بىلىۋىلىڭ

ئاچچىقلانغاندا 10 چوڭ ئەزادا كۆرۈلىدىغان ئۆزگىرىش

ئاچچىقلانغاندا 10 چوڭ ئەزادا كۆرۈلىدىغان ئۆزگىرىش

كونىلاردا «ئاچچىقلىنىش بەدەنگە زىيانلىق» دەيدىغان گەپ بار، كەيپىياتنىڭ ئۆزگىرىشى ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە ئاستا-ئاستا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە كەيپىيات بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللەر 200 خىلدىن ئاشقان بولۇپ، بارلىق كېسەلگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر توپى ئىچىدە %70تىن كۆپرەكى كەيپىيات بىلەن مۇناسىۋەتلىككەن، شۇڭا بەزى پىسخولوگلار كەيپىياتنى «ساغلاملىق تېرمومېتىرى» دەپ ئاتىغان.

ئاچچىقلىنىش بەدەنگە زادى قانچىلىك زىيانلىق؟

ئالاقىدار تەكشۈرۈش تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ئاچچىقلىنىش جىگەر ۋە ئۆپكە قاتارلىق ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالارنى ئازابلاپلا قالماستىن، بەلكى يەنە راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشنى كۆپەيتىۋېتىدىكەن، يەنە تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۆمرىمىزنى قىسقارتىۋېتىدىكەن.

640-55

ئامېرىكىلىق بىر ئالىم پىسخىك ھالەتنىڭ ساغلاملىققا بولغان تەسىرىنى تەتقىق قىلىپ چىقىش ئۈچۈن، مۇنداق بىر ئاددىي تەجرىبىنى لايىھەلەپ چىققان: ئالدى بىلەن بىر تال ئەينەك پىروبىركىنى مۇز سۈيى قاچىلانغان قاچىغا سېلىپ، ئاندىن كىشىلەرنىڭ ئوخشىمىغان كەيپىيات ھالىتىدىكى «گازلىق سۇ»نى يىغقان.

نەتىجىدە بىر ئادەمنىڭ كۆڭلى تىنچ ۋە ئېغىر-بېسىق بولغاندا، نەپەس چىقارغان ھاۋا سۇدا ئېرىگەندىن كېيىن سۈزۈكلەشكەن. قايغۇرغاندا سۇدا ئاق رەڭلىك چۆكمە پەيدا بولغان، خاپا بولغاندا سۆسۈن رەڭلىك چۆكمە ھاسىل بولغان. ئەمەلىيەتتە بىزدە مەيلى قانداق كەيپىيات داۋالغۇشى بولسۇن، بەدىنىمىزدە بەزى نازۇك ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىدۇ. داڭلىق پىسخولوگ داۋىد خاۋكىنس ئىنسانلار ھېسسىياتىنىڭ ئېنېرگىيە دەرىجىسىنى تەھلىل قىلىپ، ئەڭ سەلبىي ۋە بەدەنگە زىيانلىق ھېسسىياتتىن تارتىپ ئەڭ ئىجابىي ھەم سىلىق ھېسسىياتقىچە بولغانلارنى خۇلاسىلەپ چىققان.

640-56

ئېنېرگىيە دەرىجىسى بويىچە 0 دىن 1000 غىچە ئايرىلغان، 200 دىن تۆۋەن بولسا سەلبىي بولىدۇ، 200 دىن يۇقىرى بولسا ئىجابىي بولىدۇ.

640-57

دانىيەدىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقات 2000-يىلىدىن باشلاپ 11 يىل داۋاملاشقان، 9870 نەپەر قۇرامىغا يەتكەن ئادەمگە چېتىلىدىغان يېڭى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، بۇنىڭغا مۇناسىپ مەسىلىسى يوق كىشىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا:

❖ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتتە دائىم كەيپىياتى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدىغانلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى بىر ھەسسە ئاشىدىكەن،

❖ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋىتى سەۋەبىدىن دائىم تەشۋىشلىنىدىغانلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى %50 ئاشىدىكەن،

❖دائىم ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جېدەللىشىدىغانلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى بىر ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن،

❖دائىم قوشنىسى بىلەن تاكاللىشىدىغان ئادەمنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ئىككى ھەسسە ئاشىدىكەن.

640-58

ئاچچىقلانغاندا بەدىنىدىكى 10 چوڭ ئەزادىكى ئۆزگىرىش

1. چوڭ مېڭىگە قان تولۇش

جۇڭيى تېبابىتىدە ئاچچىقلانغاندا يەل ۋە قان ئۆرلەپ، جىگەرنىڭ مۇسبەتلىكى ئېشىپ باش قېيىش، قۇلاق-يۈزلىرى قىزىرىش، ھەتتا ئايلىنىپ كېتىش ۋە مېڭىگە قان چۈشۈش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئاچچىقلانغان كىشىلەر يەنە قاراملىق بىلەن چېكىدىن ئاشقان ھەرىكەتلەرنى قىلىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى ئاچچىقلىنىش مەلۇم چەككە يەتكەندە، چوڭ مېڭىنىڭ تەپەككۇر پائالىيىتىدە بىنورماللىق كۆرۈلىدۇ.

640-59

2. ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئالتە سائەت ئىش تاشلايدۇ

ئاچچىقلىنىشمۇ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى زەخمىلەندۈرەمدۇ؟ شۇنداق، ئادەمنىڭ كەيپىياتىنى چوڭ مېڭە ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان دوپامىن كونترول قىلىدۇ، دوپامىن ھورمۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن بەدەندىكى باشقا نۇرغۇن ھورمۇنلارنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئادەم ئاچچىقلانغاندا چوڭ مېڭە بەدەنگە بىر خىل پوستلاق ھورمۇنى ئاجرىتىپ چىقىرىشقا بۇيرۇق قىلىدۇ، بۇ خىل ھورمۇن ئەگەر بەدەندە كۆپ يىغىلىپ قالسا، ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھەرىكىتىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، بەدەننىڭ قارشىلىق كۈچىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. شۇڭا بىر قېتىم ئاچچىقلانسا، ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئالتە سائەت ئىش تاشلايدۇ دېگەن گەپ قىلچىلىكمۇ مۇبالىغە ئەمەس.

640-60

3. يۈرەكتىكى قان ئېقىمى بىر ھەسسە كۆپىيىدۇ

تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ئاچچىقلانغاندا يۈرەكنىڭ قان ئېقىمى ئادەتتىكىدىن بىر ھەسسە ئاشىدىكەن! ئاچچىقلانغاندا يۈرەكنىڭ قىسقىرىش كۈچى كۈچىيىپ، يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىدۇ، كۆپ مىقداردىكى قان يۈرەككە قاراپ ئاققاچقا يۈرەك ھەسسىلەپ خىزمەت قىلىشقا مۇھتاج بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا يۈرەك رىتىمى رىتىمسىز بولۇش، يۈرەك مۇسكۇلىغا قان يېتىشمەسلىك، كۆكرەك سىقىلىش، يۈرەك سېلىش، ھەتتا يۈرەك سانجىقى ۋە يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى پەيدا بولىدۇ.

640-61

4. جىگەر ئادەتتىكىدىن يوغىناپ كېتىدۇ

ئاچچىقلانغاندا ئەڭ ئاۋۋال زەخىملىنىدىغىنى جىگەر، يەنە جىگەرنىڭ ئاساسىي ماددىسىغا بىۋاسىتە زىيان يەتكۈزۈپ، جىگەرنىڭ قان ساقلاش ۋە قان مىقدارىنى تەڭشەش ئىقتىدارىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. قاتتىق غەزەپلەنگەندە ئادەمنىڭ پۈتۈن بەدىنىدىكى مۇسكۇللار جىددىيلىشىپ، يۈرەك سوقۇشى مىنۇتىغا 200 قېتىمدىن ئېشىپ كېتىدۇ، بەزى يۈرەك قان تومۇر كېسىلى بىمارلاردا يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى پەيدا بولىدۇ، شۇڭا دائىم ئاچچىقلىنىش جىگەر كېسىلى، ھەتتا جىگەر قېتىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

640-62

5. ئاچچىقلانغاندا ئۆپكە پۈۋەكچىلىرى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىدۇ

نۇرغۇن كىشىلەر ئاچچىقلانغاندا ئۆپكىسى ئاغرىيدۇ، چۈنكى ئادەم ھاياجانلانغاندا نەپەس ئېلىشى تېزلىشىپ كېتىپ، ھەتتا زىيادە ھاۋا ئالماشتۇرۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بۇ چاغدا ئۆپكە پۈۋەكچىلىرى توختىماي كېڭىيىپ قىسقىرايدىغان ۋاقىت بولمايدۇ، شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆپكىسى ئاغرىيدۇ، بۇمۇ نېمە ئۈچۈن ئاچچىقلانغاندا «ئاچچىقتىن ئ‍ۆپكەم يېرىلىپ كېتەي دەپ قالدى» دېيىشنىڭ سەۋەبى.

640-63

6. ئاشقازان ئۈچەي ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

ئاچچىقلانغاندا ئاشقازان شىللىق پەردىسىگە قان تولۇپ، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى كۆپىيىپ، ئاشقازاننىڭ لۆمۈلدىشى ئاجىزلاپ ئىشتىھا تۇتۇلىدۇ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ، يەنە ئاسانلا ئاشقازان يارىسى پەيدا بولىدۇ. قاتتىق غەزەپلەنگەندە ياكى ئۇنىڭدىن سەل كېيىن قورساق قېتىشىش ۋە قاتتىق ئاغرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاشقازان-ئۈچەي يوللىرى ھەرىكىتى ۋە ئاجرىتىپ چىقىرىش مىقدارى ئېشىپ، بوغماق ئۈچەيدە زىيادە سېزىمچانلىق پەيدا بولۇپ، ئۈچەي غۇڭۇلداش ۋە ئىچى سۈرۈش كېلىپ چىقىدۇ.

640-64

7. بۆرەك قۇۋۋىتى زىيانغا ئۇچراش

ئاچچىقلانغاندا بەش ئەزا ئىچىدىكى بۆرەك ۋاسىتىلىك زىيانغا ئۇچراپ، بۆرەك قۇۋۋىتى راۋان بولماسلىقتىن سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى كېسەللىكى پەيدا بولىدۇ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھېچقانداق ئىپادىسى بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن ئۇزاق ۋاقىت ئىچىدە سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى جەھەتتە كېسەللىك پەيدا بولىدۇ.

640-65

8. قالقانسىمان بەز كۈچىيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

ئاچچىقلانغاندا ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسى قالايمىقانلىشىپ، قالقانسىمان بەزنىڭ ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ. قالقانسىمان بەز بەدەندىكى ماددا ئالمىشىشقا قاتنىشىدىغان مۇھىم ئەزا، ئاچچىقلانغان ۋاقىتتا قالقانسىمان بەز غىدىقلىنىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى قالقانسىمان بەز كۈچىيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

640-66

9. ئەمچەكتە مونەك پەيدا بولۇش

نۇرغۇن ئاياللار ئاچچىقلانغاندىن كېيىن ئەمچىكىدە مونەك پەيدا بولىدۇ، بۇ ئىچكى زەخىم كەلتۈرۈپ چىقارغان جىگەردىكى بەلغەمنىڭ ئۇيۇپ قېلىشىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئاچچىقلىنىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئۇنىڭدىن باشقا ئاچچىقلىنىش كەلتۈرۈپ چىقارغان قان ئۇيۇپ قېلىش، جىگەر ۋە تالنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىمۇ ئەمچەكتە مونەك پەيدا بولۇشنىڭ مۇھىم سەۋەبىدۇر.

640-67

10. يۈزىگە داغ چۈشۈش

ئامېرىكىدىكى تېببىي خادىملارنىڭ يۈزىگە داغ چۈشكەن 5000 ئايالنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە: ئۇلارنىڭ كەيپىياتى تۆۋەن ھالەتتە تۇرغاندا، ھەر قانداق دورا بىلەن رەڭلىك داغنى داۋالىشى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بەزى ئاياللارنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋىتى ياخشىلانغاندا، ئۇلارنىڭ داغلىرى داۋالانمايلا ئۆزلۈكىدىن ساقىيىپ كەتكەن.

تېببىي خادىملارنىڭ ئانالىز قىلىشىچە، ئادەم ئاچچىقلانغاندا قان كۆپ مىقداردا يۈزگە ئېقىپ كىرىدىكەن، بۇ ۋاقىتتا قاندىكى ئوكسىگېن ئازلاپ توكسىن كۆپىيىدىكەن. توكسىن تۈك خالتىسىنى غىدىقلاپ، تۈك خالتىسى ئەتراپىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە چوڭقۇر ياللۇغلىنىش قاتارلىق تېرە مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھەر خىل رەڭلىك داغ ۋە سېرىق داغ قاتارلىقلار پەيدا بولىدىكەن.

640-68

ئاچچىقلانغاندا بۇ ئالتە ئىشنى قىلماڭ

1. ئ‍اچچىق يۇتۇپ ئ‍ۇخلاپ قېلىش،

2. ئاچچىقىنى باشقىلارغا چىقىرىش،

3. ئ‍اچچىقتا يەپ ئىچىش،

4. داۋاملىق تالاش-تارتىش قىلىش،

5. ئاچچىققا چىدىماي قورساق كۆپۈكىدە ھاراق ئ‍ىچىش،

6. ئ‍اچچىقىدا مۇھىم قارارلارنى چىقىرىش.

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى