويماڭ كۆرۈڭ

ھازىر ئاساسەن ھەر بىر ئائىلىدە بىردىن توڭلاتقۇ بار، نۇرغۇن يېمەكلىكلەر مۇزلاتقاندىن كېيىن تېخىمۇ تەملىك بولىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر بەزى يېمەكلىكلەرنى توڭلاتقۇغا سېلىپ قويىدۇ، بۇنداق قىلغاندا ئۇزۇن ساقلىغىلى بولىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر توڭلاتقۇنى يېڭى پېتى ساقلايدۇ، پەقەت يېمەكلىكنى توڭلاتقۇغا سېلىپ قويسىلا، چوقۇم چاتاق چىقمايدۇ دەپ ئويلايدۇ، لېكىن بۇنداق قاراش ئىنتايىن خاتا. توڭلاتقۇدا ساقلاشقا ماش كەلمەيدىغان ئۈچ خىل نەرسە بار بولۇپ، راك ھۈجەيرىلىرىنى ئاسانلا ئويغىتىپ، سالامەتلىككە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

ئېشىپ قالغان مايدا پىشۇرۇلغان توخۇ گۆشى، كاۋاپ
تاماق سېتىش كەسپى كۈنسېرى گۈللەندى، نۇرغۇن كىشىلەر كەچتە مايدا پىشۇرۇلغان توخۇ، كاۋاپ، ئاچچىق-چۈچۈك شورپا بۇيرۇتۇپ يەيدۇ، لېكىن بەزىدە كۆپ بۇيرۇتۋىتىپ، يەپ بولالماي قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ، بۇ چاغدا كۆپ ساندىكى كىشىلەر كۆپ ھاللاردا ئىسراپچىلىق قىلماسلىق پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى توڭلاتقۇغا سېلىپ قويىدۇ. بەزى كىشلەر ئېغزىنى ھىم ئىتىپ ئاندىن سالىدۇ، يەنە بەزى ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدىغانلار بىۋاستىلا سالىدۇ، بىراق، مەيلى قايسى خىل بولسۇن، ھەممىسى ئاسانلا راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنى ھاسىل قىلىدۇ.

بۇ خىل يېمەكلىكنىڭ ئۆزىدە بىر قىسىم يۇقىرى ماي ۋە بېنزوپىرېن قاتارلىق راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار بولىدۇ. بۇ ماددىلار بىرىنچى قېتىم يېمەكلىك يېگەندە بەدەنگە بەزى زىيانلارنى پەيدا قىلىدۇ. توڭلاتقۇغا سېلىپ قويغاندىن كېيىن، ئۇنى يېڭى پېتى ساقلايدۇ دەپ قاراپ، قايتا قىزدۇرۇشنى خالىمىسا، يەنە ئىككى قېتىم زىيان يەتكۈزىدۇ

ياغدا پىشۇرۇلغان توخۇ كاۋىپى تەركىبىدىكى ماي يەنە بىر قېتىم رېئاكسىيەلىشىدۇ، بۇ ئېشىپ قالغان كۆكتاتنى يېيىش بىلەن ئوخشاش بىر قائىدە بولۇپ، راك پەيدا قىلىدىغان ماددا ئاز بولمايلا قالماستىن، يەنە بىر خىل نىترات كىسلاتا تۇزى كۆپىيىدۇ. دائىم مۇشۇنداق بولسا بەدەننىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

يېڭى پەمىدۇر، تەرخەمەك ۋە ئىسسىق بەلباغ مېۋىلىرى
نۇرغۇن كىشىلەر سېتىۋالغان كۆكتاتلارنى توڭلاتقۇغا سېلىپ قويىدۇ، يەنە بەزى كىشلەر بىر قىتىمدىلا بىر ھەپتىلىك كۆكتات ياكى مېۋىنى سىتۋىلىپ توڭلاتقۇغا سىلىپ قويۇپ يەيدۇ، ئەمما پەمىدۇر، تەرخەمەك قاتارلىق كۆكتاتلارنى توڭلاتقۇغا ئۇزاق ۋاقىت سېلىپ قويغاندا، ساقلاش تېمپېراتۇرىسى بەك تۆۋەن بولغانلىقتىن، ئاسانلا زەخىملىنىدۇ. بۇ كۆكتاتلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، توڭلاتقۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەك تۆۋەن بولۇپ، سىرتقى يۈزى ئۈششۈپ قالىدۇ ھەم ئاسانلا سىرتقى يۈزى سېسىپ قالىدۇ.

يېڭى تەرخەمەك، پەمىدۇر قاتارلىقلارنى پەقەت سالقىن، شامال ئۆتۈشىدىغان جايغا قويۇپ قويسا، بىر مەزگىل ساقلىغىلى بولىدۇ، ئەڭ مۇۋاپىق ساقلاش تېمپېراتۇرىسى 8-10 گىرادۇس بولىدۇ، توڭلاتقۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى كۆپىنچە 0-4 گىرادۇس بولۇپ، كۆكتاتلارنى يېڭى پېتى ساقلاشقا پايدىسىز. ئاسانلا ئۈششۈپ قېلىش سەۋەبىدىن سوغۇقنى خالايدىغان باكتېرىيىلەر كەڭ كۆلەمدە كۆپىيىدۇ، بۇنى يېگەندە ئاسانلا كېسەللىك پەيدا بولىدۇ.

يەنە بانان، دۇريان قاتارلىق ئىسسىق بەلباغ مېۋىلىرىنى توڭلاتقۇغا سالسا قارا رەڭگە ئۆزگىرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ناھايىتى ئاسانلا قارا داغ پەيدا بولىدۇ، بۇ مېۋىلەرنى دائىم توڭلاتقۇغا سېلىشمۇ ئوزۇقلۇق ماددىلارنى ساقلاشقا پايدىسىز بولۇپ، ئوزۇقلۇقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يەنە ئاسانلا راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنى پەيدا قىلىپ، بەدەندىكى راك ھۈجەيرىلىرىنى پەيدا قىلىدۇ.

توڭلاتقۇ ئىچىدىكى مۇز قىرو
نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆيىدىكى توڭلاتقۇنىڭ ئىچكى دىۋارىغا يېقىن جايدا بىر قەۋەت قىراۋ پەيدا بولۇپ، دەسلەپتە ئانچە دىققەت قىلمىغانلىقتىن ئۇنىڭ بارغانسېرى قېلىنلاپ كەتكەنلىكىنى، يەنە بىر قىسىم ئايرىش تاختىسى تارتمىسىنىڭ نورمال ئىشلىتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ بىر قەۋەت قىراۋ ئاسانلا باكتېرىيەنى يوشۇرۇپ قويىدۇ. توڭلاتقۇدا سوغۇق مۇھىتنى ياخشى كۆرىدىغان بەزى باكتېرىيىلەر بولىدۇ، مەسىلەن، لىستېر باكتېرىيەسى قاتارلىقلار، ناھايىتى ئاسانلا كەڭ كۆلەمدە كۆپىيىپ، غەيرىي پۇراق پەيدا قىلىپ، يېمەكلىكلەرنى يېڭى پېتى ساقلاشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

توڭلاتقۇنىڭ ئۇزۇن ۋاقىت تازىلانماسلىقى بەزى سۇ تەركىبلىرىنىڭ باكتېرىيەلەرنى ئىچكى دىۋارىغا سۈمۈرۈۋېلىپ، مۇز قىرو، ھەتتا مۇز پارچىلىرىنى ھاسىل قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەڭ ياخشى ئۇسۇل توڭلاتقۇنى قەرەللىك تازىلاپ تۇرۇش، ھەر ئايدا بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك تازىلاش، بولۇپمۇ بۇ مۇزلارنى تازىلاپ، ئايرىش تاختىسىنى دېزىنفېكسىيەلەشتىن ئىبارەت.

توڭلاتقۇ گەرچە يېمەكلىكنى ئىمكانقەدەر يېڭى پېتى ساقلىسىمۇ، لېكىن توڭلاتقۇدىكى بۇ ئۈچ خىل نەرسە بەدەنگە ناھايىتى ئاسانلا زىيان يەتكۈزىدۇ، ئەگەر ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلمىغاندا، بەدەنگە بولغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ، شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ ساغلاملىق ئىڭىنى كۈچەيتىپ تۇرمۇشتىكى مۇشۇنداق ساغلاملىق ساۋاتلىرىغا دىققەت قىلشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى