دېئابىت كېسلى

تېرىدىكى يەتتە بىنورماللىق دىيابېت كېسىلىنىڭ سىگنالى

تېرىدىكى يەتتە بىنورماللىق دىيابېت كېسىلىنىڭ سىگنالى

640-45

تېرىدە بۇ سەككىز خىل نورمالسىزلىق كۆرۈلسە، بەلكىم دىيابېت كېسىلىنىڭ دەسلەپكى سىگنالى بولۇشى مۇمكىن!

1. سېرىق ئۆسمە
سېرىق ئۆسمە جەينەك، دۈمبە ياكى ساغرا تېرىسىدە تۇيۇقسىز گۈرۈچ دانچىسىدىن پۇرچاق دانچىسىغىچە چوڭلۇقتىكى سېرىق رەڭلىك دۆڭچە ئەسۋە ياكى كىچىك مونەكچىلەر پەيدا بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل سېرىق ئۆسمىنىڭ سىرتقى يۈزى پارقىراق بولۇپ، تۇتقاندا ئەتراپتىكى تېرىگە قارىغاندا سەل قاتتىق بولىدۇ، لېكىن ئاغرىمايدۇ، قىچىشمايدۇ.
2. تۇتۇق قىزىل رەڭلىك ئەسۋە
بۇ خىل ئەسۋە دائىم پاقالچاق ئالدى تەرىپىدە پەيدا بولىدۇ، بۇ ئەسۋەلەر يەككە ياكى توپ – توپ، شەكلى يۇمىلاق ياكى ئېللىپىس شەكىللىك بولۇشى، ياكى شەكلى قانۇنىيەتسىزمۇ بولۇشى مۇمكىن، ئەسۋەنىڭ چېگراسى ئېنىق، رەڭگى تۇتۇق قىزىل رەڭدە بولۇپ، ئەسۋە ئادەتتە تېرىدىن ئازراق ئېگىز چىقىپ تۇرىدۇ. بۇ دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىدىلا كۆرۈلىدىغان بىر خىل تېرە مەسىلىسى بولۇپ، دىيابېت كېسەللىكىدىكى قىل قان تومۇرلارنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
3. سېرىق رەڭلىك ئەسۋە
قىسمەن دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىدا قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىش كېسىلى قوشۇلۇپ كەلسە، قاندىكى ماي تېرىدە يىغىلىپ قېلىپ سېرىق ئەسۋە پەيدا بولىدۇ، ئادەتتە گۈرۈچ، سېرىق پۇرچاق چوڭلۇقىدا بىر قەدەر قاتتىق بولىدۇ، ئاز ساندىكىلىرى تۇخۇم چوڭلۇقىدا بولىدۇ، بۇ «تېرە سېرىق ئۆسمە كېسىلى» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل سېرىق رەڭلىك ئەسۋە دائىم ئۈستۈنكى قاپاقنىڭ ئىچكى تەرىپىدە پەيدا بولىدۇ، پۇت – قول، كۆكرەك، قورساق، ساغرا قاتارلىق ئورۇنلاردىكى تېرىدىمۇ پەيدا بولىدۇ.

640-46

4. تېرە قىزىرىش
تېرە قىزىرىش دېگىنىمىز تىرناق ئەتراپى، يۈز ۋە پاقالچاق قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ تېرىسى قىزىرىپ قالىدۇ، بەزىدە يەنە قىل قان تومۇرلار كۆرۈنۈپ قىزىل رەڭ تۇتىشىپ كېتىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال قان شېكىرىنى ياخشى كونترول قىلالمايدىغانلار ئارىسىدا بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ.
5. پۇت يارىسى
ئەگەر تېرىدە ئاسانلا قۇرۇپ يېرىلىش، نېكروزلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، يارا ئېغىزى ئاسانلا يارىلىنىپ ساقىيىش قىيىنلىشىپ ھەتتا تېشىلىپ كېتىدۇ. ئاساسلىقى ئۇزۇن مۇددەت قەنت مىقدارى يۇقىرى بولغانلىقتىن، بەدەندىكى قان ئايلىنىش ناچارلىشىش ۋە نېرۋىلار زەخىملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يارا ئېغىزى ياخشى ساقايماسلىقتىن ئاسانلا بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ۋاقتىدا داۋالاش، ئادەتتە تېرىنى ئاسراشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

640-47

6. سۇلۇق قاپارتما
بەزىلەرنىڭ تېرىسىدە يۇمىلاق سۇلۇق قاپارتما پەيدا بولۇشىمۇ مۇمكىن، بۇ قاپارتمىنىڭ دىيامېتىرى 10-0.5 سانتىمېتىرغىچە بولىدۇ، ئىچىدە سۈزۈك سۇيۇقلۇق بولۇپ، يېرىلغاندا قان چىقىشى مۇمكىن، لېكىن قىزىرىپ ئىششىش قاتارلىق ياللۇغلىنىش ئىنكاسى بولمايدۇ.

640-48

7. تېرە قىچىشىش
دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىنىڭ تەخمىنەن %5تىدە تېرە قىچىشىش كېسىلى كۆرۈلىدۇ. ئ‍ۇ پۈتۈن بەدەنلىك قىچىشىش ۋە دائىرىلىك قىچىشىش دەپ ئايرىلىدۇ. ئالدىنقىسى ياشانغان دىيابېت بىمارلىرىدا كۆپ كۆرۈلىدۇ

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى