پەرزەنىت تەربىيسى

بالىلار كۆنۈپ قالسا بولمايدىغان 3يامان ئادەت،ئاتا-ئانىلاردىققەت

ئانىسى ئاشخانىدا كۆكتات توغراۋاتاتتى، دادىسى مېھمانخانىدا بەخىرامان گېزىت كۆرۈۋاتاتتى، چوڭ قىزى سىرتتا ئارغامچا سەكرەۋاتاتتى. ئەمما دادىسى بىلەن ئانىسىنىڭ بىر ئورتاقلىقى بار بولۇپ، ئىككىلىسى بىر قىسىم بارماقلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان. بىر ئازدىن كېيىن، چوڭ قىزى ماروژنا ماشىنىسىنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئاشخانىغا يۈگۈرۈپ كېلىپ ئانىسىغا ئىلتىجا نەزىرى بىلەن قارىدى. مارۇژنا يېيىشنى ئويلاۋاتقان بولسا كېرەك، ئاپىسى مۇلايىملىق بىلەن ئۇنى رەت قىلدى. قىزچاق ماروژنىنىڭ ئېزىقتۇرۇشىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، ئاپىسىنىڭ پەرتۇقىنى تارتىپ ئانىسىغا داۋاملىق ئەركىلىدى. بۇ چاغدا ئانىسى مېھرىبانلىق بىلەن قىزىغا قاراپ، قىزىل ئارغامچىسىنى يېشىپ، قىزىغا ئۇنىڭ چىمچىلاق بارمىقىغا باغلاشقا ئىشارەت قىلدى. قىزى ئۇستىلىق بىلەن چىگىپ بولغاندىن كېيىن، ئانىسى پىچاق بىلەن چىمچىلاق بارمىقىنى كېسىۋالدى. قىزى تەقەززالىق بىلەن ئانىسىنىڭ ھەرىكىتىگە قاراپ تۇراتتى، بارماق قولىدىن ئايرىلغاندا، قىزى ئاپىسىنىڭ قان ئېقىۋاتقان قولىغا قارىماي، بارماقنى تۇتقىنىچە يۈگۈرۈپ چىقىپ ماروژنىغا« ئالماشتۇردى». دەل شۇ چاغدا، ماروژنا ساتىدىغان بوۋاينىڭ ماشىنىسىدا ھەر خىل قاچىلارغا قاچىلانغان نۇرغۇن بارماقلار بار ئىدى. بۇ بىر« بىر قېتىم» ناملىق قىسقا فىلىم. قىسقا فىلىمنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا، ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇرۇپ، بارماقنى ماروژنىغا ئالماشتۇرغان بالا بار ئىدى.

بۇ ئاقىۋەت بەلكىم ۋەھىمىلىك مەنىگە ئىگە بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئاتا-ئانىنىڭ بالىغا نىسبەتەن پىرىنسىپسىز مۇھەببىتى بالىغا بولغان تەلىپى، بەدىنى بىلەن ئالماشتۇرۇلسىمۇ، يەنىلا باش تارتمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، قىسقا فىلىم قورقۇنچلۇق بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدا نۇرغۇن ئاتا-ئانا بىلەن بالىلارنىڭ چىقىشىپ ئۆتۈش ئەندىزىسى نامايان قىلىنغان.
ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارغا بولغان مۇھەببىتى ھەمىشە تۇرمۇشنىڭ ھەر بىر ئىنچىكە ھالقىلىرىغىچە سىڭىپ كىرىدۇ. بالىنىڭ قورسىقى تويماي، ئاچ قېلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، جېنىنىڭ بارىچە كۆپرەك تاماق يېگۈزىدۇ؛ بالىنىڭ چارچاپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۆزى قانچە جاپا چەكسىمۇ بەرداشلىق بىرىدۇ؛ بالىنىڭ سىرتتا ئازار يەپ، باشقىلار تەرىپىدىن كۆزگە ئىلماسلىقىدىن ئەنسىرەپ، ھەممە ياخشى نەرسىنى بالىغا بىرىدۇ.

بالىنى سۆيۈش، ئاتا-ئانىنىڭ تۇغما ئىقتىدارى. بىراق شۇنى بىلشىمىز كىرەككى، ھەقىقىي ئۈنۈملۈك مۇھەببەت بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ مۇھەببىتىدە ئاستا-ئاستا مۇستەقىل بولۇش، ئۆزىنى ھۆرمەتلەش، تەلەپچان بولۇش، ئۆزىنى سۆيۈشكە قاراپ مېڭىشىدۇر. ئەكسىچە بولغاندا، ئاتا-ئانىنىڭ پىرىنسىپسىز مۇھەببىتى ئۈنۈمسىز بولۇپلا قالماستىن، ئەكسىچە زىيانلىق.

پىرىنسىپسىز ماختاش باللارنى قەلبى نازۇك قىلىپ قويىدۇ
ئۇتتۇرۇپ قويالماسلىق، سۆزلىيەلمەسلىك، پسىخىكىسى ئاجىز بولۇش ھازىرقى زاماندىكى نۇرغۇن بالىلارنىڭ ئاشكارا مەسىلىسى. جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى ئىلگىرى بىر كىچىك قىزنى قوبۇل قىلغان. ئۇنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغانلىقتىن، ئانىسى ئۇنىڭغا ئىككى ئېغىز گەپ قىلغاندىن كېيىن، قىزنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمەي، ئىشىك ئالدىغا قويۇپ قويغان ئۆتكۈر زەھەرلىك دېھقانچىلىق دورىسىنى ئىچىۋالغان ئىدى. نەتىجىدە، كۆپ ئەزا زەئىپلىشىپ داۋالاش ئۈنۈم بەرمەيدۇ. قىزىنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە بىرىپ قالغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئانىسى پۇشايمان قىلىپ، ئۆزىنى ئەيىبلىدى.
ئۇنىڭ ئازابلانغان ھالىتىنى كۆرۈپ ئەتراپتىكىلەرنىڭمۇ كۆڭلى شۇنداق يىرىم بولدى
مېنىڭچە ئۇ باشتىن-ئاخىر چۈشەنمىگەچكە، بالىنىڭ كاللىسىدىن ئۆتكۈزەلمەسلىكىنىڭ سەۋەبى بىر قېتىملىق ئىمتىھاندا مەغلۇپ بولۇش ياكى ئانىسىنىڭ ئەيىبلىشى ئەمەس ئىدى. ئادەتتىكى پىرىنسىپسىز مۇھەببەت بالىلارنى قەلبى نازۇك قىلىپ يېتىلدۈرگەن. بالىلارنىڭ قەلبى نازۇك بولۇپ قىلىشى بىر بولسا ئاتا-ئانىلارنىڭ قارىغۇلارچە كۆيۈنىشىدىن، يەنە بىر بولسا ئورۇنسىز ماختىشىدىن كىلىپ چىقىدۇ.

ھازىرقى ئائىلىلەردە كۆپىنچە ئالتە چوڭ ئادەم بىر-ئىككى بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىدۇ. بارلىق كۆزلەر ، ئۈمۈدلەر بالىلارغىلا مەركەزلەشكەن بولىدۇ، بۇنداق ئائىلىدە باللىلارنى ماختاش ئادەتتىكى بىر ئىش.
بولۇپمۇ بالىلارنىڭ ئازراق ئالغا باسقانلىقىنى كۆرگەندە، ئۈنۈمنى ھەددىدىن زىيادە كۆپتۈرۈپ، « قالتىس» ، « ئەقىللىق» دېگەندەك مۈجمەل« نەتىجە شەكلى» دىكى ماختاشلارنى تۇرمۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرىدۇ. ئەمما بالا ئۆزىنىڭ نەرىنىڭ« قالتىس» ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.
بىراق، كىشىلىك ھايات يولىدا بەزىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ، بەزىدە مەغلۇپ بولىدۇ، مۇۋەپپەقىيەت ئەلۋەتتە خۇشاللىنارلىق ئىش، مەغلۇبىيەتمۇ زۆرۈر نەرسە.

پىرىنسىپسىز يول قويۇش بالىلارنى بىغەم قىلىپ قويىدۇ
ئالدىنقى مەزگىلدە، بىر خەۋەر تورداشلارنىڭ بەس-مۇنازىرىسىنى قوزغىدى: يەتتە ياشلىق بىر ئوغۇل بالا مۇئەللىمنىڭ كۆكرىكىنى سىلىغانلىقى ئۈچۈن، مۇئەللىم ئۇنى ئۇرۇپ يارلاندۇرۇپتۇ. بالا ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، ئانىسى يارىلانغان ئوغلىنى كۆرۈپ، يۈرىكى ئېچىشىپ كىتىپتۇ، مۇئەللىمنىڭ ئۇرغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، تېخىمۇ ئاچچىقلاپ ساقچىغا مەلۇم قىپتۇ. ساقچىلار تەكشۈرگەندە، بالىنىڭ ئاپىسى: « ئۇ بىر بالا، مۇئەللىم ئۇنى بۇنداق ھاقارەتلىسە بولمايدۇ» دېدى. كېيىن ئۇ مۇئەللىم دەرستىن توختۇتۇلۇپ، مەكتەپ بويىچە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلىندى، ئۆزىنى تەكشۈردى، ئۈچ ئايلىق مائاشىنى تۇتۇپ قالدى ھەم ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇغۇچىنىڭ ئانىسىدىن كەچۈرۈم سورىدى. ئانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، بالىنىڭ تاياق يەپ يارىلانغانلىقىنى كۆرگەندە، ئىچ ئاغرىتىش ۋە غەزەپلىنىش تەبىئىي ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ. مۇئەللىمنىڭ بالىنىڭ نامۇۋاپىق ھەرىكىتىگە قىلغان مۇئامىلسى ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ھەقىقەتەن مۇۋاپىق ئەمەس. ئەمما بالىنىڭ ئاپىسىنىڭ« ئۇ پەقەتلا بىر بالا» دېگەن سۆزى تورداشلارنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى.

بەزى تورداشلار ئۇدۇللا قىلىپ مۇنداق دېدى: بالىنىڭ ئانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بالىغا ھەرقانچە كۆيۈنسىمۇ، يەتتە ياشقا كىرىپ قالغان ئوغۇل بالىغا ھېچبولمىغاندا يات جىنستىكىلەرنىڭ بەدىنىگە خالىغانچە چېقىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىشىم كېرەك.» دەپ ئويلىدى.
كىشىلەر دائىم بالىلىرىنى ئاق قەغەزگە ئوخشىتىدۇ، ئاتا-ئانىلار ئۇنىڭغا نېمە سىزسا، بالا شۇنداق بولۇپ چوڭ بولىدۇ. بالىنىڭ نامۇۋاپىق قىلمىشلىرىغا يول قويۇش ۋە ئۇنى قوغداش بالىدا خاتا قاراش پەيدا قىلىپ قويىدۇ.
«خاتا ئۆلتۈرۈش» ناملىق كىنودا ئايال ساقچى باشلىقى لابا بالىغا ھەددىدىن زىيادە ئامراقلىق قىلىپ، بالىنىڭ بارلىق قىلمىشلىرىغا يول قويغان، مەيلى توغرا ياكى خاتا بولسۇن. كېيىن ئوغلى ساۋاقدىشىغا زورلۇق قىلىپ يامان ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلغان. يول قويۇشنىڭ ئارقىسىدا، ئەڭ تۆۋەن چەكتە مۇرەسسە قىلىش بار.

ئاتا-ئانىنىڭ تۆۋەن چېكى ۋە پىرىنسىپىنى سىناپ بېقىش بالىلارنىڭ ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ھەرىكىتى.
نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلارنى سۆيۈش بىلەن پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت بار دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ پەقەت ئاتا-ئانىلارنىڭ پرىنسىپقا بولغان تار چۈشەنچىسىدىنلا ئىبارەت. « ئىجابىي باشقۇرۇش» نىڭ يادروسى: مۇلايىم ۋە مۇستەھكەم تەربىيە.
« مۇلايىم» بولۇش ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارغا بولغان مۇھەببىتى ۋە ھۆرمىتىنى ئىپادىلەيدۇ؛ « قەتئىي» بولۇش بولسا بالىلاردا ساقلانغان مەسىلىلەرنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ ھەمدە ئۈنۈملۈك يېتەكلەپ، بالىلارنىڭ توغرا بولغان« ئۈچ قاراش» نى تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.

پىرىنسىپسىز چات كىرىۋېلىش، بالىلاردا« بېقىنىش پىسخىكىسى» پەيدا قىلىدۇ
بىر خىل ئاتا-ئانا بار بولۇپ، ئۇلار « قار تازىلاش ماشىنىسى» دەپ ئاتىلىدىغان ئاتا-ئانا، « تىك ئۇچار ئايروپىلان» دەپ ئاتىلىدىغانلار ئاتا-ئانىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىسى. « نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» ئىلگىرى« قار تازىلاش ماشىنىسى» تىپىدىكى ئاتا-ئانىلارنى مۇنداق چۈشەندۈرگەن: بالىلارنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، بالىلارنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىنى كۆزىتىدىغان« تىك ئۇچار» شەكىلدىكى ئاتا-ئانىلار ئالدىنقى ئەسىردىكىلەر.
بۈگۈنكى كۈندىكى بىر قىسىم باي ئاتا-ئانىلار خۇددى« قار تازىلاش ماشىنىسى» غا ئوخشايدۇ، بالىلار ئۈچۈن، مۇۋەپپەقىيەت يولىغا بارىدىغان بارلىق توسالغۇلارنى ئالدىن سۈپۈرۈپ تاشلاپ، بالىلارنى مەغلۇبىيەتكە، ئوڭۇشسىزلىققا ياكى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلمايدۇ.

بالىلارنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بالىلار بارغانلىكى جايدا، نەق مەيداننى ئالدىن تازىلاپ، بالىلارغا راۋان يول ئېچىپ بېرىدۇ؛ ۋاقىتنى تېجەش ئۈچۈن، بالىلارنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى قىلىپ بىرىدۇ، ئۇلارغا ئۈگۈنۈش ئىمكانىيتى بەرمەيدۇ.
ئاتا-ئانا بالىنى رېئاللىقتىن ئايرىۋەتكەن تام، بالىنى مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولغان، مىننەتدار بولۇپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان يولنىدىن توسۇپ، ئاتا-ئانىسىغا بېقىنىدىغان« پارازىت قۇرت» قا ئايلاندۇرغان.
ھازىرقى ئەڭ چوڭ خىرىس بالىنى قانداق سۆيۈش ئەمەس، بەلكى قويۇۋېتىشكە تېگىشلىك ۋاقىتتا قويۇپ بېرىش، دادىل سىناپ بېقىش، ئاسراشتىن ئىبارەت.

 

ئۈچ ياشلىق بالىلار پايپاق يۇيۇشنى سىناپ باقسا بولىدۇ، تۆت ياشلىق بالىلار ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشىپ بەرسە بولىدۇ، بەش ياشلىق بالىلار تاماق ئېتىشنى ئۆگەنسە بولىدۇ… ئۆگىنىش نەتىجىسى ئەلۋەتتە مۇھىم، لېكىن مول ئەمەلىيەت ۋە تۇرمۇش تەجرىبىسى بولغاندىلا ئاندىن ئادەمنىڭ ياشاش قابىلىيىتى بولىدۇ. ئاتا-ئانىنىڭ ھەقىقىي مۇۋەپپەقىيىتى ھەم بالىلارغا ھەقىقىي تۇرمۇشنى كۆرسىتىش ھەم بالىلارنىڭ مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارى ۋە غەيرىتىنى تاۋلاشتىن ئىبارەت.

بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدىغىنى ئاتا-ئانىلارنىڭ تەربىيەلەش ئۇسۇلى
ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى ياخشى كۆرۈشى تەبئىي ئەھۋال، بىراق ئاتا-ئانىلار بۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى پىلان تۈزۈش كېرەك. بالىنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدىغىنى يۇقىرى نومۇر، مۇكاپات لوڭقىسى ياكى باي ئائىلە شارائىتى بولماستىن، بەلكى ئاتا-ئانىنىڭ تەربىيەلەش ئۇسۇلى.
« بالىلارغا يۇمشاق ئەمەلىي كۈچ بېرىش» دېگەن كىتابتا مۇنداق دېيىلگەن: « بالىلارنىڭ تۇرمۇشىغا يوشۇرۇنغان ئەڭ چوڭ خەۋپ كوچىدا ئاسماندىن چۈشۈشىدەك يۈز بەرگەن تاسادىپىي ۋەقە ئەمەس، بەلكى ئاتا-ئانىلار بالىلارغا بەك كۆپ ئىش قىلىپ بېرىپ، نەتىجىدە ئۇلارنىڭ پىسخىكا ساغلاملىق سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدۇ.

ئاتا-ئانىلارنىڭ پىرىنسىپسىز ماختىشى، يول قويۇشى ۋە چات كېرىۋېلىشى، تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاتا-بالىلار ئوتتۇرىسىدىكى چەك-چېگرىنى توغرا ئىگىلىيەلمەسلىكى، بالىلارنىڭ ئىقتىدارىغا ئىشەنمەسلىكى، ئاتا-ئانا بولۇش پىرىنسىپىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىدىن بولىدۇ. پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش بىلەن بالىنى سۆيۈش ئەزەلدىن قارىمۇ-قارشى ئەمەس. بارلىق ئاتا-ئانىلار شۇنى بىلىشى كېرەككى، بىزنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقىمىز بالىلارنىڭ ھەقىقىي مۇستەقىللىققا قاراپ مېڭىشىنى ئۈگۈنىشىدىن ئىبارەت.
مۇشۇنداق بولغاندىلا، بالىلار بېسىم ئالدىدا قايتىدىن باش كۆتۈرەلەيدۇ، ئوڭۇشسىزلىق ئالدىدا قايتىدىن باش كۆتۈرەلەيدۇ، مۇۋەپپەقىيەت ئالدىدا ئۆزىگە توغرا باھا بىرەلەيدۇ.

بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا، ھەمىشە يېڭىش بىلەن يېڭىلىش گىرەلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. بالىلارنى بۇ جەرياندىكى تەسىراتلارغا كۆپرەك دىققەت قىلىشقا يېتەكلەپ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ياكى مەغلۇپ بولۇشنىڭ نەتىجىسى بىلەن ھېسابلاشماسلىق توغرىسىدا بالىغا ياخشى تەربىيە ئىشلەش، بالىنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەت چېگراسىنى سىزىپ بېرىش، بالىنىڭ خاتالىق سادىر قىلىشىنى چەكلەش، جازالاش ئەمەس، بەلكى بالىلارغا ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى چېگرانى ساقلاش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈش كىرەك.

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى