بىلىۋىلىڭ

بالىنىڭ3ياشتىن بۇرۇن بۇ3 خىل «غەلىتە ئىشتىياقى» باربولسا ئەقىللىق بولىدۇ

بالىنىڭ ئۈچ ياشتىن بۇرۇن بۇ ئۈچ خىل «غەلىتە ئىشتىياقى» بار بولسا، مېڭە ئىقتىدارىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بېرىدۇ، چوڭ بولسا كۆپىنچىسى ئۆگىنىشكە ئامراق بۇلىدۇ.

تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، نۇرغۇن ئەقلىي ئىقتىدارى ئادەتتىن تاشقىرى كىشىلەرنىڭ بەزى غەلىتە ئىشتىياقى بار ئىكەن، لېكىن دائىم ئاتا ـ ئانىلار تەرىپىدىن يامان ئىللەت دەپ قارىلىپ، بالىلارنى تۈزىتىشكە مەجبۇرلايدىكەن، نەتىجىدە بالىلارنىڭ تالانتى ئىسراپ بولىدىكەن.

 

مەسىلەن بىئولوگىيە ئالىمى دارۋىن خىيال سۈرۈشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ؛ ئەقىل بۆلۈنمىسى 220 بولغان داۋىنچى تەتۈر خەت يېزىشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ ھولمىس پارس ساپما كەشىنىڭ ئىچىگە تاماكا سېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ قاتارلىقلار.

640-10

ئەقلىي ئىقتىدارى ئادەتتىن تاشقىرى كىشىلەر ھەمىشە باشقىلار بىلەن ئازراق ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈچ ياشتىن بۇرۇنلا كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى بايقىغان چوڭ مېڭىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتى ئەگرى سىزىقىدىن قارىغاندا,0 ياشتىن 3 ياشقىچە بولغان ۋاقىت چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىنىڭ يۇقىرى پەللىسى ئىكەن.

فەن دېڭ ئىلگىرى مۇنداق دېگەن: ئۈچ ياش بالا تەربىيەلەشتىكى ئەڭ مۇھىم باسقۇچ.

چۈنكى چوڭ مېڭە تەرەققىياتى ئىنتايىن جانلىق بولۇپ، بالىلار نۇرغۇن غەلىتە ھەرىكەتلەرنى قىلىپ زېھنىنى قويۇپ بېرىدۇ.

 

ئەگەر بالىڭىزدا ئۈچ ياشتىن بۇرۇن تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل غەلىتە ھەۋەس پەيدا بولسا، ئۇنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بېرىدۇ، چوڭ بولغاندىن كېيىن ئۆگىنىشكە ئامراق بالا بولۇشى مۇمكىن.

640-33

1.نېمىلا ئىش قىلىشتىن قەتىينەزەر، ئىنتايىن كۆڭۈل قويۇپ قىلىدۇ.

بالامنىڭ 2 ياشلار چامىسىدىكى ۋاقتى بولسا كېرەك، مەن تۇيۇقسىز ئۇنىڭ ئاشۇ بىر دۆۋە كۇبىكتە ئولتۇرغانلىقىنى، مېنىڭ ئۇنى قانداق چاقىرىشىمدىن قەتىينەزەر ماڭا پەرۋا قىلمايدىغانلىقىنى بايقىدىم .

دەسلەپتە بالىنى قەستەن قىلغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن، نېمىلا دېگەن بىلەن شۇنچە ئۈنلۈك ۋارقىرىغان تۇرسام، نېمىشقا ئاڭلىمايدۇ؟

كېيىن مەن قەستەن ئۇنىڭ يېنىدا ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇپ، بالىنىڭ ھەقىقەتەن كۆڭۈل قويغانلىقىنى بايقىدىم. ئۇ ھەمىشە ئۆز دۇنياسىغا غەرق بولۇپ كېتىدۇ، بۇ جەرياندا كۆز ئالدىدىكى مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، توختىماي ئويلىنىدۇ.

بۇ دەل بالىلارنىڭ كېيىن مەكتەپتە ئوقۇشتا ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئۆگىنىش ئىقتىدارى.

چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىش نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، شۇنچە ئەستايىدىل بالا،

پېشانە پوستلاق ماددىسىنىڭ  ھەجىمى قانچە چوڭ بولسا، چوڭ مېڭە شۇنچە ئەقىللىق بولىدۇ.

640-34

2.قىزىقىشى ئالاھىدە كۈچلۈك

كۆپ قىسىم بالىلار ئۈچ ياشقا كىرەي دېگەندە، ئۇنىڭ گەپلىرىنىڭ ئىنتايىن كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى بايقايسىز، بەزى غەلىتە خىياللاردىن باشقا، يەنە سوئال سوراشقا بەك ئامراق.

مەسىلەن: «قۇشقاچ نېمىشقا كىيىم كىيمەيدۇ؟»«ئادەم نېمە ئۈچۈن يۇيۇنىدۇ؟» ۋاھاكازالار.

سىز بالىنىڭ قايسى ئويىنىڭ ئۇنىڭ ئۆگىنىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيسىز.

مەسىلەن، داڭلىق راكېتا تېخنىكىسىنىڭ باشلامچىسى روبېرت گوددارد كىچىك ۋاقتىدا گىلاس دەرىخى چاتىغاندا سەكرەپ چىققان ئويىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇيقۇ ۋە تاماقنىمۇ ئۇنتۇغان ھالدا ئۆگىنىپ، بىر ئەۋلاد ئۇلۇغ زاتقا ئايلانغان.

640-35

3.نەرسىلەرنى قايتا ـ قايتا چۇۋۇشقا ئامراق

«قورقۇنچلۇق ئىككى ياش» دېگەن بۇ سۆزنىڭ نامى بىكارغا چىققان ئەمەس، پەقەت چۇۋۇشقا بولىدىغان نەرسە بولسىلا، بالىنىڭ قولىغا چۈشسىلا مۇكەممەل پېتى قايتىپ چىقالمايدۇ.

گەرچە بالىنىڭ ۋەيران قىلىش كۈچى ناھايىتى كۈچلۈك بولسىمۇ، لېكىن بۇمۇ بالىنىڭ كۈچلۈك تەپەككۇر ئىقتىدارى ۋە ئىزدىنىش روھىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

ئويۇنچۇقنى چۇۋۇش بالىنىڭ مېڭە كۈچىنى چېنىقتۇرۇپلا قالماي، يەنە بالىنىڭ قول، كۆز، مېڭە ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

ئەگەر بالىڭىزنىڭ بۇ ئۈچ خىل غەلىتە ئىشتىياقى بولسا، ئاتا ـ ئانىلار چىڭ تۇتۇپ تەربىيەلىشى كېرەك، ئەقلىي ئىقتىدارى قانچە ئادەتتىن تاشقىرى بالىلار شۇنچە مۇقىم تەرەققىي قىلىشقا مۇھتاج.

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى