يىېمەكلىكلەر

ئاياللار قانچە كۆپ يېسە چىرايىنى شۇنچە گۈزەللەشتۇردىغان يېمەكلىك

كۈز پەسلىدە ھاۋا رايى ئۆزگىرىشى چوڭ بولىدۇ، شۇڭا ساغلاملىق ئۈچۈن يېمەك-ئىچمەكنى تەڭشەشكە دىققەت قىلىش كېرەك. مەملىكىتىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋرىدىكى مەشھۇر تېۋىپ سۇن سىمياۋ مۇنداق دېگەن:« كۈز كۈنلىرى ئاچچىق-چۈچۈك تەمىنى تېتىپ، مىجەزنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.» بۇنىڭ مەنىسى، كۈز پەسلىدە چۈچۈمەل نەرسىلەرنى ئاز يېيىش، تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش كېرەك دېگەنلىكتۇر.

640-1

ئۇنداقتا كۈز پەسلىدە قانداق قۇۋۋەت تولۇقلايدىغان يېمەكلىكلەرنى يېسە ياخشى بولىدۇ؟

ئەنئەنىۋى، كىلاسسىك قۇۋۋەت تولۇقلايدىغان يېمەكلىكلەردىن ياڭاق ۋە قارىغاي مېغىزى بار، ئۇلارنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن E ۋە سىنك مول بولۇپ، تېرىنى سىلىقلاپ، تېرىنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرىدۇ. تەھرىر بۇنىڭدىن باشقا يەنە تۆۋەندىكى بىر نەچچە گۇرۇپپا يىمەكلىكنىڭ كۈز پەسلىدە ئوزۇقلۇق تولۇقلاشقا ناھايىتى ماس كېلىدىغانلىقىنى، يەنە ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈپ، سىزنى يىل بويى گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىدىغانلىقىنى بايقىغان.

640-2

01

خاسىڭ ۋە كۈنجۈت

 داغ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ قېرىشنى كىچىكتۈرىدۇ

يەر ياڭىقى ۋە قارا كۈنجۈت قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئالدىن تاللىنىدىغان يېمەكلىك، بۇ ئاساسلىقى ئۇلارنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن E مول بولغانلىقىدا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە پىگمېنتلارنىڭ تېرىگە چۆكۈپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، رەڭلىك داغ، كېپىنەك داغلىرىنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

640-20

كۈنجۈت تەركىبىدە قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان كۈچلۈك ماددا كۈنجۈت فېنول بار بولۇپ، ئاياللارنىڭ قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان مۇھىم قۇۋۋەت يېمەكلىكى ھېسابلىنىدۇ. ئەرلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا B تۈردىكى ۋىتامىنلارنىڭ مىقدارىمۇ ئىنتايىن مول بولۇپ، بەدەندىكى ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

يېيىش ئۇسۇلى

كۆپچىلىكنىڭ ئادەتتە قورۇما قورۇغاندا، تاماق ئەتكەندە، ئېزىلگەن يەر ياڭىقى ۋە كۈنجۈتنى كۆپرەك قوشۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز

640-3

02

ياڭاق ۋە قارىغاي مېغىزى

 چاچنى ئاسراپ تېرىنى سىلىقلاشتۇرىدۇ

ياڭاق بىلەن قارىغاي مېغىزىنىڭ ھەممىسى كىلاسسىك قۇۋۋەت تولۇقلايدىغان يېمەكلىك، ئۇلارنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن E ۋە سىنك مول بولۇپ، تېرىنى سىلىقلاپ، تېرىنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرۈشكە پايدىلىق.

ياڭاق بىلەن قارىغاي مېغىزىدا ئاقسىل، مىنېرال ماددا B تۈردىكى ۋىتامىنلارنىڭ مىقدارى ئىنتايىن مول بولۇپ، ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، چاچ ياساشتىكى ئەڭ ياخشى مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ.

640-4

يېيىش ئۇسۇلى

تەھرىر كۆپچىلىككە مۇنداق ئۆزگىچە يىيىش ئۇسۇلىنى تەۋسىيە قىلىدۇ:

تەييارلاش ئۇسۇلى ئىنتايىن ئاددىي، مۇۋاپىق مىقداردا شورپىغا ناۋات ۋە تېرىق ئارىلاشتۇرۇپ، سۇس ئوتتا دۈملەپ پىشۇرۇپ، ياڭاق مېغىزى ۋە قارىغاي مېغىزى سېپىپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.

640-5

03

پىچەكگۈل ۋە توخۇ جىگىرى

قۇۋۋەت تولۇقلاپ، قۇۋۋەتنى ئاشۇرىدۇ

پىچەكگۈل جۇڭگو تېبابىتىدە ئەڭ ياخشى قۇۋۋەت تولۇقلايدىغان يېمەكلىك بولۇپ، تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، قۇۋۋەت تولۇقلاش رولىغا ئىگە؛ توخۇ جىگىرى تەركىبىدە تۆمۈر، سىنك، مىس، ۋىتامىن A ۋە B تۈردىكى ۋىتامىنلار مول بولۇپ، قان تولۇقلاشتىكى ئەڭ ياخشى يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، كۆك بامبۇك نوتىسى ئوزۇقلۇق تالاسى مول بولغان ھۆسن تۈزەش كۆكتاتى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پىچەكگۈل، توخۇ جىگىرى قاتارلىقلارنى قوشۇپ ئىشلەتكەندە، يەل ۋە قاننى تەڭشەش، تېرىنىڭ نەملىك تۇيغۇسى ۋە رەڭگىنى ياخشىلاش رولىنى ئوينايدۇ.

640-6

يېيىش ئۇسۇلى

تەھرىر كۆپچىلىككە پىچەكگۈل دۈملەنگەن توخۇ جىگىرىدىن ئىبارەت بىر خىل قورۇمىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

پىچەكگۈل، بامبۇك نوتىسى، توخۇ جىگىرى، تۇز، تېتىتقۇ، شورپا، كىراخمال تەييارلىنىدۇ. ئالدى بىلەن پىچەكگۈل، كۆك بامبۇك نوتىسىنىڭ پوستىنى سويۇۋېتىپ، پاكىز يۇيۇپ، قەلەمچە قىلىپ توغرايمىز؛ توخۇ جىگىرىنى پاكىز سۇدا يۇيۇپ، يالپاقلاپ توغرايمىز؛

640-21

پىچەكگۈل، كۆك بامبۇك نوتىسى، توخۇ جىگىرى قاتارلىق خام ماتېرىياللارنى ئايرىم-ئايرىم قايناق سۇغا بېسىپ چالا پىشۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا قازانغا ئازراق يېمەكلىك مېيى قۇيۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا شورپا قۇيۇپ، تەمىنى تەڭشىگەندىن كېيىن بارلىق خام ئەشيانى سېلىپ، بىرقانچە قېتىم قورۇپ، كىراخمال بىلەن قويۇلدۇرۇپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

640-7

04

سېرىق پۇرچاق ۋە كۆك پۇرچاق

سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تېرىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرىدۇ

سېرىق پۇرچاق ۋە كۆك پۇرچاقتا ئاقسىل، لېتسىتىن مول بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئىزوفلاۋون تۈرىدىكى ماددىلار بار بولۇپ، بەدەندىكى ئانىلىق ھورمۇننىڭ سەۋىيەسىنى ئۈنۈملۈك يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئاياللارنى تېخىمۇ ياشلىققا ئىگە قىلىدۇ.

ئىزوفلاۋون يەنە سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە. ئۇنىڭدىن باشقا، توخۇ قانىتى بىلەن سېرىق پۇرچاق، كۆك پۇرچاقنى تەڭ ئىستېمال قىلىش تېرىنىڭ ئېلاستىكلىقىنى ئاشۇرۇپ، تېرىنى سىلىقلاشقا ئىنتايىن پايدىلىق.

640-22

تەھرىر كۆپچىلىككە بىر خىل قورۇما، يەنى سېرىق پۇرچاق، كۆك پۇرچاق بىلەن دۈملەپ پىشۇرۇلغان توخۇ قانىتى تەۋسىيە قىلىدۇ.

تەييارلايدىغان ماتېرىيال سېرىق پۇرچاق، كۆك پۇرچاق، توخۇ قانىتى، تۇز، تېتىتقۇ، شورپا؛ ئالدى بىلەن سېرىق پۇرچاق، كۆك پۇرچاق، توخۇ قانىتى قاتارلىقلارنى قۇم قازانغا سېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردا شورپا قۇيۇپ، بوش ئوتتا دۈملەپ پىشۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا تۇز، تېتىتقۇ بىلەن تەمىنى تەڭشىگەندىن كېيىن ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى