يىېمەكلىكلەر

كۆز ئاسراش ئۈنۈمى ئالاھىدە يۇقىرى تۆت خىل يېمەكلىك

كۆز ئاسراش ئۈنۈمى ئالاھىدە يۇقىرى تۆت خىل يېمەكلىك

كۆز ئاسراش ئۈنۈمى ئالاھىدە يۇقىرى تۆت خىل يېمەكلىك

ھازىر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئادەمنى ئەندىشىگە سالىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا يىراقنى كۆرەلمەيدىغانلارنىڭ سانى ھەر يىلى ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتىدۇ، بولۇپمۇ نۇرغۇن بالىلار كىچىكىدىن باشلاپلا يانفون ۋە تاختا كومپيۇتېرنى كۆپ ئىشلەتكەچكە كىچىك تۇرۇپلا كۆزىدە يىراقنى كۆرەلمەسلىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئەمەلىيەتتە كۈندىلىك تۇرمۇشتا بۇ تۆت خىل يېمەكلىكنى ئىستېمال قىلىپ كۆز ئاسراش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

640-38

1. ياڭاق قاتارلىق قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر

ياڭاق قاتارلىق قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا لىنولېئ‍ىك كىسلاتاسى بار، بۇ ماددا كۆزنىڭ يېتىلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم بولغان DHAنى سىنتېزلاشقا ياردەم بېرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، قاتتىق پوستىلىق مېۋىلەردىكى بەزى مىكرو ئېلېمېنتلار ۋە مىنېرال ماددىلار كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ مۇكەممەللىشىدە مۇھىم تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.

640-39

2. پالەك

پالەك تەركىبىدە كاروتىن بىر قەدەر مول بولۇپ، ئادەم بەدىنىدە كۆزنىڭ نۇر سېزىش ماددىسىنى تەشكىل قىلىدىغان مۇھىم ماددا ۋىتامىن Aغا ئايلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا سەۋزىنىڭمۇ كۆز ئاسراش رولى پالەككە ئوخشاش ئىنتايىن يۇقىرى، مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق ھەر خىل كۆز كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كۆز ئاسراش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

640-40

3. مايمۇن شاپتۇلى قاتارلىق ۋىتامىن C مىقدارى مول مېۋىلەر

مايمۇن شاپتۇلى «ۋىتامىن C پادىشاھى» دەپ ئاتىلىدۇ، ۋىتامىن C كۆز گۆھىرىنىڭ قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا، كۆز كۆرۈش تور پەردىسىنى ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ زىيىنىدىن ساقلاشقا ياردەم بېرىدۇ، يەنە لىموننىڭ تەركىبىدىمۇ ۋىتامىن Cنىڭ مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى، ئادەتتە ھەر كۈنى مۇۋاپىق لىمون سۈيى ئىچىپ بەرگەندە، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش بىلەن بىرگە يەنە كۆزنى ئاسراش رولىنى ئوينايدۇ.

640-41

4. ئەينۇلا

ئەينۇلا دۇنيا ئاشلىق-يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى تەۋسىيە قىلغان ساغلاملىق مېۋىسىنىڭ بىرى، ئۇ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بەرگەندىن سىرت، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ياخشىلاشتا كۆرۈنەرلىك رول ئوينايدۇ.

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى