پەرزەنىت تەربىيسى

تەربىيە كۆرگەن بالىنى يىتىشتۈرۈپ چىقىشنىڭ ئاچقۇچى بۇ3ئىشنى ياخشى

تەربىيە كۆرگەن بالىنى يىتىشتۈرۈپ چىقىشنىڭ ئاچقۇچى بۇ ئۈچ ئىشنى ياخشى قىلىشتا، ئەقىل ـ پاراسەتلىك ئاتا ـ ئانىلار كېلىپ كۆرۈڭ.

بىر بالا تەربىيە كۆرمىگەن بولسا، ھامان بىر كۈنى بۇ دۇنيا تەرىپىدىن قاتتىق تەربىيەلىنىدۇ.سىز ئاشۇ تەربىيە كۆرمىگەن چوڭلارنىڭ ئىلگىرى تەربىيە كۆرمىگەن بالىلار ئىكەنلىكىنى بايقايسىز.چۈنكى ھەر بىر بالىدا كىچىك ۋاقتىدىكى سايىسى بار.

ئۇنداق ياخشى تەربىيە تەبىئىيلا ئالاھىدە ھارارەت تارقىتىدۇ.كىشىگە ئىللىق باھار شامىلىدەك تەسىر بېرىپ، كىشىنىڭ قەلبىنى ھۇزۇرلاندۇرىدۇ.

لېكىن، ياخشى تەربىيە ئاسانلا ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ، كۈندىن ـ كۈنگە يىغىلىپ شەكىللىنىدۇ، تەربىيە كۆرگەن بالىنى يىتىشتۈرۈپ چىقىشنىڭ ئاچقۇچى بۇ ئۈچ ئىشنى ياخشى قىلىشتا:

640-80

1. بالىغا باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى ئۆگىتىش.

بىر ئادەمنىڭ تەربىيىلىنىشىدە چوقۇم باشقىلارنى ئويلايدىغان ئاق كۆڭۈللۈك بولۇشى، باشقىلارغا ئاسان ئەمەسلىكىنى بىلىشى، ئورۇن ئالماشتۇرۇپ تەپەككۇر قىلىشنى بىلىشى كېرەك.ئاتا ـ ئانىلار بالىلارغا باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى، باشقىلار بىلەن بولغان چەك ـ چېگرىنى ئورنىتىشنى، باشقىلارنىڭ ھېسسىياتىنى ئويلىشىشنى ئۆگىتىشى كېرەك.

 

باشقىلارنىڭ ھېسسىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈشتە، ئالدى بىلەن باشقىلارنىڭ ھېسسىياتىغا ئوخشاش قاراش كېرەك، يەنى بىز دەۋاتقان ئورۇن ئالماشتۇرۇپ تەپەككۇر قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى باشقىلارنىڭ مەيدانى ۋە ھېسسىياتىنى چۈشىنىش، باشقىلارنىڭ كەيپىياتى ۋە ئويىنى ھېس قىلىشتىن ئىبارەت.

بالىلارغا باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى ئۆگىتىشتە، ئاتا ـ ئانا بولغۇچىلار بىز ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ئىدىيەسىنى توغرىلاپ، ئۆزىمىز ئۈلگە بولۇشىمىز كېرەك، باشقىلارنى ھۆرمەتلەشمۇ ئەمەلىيەتتە ئۆزىمىزنى ھۆرمەتلەشنىڭ بىر خىل ئىپادىسى.بۇ دۇنيادا قانچىلىك ئاجايىپ ـ غارايىپ ئىشلار يۈز بېرىشىدىن قەتىينەزەر، بىز يۈز بېرىپ بولغان ئەمەلىيەتنى قوبۇل قىلىشىمىز، باشقىلارنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك.

640-81

2. بالىلارغا كەيپىياتنى باشقۇرۇشنى ئۆگىتىش كېرەك.

ئېمىرسۇن مۇنداق دېگەن:« ئومۇمەن ياخشى تەربىيە كۆرگەن ئادەم  ئاچچىقلانمايدۇ ». بىر ئادەمنىڭ تەربىيەسى ئادەتتە ئېغىر ـ بېسىق ۋاقتىدا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ زەردىسى قاينىغاندا ئىپادىلىنىدۇ.

خۇيى تۇتۇپ قالغاندا، بالىغا بۇ خىل ھېسسىياتنىڭ نېمە ئۈچۈن خۇيى تۇتۇش ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىپ، بالىغا بىۋاسىتە كۈزەتكۈزۈپ ئۆگىتىپ، بالىغا ئوخشاش بولمىغان كەيپىياتنىڭ مەنىسى ۋە تەسىراتىنى چۈشەندۈرۈپ، ئاندىن ئاستا ـ ئاستا بالىنى كەيپىياتىنى تىل بىلەن ئىپادىلەشنى ئۆگىنىشكە يېتەكلەش كېرەك.بولۇپمۇ يېشى كىچىك بالىلار، ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىغا نىسپەتەن يەنىلا بىر قەدەر مۇجمەل، ئاتا ـ ئانىلار بالىلارنى ئىپادىلەشكە يېتەكلەش جەريانىدا، بالىلار ئۆزىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ھېسسىياتىغا قانداق ئېنىقلىما بېرىشنى ئاستا ـ ئاستا چۈشەنسە بولىدۇ.

 

بالىلارغا كەيپىياتنى ياخشى باشقۇرۇشنى ئۆگىتىش ئۈچۈن، ئاتا ـ ئانىلار ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى ياخشى باشقۇرۇشى كېرەك، چۈنكى بالىلار ئاتا ـ ئانىلارنىڭ ئەينىكىگە ئوخشايدۇ، ئاتا ـ ئانىلارنىڭ سۆز ـ ھەرىكىتىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ.ئاتا ـ ئانىلار ئۆزىنىڭ ئۇۋالچىلىق، ئاغرىنىش قاتارلىق كەيپىياتىنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى ياخشلىشى كېرەك، مەيلى كىتاب كۆرۈش ياكى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇش ياكى مەسىلىلەرنى سوغۇققانلىق بىلەن ئاقىلانە ئويلىنىش بولسۇن، قىسقىسى ئاكتىپ، توغرا ئۇسۇل بىلەن بالىلارغا ئۈلگە بولۇشى كېرەك.

ئاتا ـ ئانىلار بالىلارغا كەيپىياتىنى باشقۇرۇشنى ئۆگىتىش جەريانىدا، بالىلارنىڭ كەيپىياتىنى ھېس قىلىشقا دىققەت قىلىپ، بالىلارنىڭ كەيپىياتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، بالىلارنىڭ ناچار كەيپىياتىنى راۋانلاشتۇرۇشى كېرەك، ئاتا ـ ئانىلارنىڭ تىرىشچانلىقىغا ئەگىشىپ، بالىلار كەيپىياتىنى ئىپادىلەش ۋە باشقۇرۇشنى ئاستا ـ ئاستا ئۆگىنىدۇ، بۇ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئۇزاق مۇددەتلىك ياخشى تەسىر كۆرسىتىدۇ.

640-82

3. بالىلارنى سۆز ـ ھەرىكىتى جايىدا، لايىقىدا بولۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

پىرىنسىپچان ئاتا ـ ئانىلار تەربىيە كۆرگەن بالىلارنى تەربىيەلەپ چىقالايدۇ.

ئادەتتە بالىلاردا قائىدە ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، بالىلارنىڭ ھەرىكەت ئىپادىسدە قائىدىنىڭ چەكلىمىسى بولىشى كېرەك.ئاتا ـ ئانىلار بالىلار ئۈچۈن قائىدە تۇرغۇزغاندا، ئامال بار ئەمەلىي ئەھۋالغا ئۇيغۇن كېلىشى، قائىدە بېكىتىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاسانلىقچە ئۆزگەرتمەسلىكى ۋە مۇرەسسە قىلماسلىقى كېرەك.بالىنىڭ قىلمىشى قائىدە ـ تۈزۈمنىڭ چېگراسىغا تەگكەندە، مۇۋاپىق جازالاش بالىنىڭ لايىقىدا بولۇش تۇيغۇسىنىڭ شەكىللىنىشىگە پايدىلىق.

ئاتا ـ ئانىلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ سۆز ـ ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىپ، بالىلار بىلەن ئوخشاش بولمىغان ئۆلچەش ئۆلچەم سىستېمىسىنى ئىجرا قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.ئاتا ـ ئانىلارنىڭ ئۆزىنى باشقۇرۇش تۇيغۇسى بىر قەدەر كۈچلۈك بولسا، بالىلارمۇ ئاتا ـ ئانىسىنىڭ ئىش -ھەركەتتە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشىدىن يۇقۇملىنىدۇ. ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەلەپچان بولۇش جەھەتتە تېخىمۇ ياخشى ئىپادىگە ئىگە بولۇپ، بالىلارنىڭ ھەرىكىتى  قېلىپلىشىدۇ.

مەيلى ئاتا ـ ئانىلار قايسى خىل لايىقىدا بولۇش تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىشىدىن قەتىئي نەزەر، بالىلارنىڭ ئىنكاسىغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك، ئەگەر بالىلاردا قارشىلىشىش، قارشىلىق كۆرسىتىش كەيپىيات ئىنكاسى كۆرۈلگەندە، ئاتا ـ ئانىلارنىڭ بالىلارنىڭ ماسلاشماسلىقىغا نىسپەتەن  تەربىيە ئۇسۇلىنى تەڭشىشى  ناھايىتى زۆرۈر.بالىلارنىڭ پىسخىك ھالىتىنى كۆزىتىشكە ئاساسلانغاندا، بالىلار قوبۇل قىلالايدىغان نۇقتىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلغاندا، ئاز كۈچ بىلەن كۆپ ئىش قىلىش ئۈنۈمى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.

640-83

بالىلارنىڭ تەربىيەسى  ئاساسلىقى ئائىلە تەربىيەسىدىن كېلىدۇ، ئاتا ـ ئانىلار چوقۇم ھۇرۇنلۇق قىلماسلىقى كېرەك«.بالا تەربىيەلەشتە ئاۋۋال ئۆزىنى تەربىيەلەش كېرەك»، ھېچكىم تۇغما ياخشى ئاتا ـ ئانا ئەمەس، ياخشى ئاتا ـ ئانىلار دائىم ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىپ، ئۈزلۈكسىز ئويلىنىپ، تاكتىكىسىنى ئۈزلۈكسىز تەڭشەيدۇ.بالىلارنى تەربىيىلەش ئاتا ـ ئانا ۋە بالا ئىككى ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئورتاق ئۆسۈپ يېتىلىشى!

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى