ساغلاملىق بىلىملىرى

ئەتىگەندە بۇ5 ئىشنى ئىككى ئاي داۋاملاشتۇرسىڭىز تىز ئورۇقلايسىز

بىر كۈن ئىچىدىكى 24 سائەت ئىچىدە، ئەتىگەن بولسا مېتابولىزمنى ئاچىدىغان ھالقىلىق ۋاقىت، كەچتە بولسا ھەرىكەت كوئېففىتسېنتى ئازىيىپ كېتىدىغان ۋاقىت، كۈندۈزى بولسا بىر كۈنلۈك ئالدىراش خىزمەت ۋاقتىغا تاقابىل تۇرىدىغان ۋاقىت، سېمىز كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھەر كۈنى ۋاقىت چىقىرىپ بەدەن چېنىقتۇرۇش ئىنتايىن تەس ئىش.

 

لېكىن، ئەگەر سىز ئەتىگەندىكى بۇ ۋاقىتتىن ياخشى پايدىلىنالىسىڭىز، بەلكىم سىز باشقىلاردىن تېخىمۇ تېز ئورۇقلىشىڭىز مۇمكىن! ئەتىگەن تۇرۇش بەدەندىكى ماينى كۆيدۈرىدىغان ئالتۇن ۋاقىت، ئەتگەندە بەزى ياخشى ئادەتلەرنى داۋاملاشتۇرسىڭىز ئورۇقلاش سۈرئىتىڭىزنى تىز قىلىدۇ.

 

سەھەر تۇرغاندىن كېيىن بۇ بەش كىچىك ئىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ.

 

1. 7.30 مىنۇت ئۆتكەندىن بۇرۇن ئورنىڭىزدىن تۇرۇش

ئورنىڭىزدىن تۇرۇش ۋاقتى بەك كىيىن بولۇپ كەتمىسۇن، سائەت يەتتە يېرىمدىن بۇرۇن ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ. بالدۇرراق ئورنىڭىزدىن تۇرسىڭىز كۈندۈزى بولۇپمۇ ئەتىگەندە روھىي ھالىتىڭىز كۆتۈرەڭگۈ، كەيپىياتىڭىز بىر قەدەر ئۈمىدۋار، ھاياتىي كۈچىڭىز ئۇرغۇپ تۇرغاندەك ھېس قىلىسىز.

بالدۇر ئۇخلاش بالدۇر ئورنىدىن تۇرۇشقا ئەگىشىپ، قانۇنىيەتلىك بالدۇر ئۇخلاش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەندە، بەدەندىكى ئايلىنىشنىڭ ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەندىكى ماي نىسبىتىنى تېخىمۇ تېز تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

 

2. سەھەر تۇرغاندىن كېيىن بىر ئىستاكان سۇ ئىچىش كېرەك

ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ يۈز-كۆزىنى يۇغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن ئاچ قورساققا بىر ئىستاكان سۇ ئىچىپ بەرگەندە، بەدەنگە سۇ تولۇقلاپ، قاننىڭ قويۇقلۇقىنى سۇيۇلدۇرۇپ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۈچەينى سىلىقلاپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش رولىغا ئىگە ھەم تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ.

ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا غىدىقلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئىچىملىك ياكى چاي ئىچمەسلىك كېرەك، ئىلمان قايناق سۇنىڭ ئىسسىقلىق ئېنىرگىيىسى بولمايدۇ، بۇ سالامەتلىككە پايدىلىق، بىر ئىستاكان سۇ سىزنى تېخىمۇ راھەتلەندۈرىدۇ. سۇ ئىچكەندە ئاز-ئازدىن ئىچىش كېرەك.

 

3. سەھەر تۇرغاندىن كېيىن تەرەت قىلىش

نۇرغۇن كىشىلەر يېمەك-ئىچمەك ئادىتى مەسىلىسى تۈپەيلىدىن، تاماقنى زىيادە تۈجۈپىلەپ يەپ، ئۇزاق ئولتۇرۇشقا ئادەتلەنگەن، ھەرىكەت كەمچىل بولغاچقا، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدەش ئىقتىدارى بىر قەدەر ناچار بولۇپ، قەۋزىيەت بولۇپ قېلىش ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ.

سىز دائىم تۆت، بەش كۈندىن ئارتۇق تەرەت قىلمىسىڭىز، چوقۇم قەۋزىيەت بولۇپ قالىسىز. بۇ خىل ئەھۋالدا كىشىلەر كۆپرەك سۇ ئىچىپ، ئۈچەينى نەمدىشى كىرەك، شۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئادەتتە يۇقىرى تالالىق كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى كۆپرەك يەپ، سېلليۇلوزىنى تولۇقلاپ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش كىرەك.

640-18

ئۇنىڭدىن باشقا، ھەر كۈنى ئەتىگەندە ھاجەتخانىغا بېرىپ، بەدەنگە تەرەت قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۈچەي يوللىرىدىكى ئەخلەتلەرنى ئازايتىپ، بەدەننىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش كېرەك.

 

4. ئەتىگەندە بىر تال سۇدا پىشۇرۇلغان تۇخۇم يىيىش

ئەتىگەندە بەك مايلىق نەرسىلەرنى يېمەڭ، بىراق ئەتگەندە بىر نەرسە يىمەسلىككىمۇ بولمايدۇ، ئۇزاق مۇددەت ناشتا قىلماسلىق ئاسانلا ئاشقازان-ئۈچەي كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يەنە ئەتىگەندە ماددا ئالمىشىش ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىۋېتىدۇ.

ئەلا سۈپەتلىك ئەتىگەنلىك تاماق چوقۇم سۇدا پىشۇرۇلغان تۇخۇم قاتارلىق يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بەدەن ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇقلارنى تولۇقلاپ، قورساق تويۇش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، بەدەننىڭ يۇقىرى ماددا ئالماشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ساقلاپ، بەدەننىڭ ماي كۆيدۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، يەنە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق.

640-19

بۇنىڭدىن باشقا، سىز يەنە بىر قاچا ئۇماچ ياكى سۇدا پىشۇرۇلغان كۆممىقوناق، قارا ئاشلىقىنى ماسلاشتۇرۇپ يىيىش ئارقىلىق بەدىنىڭىزگە كېرەكلىك كاربون سۈيىنى تولۇقلاپ، بەدىنىڭىزنىڭ ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرسىڭىز بولىدۇ.

 

5. تاماقتىن كېيىن  پىيادە مېڭىش

تاماقتىن كېيىن ئولتۇرماڭ، تاماق يەپ بولغاندىن كىيىن ئاستا مىڭىپ ئاشقازان، ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تاماقنىڭ ياخشى ھەزىم بولىشىنى ئىلگىرى سۈرسىڭىز بولىدۇ، تاماقتىن كېيىن قاتتىق ھەرىكەت قىلماي 30 مىنۇت ئەتراپىدا پىيادە مىڭىشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىڭ، ئىشتىن سىرىتقى ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ھەركەت قىلىپ تېخىمۇ كۆپ ئىسسىقلىقنىخورىتىڭ، تاماقتىن كېيىن مېڭىپ بېرىش ئادىتىنى يېتىلدۈرسىڭىز، ئاستا-ئاستا ئورۇقلايسىز.

بۇ بەش ئىشنى سىز قانچە ئىشنى قىلالايسىز؟ ئەگەر سىز ئىككى ئاي بەرداشلىق بېرەلىسىڭىز، بەدەن ئېغىرلىقىڭىز باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ تېز تۆۋەنلەيدۇ!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى