ئانا-بالا
يۈزلىنىش

قورساقتىكى ھامىلە ھەرئايدا مۇنداق ئىشلانى ئويلاپ تۇرىدىكەن،ۋۇتان

ھامىلدار بولۇپ بىر ئايلىق بولغاندا: ئۇرۇقلانغان تۇخۇم يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن قورقىدۇ.
ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ئەمدىلا شەكىللەنگەن مەزگىل، شۇنداقلا نۇرغۇن ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغانلار ئاسانلا سەل قارايدىغان مەزگىل، ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغانلار يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق مۇھىتتىن يىراق تۇرۇشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى، ئەڭ ياخشىسى ئىسسىق سۇدا يۇيۇنماسلىقى ۋە ھورداققا چۈشمەسلىكى، شۇنداقلا ئامال بار ئاغرىپ قىزىپ قېلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك، بولمىسا ھامىلىنىڭ نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاسانلا ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
640-25
ھامىلدار بولۇپ 2 ئايلىق بولغاندا: ھامىلە دورىدىن قورقىدۇ.
بۇ ئايدا نۇرغۇن ھامىلىدار ئانىلاردا كۆڭلى ئېلىشىش، چارچاش، ئىشتىھاسى ناچارلىشىش قاتارلىق ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئىنكاسلار كۆرۈلىدۇ، بەدەن سۈپىتىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا ئەگىشىپ، بەزى ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغان ئانىلار ئاغرىپ قېلىشى مۇمكىن، ئەگەر دورا ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئەمەل قىلىش كېرەك، خاتا دورا ئىشلىتىش بالىنىڭ تۇغما كەمتۈكلۈك، بولۇپمۇ يۈرەك كەمتۈكلۈك خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
640-26
ھامىلدار بولۇپ 3 ئايلىق بولغاندا: ھامىلە ھاراق-تاماكىدىن قورقىدۇ.
ئىسپىرت بالىنىڭ غەيرى بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر چوڭ قاتىل. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغانلار دائىم ھاراق ئىچسە، ئىسپىرت بالا ھەمرىيى ئارقىلىق بالىنىڭ تېنىگە كىرىپ، بالىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ.
640-27
ھامىلدار بولۇپ 4 ئايلىق بولغاندا: ھامىلە ۋاراڭ ـ چۇرۇڭدىن قورقىدۇ.
ئالدىنقى ئۈچ ئايدىن بىخەتەر ئۆتۈپ، ھامىلە مۇقىم بولغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ھوشيارلىقنى بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، مەسىلەن، تۇيۇقسىز چىققان كۈچلۈك ئاۋازدىن ئانا ۋە ھامىلە قاتتىق چۆچۈپ كەتسە، تولغاق، يۈرەك سوقۇشى تەكشى بولماسلىق قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
640-28
ھامىلدار بولۇپ 5 ئايلىق بولغاندا: ھامىلە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكتىن قورقىدۇ.
بۇ مەزگىلدە ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغانلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ئەھۋالى بىر قەدەر مۇقىم بولىدۇ، ئەمما بەدەنگە بولغان دىققەتنى زىيادە بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، بەزى ھامىلىدار ئانىلار ئۆزىنىڭ يېمەك-ئىچمىكىنىڭ ئېشىپ كېتىشى سەۋەبىدىن زىيادە سەمىرىپ كېتىشىدىن، بەدەن قىياپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، تاماقتىن پەرھىز تۇتۇشى مۇمكىن، شۇڭا بۇ سەۋەبتىن بەزى ئوزۇقلۇق ماددىلار كەمچىل بولۇپ، ھامىلىنىڭ ساغلام يېتىلىشىگە تەسىر يېتىشى مۇمكىن.
640-29
ھامىلدار بولۇپ 6 ئايلىق بولغاندا: ھامىلە رادىئاتسىيەدىن قورقىدۇ.
ئەگەر رادىياتسىيە بىلەن بەك كۆپ ئۇچراشقاندا، ھامىلىنىڭ نېرۋا سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ھەرخىل مېڭە كېسەللىكلىرى، ئەقلىي ئىقتىدارى كەمتۈك بولۇش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
640-30
ھامىلدار بولۇپ 7 ئايلىق بولغاندا: ھامىلە ئانىسىنىڭ جىددىيلىشىپ كېتىشىدىن قورقىدۇ.
بۇ مەزگىلدە بالا ئانىسىنىڭ جىددىيلىشىپ كېتىشىدىن ئەڭ قورقىدۇ، ئەگەر ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغان ئانىنىڭ بېسىمى بەك چوڭ بولۇپ كەتسە ياكى كەيپىياتى ئۇزۇن ۋاقىت جىددىي ھالەتتە تۇرسا، ھامىلىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن يېتىلىشىگە تەسىر يېتىدۇ.
640-31
ھامىلدار بولۇپ 8 ئايلىق بولغاندا: ھامىلە ئانىسىنىڭ چارچاپ كېتىشىدىن قورقىدۇ.
ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ئانىنىڭ بەدىنى ھەر خىل بىئاراملىقلارغا بەرداشلىق بېرىدۇ، بۇ مەزگىلدە ھەرگىز جىسمانىي ئەمگەك قىلماسلىق، ئامال بار كۆپرەك ئارام ئېلىش، ئوزۇقلۇق ۋە ھەرىكەتكە دىققەت قىلىش كېرەك.
640-32
ھامىلدار بولۇپ 9 ئايلىق بولغاندا: ھامىلە ئانىسىنىڭ تۇغۇتقا ئالدىراپ قېلىشىدىن قورقىدۇ.
مۆلچەرلەنگەن تۇغۇت ۋاقتىنىڭ كۈندىن-كۈنگە يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغانلار تۇغۇتنىڭ بېسىمىنى ھېس قىلىشتىن خالىي بولالمايدۇ، شۇڭا تۇغۇت يېقىنلاشقانسېرى چوقۇم ئازادە كەيپىياتنى ساقلىشى كېرەك.

ئەڭ يىقىنلىرىڭىزغا ئەۋەتىشنى ئۇنۇتماڭ

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى