ئانا-بالا

بىر ئايلىقتىن ئالتە ئايلىققىچە بولغان بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى

بىر ئايلىقتىن ئالتە ئايلىققىچە بولغان بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى

<< 1~2 ئايلىق >>
ھېسسىيات يېتىلدۈرۈش مەزمۇنىدىكى مەشقىنى داۋاملاشتۇرۇش، مەسىلەن: ئانا بالىنىڭ بىۋاستە تېرە تېگىشىشى، كۆپرەك قۇچاقلاپ بېرىش، سىلاپ بېرىش، گەپ قىلىپ بېرىش، كۈلۈپ بېرىش، ئىنچىكە قول مەشىقلىرىنى قىلدۇرۇش، پۈتۈن بەدەنلىك ھەرىكەت مەشىقلىرىنى مەسىلەن: بوۋاقلار گىمناستىكىسى دېگەندەكلەرنى قىلدۇرۇش كېرەك.
بەدەن يېتىلىش ئۆلچىمى
ئېغىرلىقى: ئوغۇللارنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تەخمىنەن 5.88 كىلوگىرام، قىزلارنىڭ 5.10 كىلوگىرام.
ئېگىزلىكى: ئوغۇللارنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تەخمىنەن 60.40 سانتىمېتىر، قىزلارنىڭ 59.20 سانتىمېتىر.
باش ئايلانمىسى: ئوغۇللارنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تەخمىنەن 38.43 سانتىمېتىر، قىزلارنىڭ 37.26 سانتىمېتىر.
ئۆسۈپ يېتىلىش ئۆلچىمى
چوڭ تەرەت:
ئاي سانىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بولۇپمۇ ئىككى ئۈچ ئايلىق بولغان ۋاقتىدا، ئادەتتە چوڭ تەرەتنىڭ قېتىم سانى ئاستا-ئاستا ئازلايدۇ ياكى بىراقلا كۆرىنەرلىك ئازىيىپ كېتىدۇ. بوۋاقنىڭ چوڭ تەرىتىنىڭ نورمال ياكى ئەمەسلىكىدە ئەڭ مۇھىم بولغىنى، كۆز ئالدىمىزدىكى ئەھۋال بولۇپ، بوۋاقنىڭ چوڭ تەرىتى ئادەتتە سۇيۇقراق بولىدۇ، قوشۇمچە يېمەكلىكلەردىكى سۇ مىقدارى يۇقىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، چوڭ تەرىتىمۇ سۇيۇق بولىدۇ. ئانا سۈتىدە بېقىلغان بوۋاقلارنىڭ چوڭ تەرىتى شەكىلگە كىرمىگەن، كۆپىنچە ئۇماچ ياكى سۇ ھالىتىدە بولۇپ، تەركىبىدە يېپىشقاق سۇيۇقلۇقلار بار بولىدۇ. لېكىن سۈت پاراشوكىدا بېقىلغان بوۋاقلارنىڭ چوڭ تەرىتى نىسبەتەن قاتتىق، ئاساسەن شەكىلگە كىرىپ بولغان بولىدۇ. قوشۇمچە ئوزۇقلۇقلارنى (بولۇپمۇ قاتتىق يېمەكلىكلەرنى) بېرىشكە باشلىغاندىن كېيىن، بوۋاقنىڭ چوڭ تەرىتى بارغانسېرى شەكىلگە كىرىپ، تەدىرىجى ھالدا چوڭلارنىڭ تەرىتىگە ئوخشىغىلى تۇرىدۇ. ياردەمچى ئوزۇقلۇقلارنى قوشۇشتىن ئىلگىرى، مەيلى ئانا سۈتىدە بېقىلسۇن ياكى قولدا بېقىلسۇن چوڭ تەرىتى سېسىق پۇرىمايدۇ. يەتتە-سەككىز ئايلىق بولغان ۋاقتىدا بولسا، بېلىق ھەم گۆشلۈك تاماقلارنى بەرگەندىن كېيىن، چوڭ تەرىتى سەل سېسىق پۇرايدىغان بولىدۇ، كىيىن تاماق تۇرلىرىنىڭ خىللىشىغا ئەگىشىپ، بوۋاقنىڭ چوڭ تەرىتى چوڭلارنىڭكى بىلەن ئوخشاش پۇرايدىغان بولۇپ قالىدۇ.
ئۇيقۇ:
بۇ باسقۇچتىكى بوۋاقلارنىڭ ئۇيقۇسى ئالدىنقى باسقۇچتىكىلەرنىڭكىدىن قىسقىراق بولۇپ، ئادەتتە 18 سائەت ئەتراپىدا ئۇخلايدۇ. كۈندۈزلىرى بوۋاق ئۈچ-تۆت قېتىم ھەر قېتىمدا بىر يېرىم سائەتتىن ئىككى سائەتكىچە، كېچىلىرى ئون سائەتتىن ئون ئىككى سائەتكىچە ئۇخلايدۇ. كۈندۈزى بىر ئۇخلاپ ئويغانغاندىن كېيىن، ئۇدا بىر يېرىم سائەتتىن ئىككى سائەتكىچە ھەرىكەت قىلدۇرسا بولىدۇ.
ئىقتىدار يېتىلىش ئۆلچىمى
ھەرىكەت:
بوۋاق ئوڭدىسىغا ياتقان ۋاقتىدا، چوڭلار ئۇنىڭ قولىنى شۇنداق تۇتۇپ قويسىلا، ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن كۈچەيدۇ. مۇشتۇمىمۇ چىڭ تۈگۈكلۈك ھالەتتىن تەدرىجىي بوشايدۇ. ناۋادا ئۇنىڭغا ئۇيۇنچۇق بەرسەك، ئۇ ئىستخىيلىك ھالدا بىردەم تۇتۇپ تۇرالايدىغان بولىدۇ.
تىل:
بوۋاق باشقىلار ئۇنى ئەركىلەتكەندە، ئىنتايىن خۇشال بولۇپ كۈلىدۇ شۇنداقلا ئاۋاز چىقىرالايدۇ. بىراق ئاچچىقى كەلگەندە، چىقارغان ئاۋازى كۈچلۈك بولىدۇ. بۇ خىل ئالاھىدە تىل بولسا بوۋاقنىڭ چوڭلار بىلەن ئالاقە قىلىدىغان ۋاستىسى بولۇپ، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىرادىسىنىڭ يەنە بىر خىل ئىپادىلىنىش شەكلىدۇر. ئاتا-ئانىلار ئۇنىڭ بۇ خىل ئىپادىلىرىگە دەل ۋاقتىدا مۇۋاپىق ئىنكاس قايتۇرغاندىلا، بوۋاقنىڭ تىل قابىلىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ياردىمى بولىدۇ.
ئاڭلاش سېزىمى:
ئۈچ ئايلىق بولغاندا، بوۋاقنىڭ ئاڭلاش سېزىمىدا كۆرۈنەرلىك تەرەققىيات بولىدۇ، ئاۋازلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بېشىنى ئاۋاز چىققان تەرەپكە بۇرىيالايدۇ ھەمدە ئالاھىدە زور قىزىقىشىنى ئىپادىلەيدۇ. بوۋاق سەگەك ۋاقىتتا، ئۇنىڭغا مۇزىكا قويۇپ بېرىمىز، دائىم راھەت ھەم گۈزەل مۇزىكىلارنى ئاڭلاپ بېرىش، بوۋاقنىڭ تاتلىق ئۇخلىشى ھەم خوشال كەيپىياتتا تۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ھەم يەنە بىر قىسىم ئاددىي بالىلار ناخشىلىرىنى ئېيتىپ بېرىش، ئۇنىڭ ئاڭلاش سېزىمىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماي يەنە بوۋاقنىڭ تىل تەرەققىياتىغىمۇ پايدىلىق.
تۇيغۇ:
باشقىلار ئۇنىڭغا گەپ قىلغاندا ياكى ئالاھىدە ئاۋازلار چىقىپ قالغاندا، بوۋاق گۇڭراپ سۆز قوشۇپ ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلايدۇ ھەم ماڭغان ئادەمگە كۆزلىرى بىلەن ئەگىشىدۇ. ناۋادا بوۋاق ئىككى ئايلىقتىن ئېشىپمۇ كۈلۈشنى بىلمىسە، كەينىدىن ئاڭلانغان ئاۋازلارغا ئىنكاس يوق ھاڭۋېقىپ تۇرسا، بوۋاقنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى، كۆرۈش ھەم ئاڭلاش سېزىملىرىنىڭ نورمال تەرەققىي قىلغان قىلمىغانلىقىنى تەكشۈرتۈپ بېقىش كېرەك.
پىسخىكىسى:
بۇ باسقۇچتىكى بوۋاقلارنىڭ تاشقى دۇنياغا بولغان قىزىقىشى ھەم ئىنكاسى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بېرىۋاتقان بولىدۇ. گۇڭرىغان ئاۋازدا ئۆيدىكىلەر بىلەن مۇڭدىشالايدىغان بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بوۋاقلارنىڭ مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ يېتىلىشى بۆسۈش خاراكتېرلىك يېتىلىشنىڭ ئىككىنچى يۇقىرى پەللىسىدە تۇرىۋاتقان ھالەتتە بولۇپ، يېتەرلىك ئانا سۈتى بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن، كۆرۈش ئاڭلاش، تېگىشىش نېرىپلىرىنى يېتەرلىك مەشىقلەندۈرۈش كېرەك. كۈندىلىك تۇرمۇشنى تەدىرىجىي قانۇنىيەتلەشتۈرۈش، مەسىلەن كۈندە دۈم بولۇپ، 20-30 مىنۇت باش كۆتۈرۈشتەك مەشىقلەرنى قىلدۇرۇش. بوۋاق ئۇخلايدىغان ئورۇننى مەقسەتلىك ھالدا ئالماشتۇرۇش، بوۋاقنى يۆتكىلىۋاتقان نەرسىلەرگە قاراتقۇزۇپ، ئۇيۇنچۇقلارنى تۇتقۇزۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ مۇشۇ جەھەتتىكى يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بوۋاقلار گىمناستىكىسى ئوينىتىش قاتارلىقلار. بۇ باسقۇچتىكى بوۋاقلار بىزنىڭ ھەمراھ بولۇشىمىزغا ئەڭ موھتاج بولىدۇ، ئۇ ئۇخلاپ ئويغانغاندا يېنىدا بىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىنى، ئەركىلىتىشىنى، كۈيۈنۈشىنى، ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدىشىپ ئوينىشىنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇنداق بولغاندىلا ئۇ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئېرىشەلەيدۇ.

<< 3~4 ئايلىق >>
بۇ باسقۇچتىكى بوۋاقلار تېخىمۇ جانلىنىپ كېتىدۇ، ھەرىكەت قىلىشقا ئامراق بولىدۇ، بېشىنى بارغانسېرى تىك تۇتالايدۇ، كۆز ھەم قۇلاقلىرىنىڭ ئىقتىدارى ھەم پۇت قولىنىڭ ماسلىشىشچانلىقى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. كۆزلىرى بېشىنىڭ ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ قىزىقىشىنى قوزغىغان نەرسىلەرگە قارايدۇ، دۈم ياتقان بوۋاقلار قولى ھەم پۇتىغا تايىنىپ بەدىنىنى كۆتۈرۈشكە باشلايدۇ.
بەدەن يېتىلىش ئۆلچىمى
ئېغىرلىقى: ئوغۇللارنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تەخمىنەن 6.93 كىلوگىرام، قىزلارنىڭ 6.24 كىلوگىرام ئەتراپىدا بولىدۇ.
ئېگىزلىكى: ئوغۇللارنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تەخمىنەن 63.35 سانتىمېتىر، قىزلارنىڭ 61.53 سانتىمېتىر بولىدۇ.
باش ئايلانمىسى: ئوغۇللارنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تەخمىنەن 41.25 سانتىمېتىر، قىزلارنىڭ 39.90 سانتىمېتىر بولىدۇ.
ئۆسۈپ يېتىلىش ئۆلچىمى
چوڭ تەرەت:
بۇ ۋاقىتتىكى بوۋاقلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ چوڭ تەرىتى قانۇنىيەتلىك بولۇپ بولغان بولىدۇ، بولۇپمۇ ھەر قېتىملىق چوڭ تەرەت ۋاقتىدا روشەن ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ، چوڭلارغا كۆپ ئاسان بولىدۇ. بىراق بۇ باسقۇچتا، زور كۆپ قىسىم بوۋاقلارغا زاكا ھەم قەغەز زاكا ئىشلىتىدۇ. ئەلۋەتتە ئىسسىق ياز كۈنلىرى، ئىسسىقلىق ئۆرلەپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بەزىدە بوۋاقلارغا زاكا تۇتمىساقمۇ بولىدۇ، بىراق چوقۇم ۋاقتى-ۋاقتىدا توسۇپ تۇرىشىمىز كېرەك!
كىچىك تەرەت:
بوۋاق ئۇسسۇزلۇق ئىچىپ بولۇپ، بىردەمدىن كېيىن توسۇيمىز، بەزى ۋاقىتلاردا بوۋاق كىچىك تەرىتى بار بولسىمۇ، بىراق توسۇشقا ئۇنىمايدۇ، بۇ ۋاقىتتا شەرتلىك رېفلېكس ئارقىلىق مەشىقلەندۈرسەك بولىدۇ، مەسىلەن : ئاغزىمىزدا «ئۈش، ئۈش» دەپ بەرسەكمۇ ۋە ياكى بىر كىچىك داسقا چۆگۈندىن سۇ ئېقىتساقمۇ بولىدۇ، مۇشۇنداق بىر مەزگىل مەشىق قىلدۇرغاندىن كېيىن، بوۋاق ئېقىۋاتقان سۇنىڭ ئاۋازىنى ياكى سۇ ئېقىۋاتقان مەنزىرىنى كۆرسە، ئۆزلىكىدىن كۈچەپ سىيىدىغان بولىدۇ. بۇ ئاماللارنىڭ ناھايىتى ئۈنۈمى بار، بىر مەزگىل قوللانغاندىن كېيىن، چوڭلار بوۋاقنىڭ كىچىك تەرەت قىلىش قانۇنىيىتىگە ئاساسەن توسسا بولىدۇ. يەنە بەزى بوۋاقلار ئاسان ئادەتلىنەلمەي، ئاتا-ئانىسىنىڭ تېخىمۇ كۆپ دىققىتى ھەم كۈتۈشىگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئاتا-ئانا بولغۇچى ئەستايىدىل بولسىلا، بوۋاقنىڭ چوڭ كىچىك تەرەتتىن ئىلگىرىكى بەزى ئالامەتلىرىدىن، ئۇنىڭ بىر قىسىم تەرەت قىلىش قانۇنىيەتلىرىنى تاپالايدۇ. ئەلۋەتتە، ئاتا-ئانىلار چوقۇم سەۋرچان بولۇشى، ئىزچىل مەلۇم خىل قانۇنىيەت بويىچە توسۇشى كېرەك، بۇنداق بولغاندا، بوۋاق تەبىئىيلا مەلۇم خىل قانۇنىيەت بىلەن چوڭ كىچىك تەرەت قىلىدىغان بولىدۇ. ئەمما چوقۇم مەجبۇرلىماسلىقى كېرەك، ناۋادا بوۋاق قارشىلىق قىلىپ ماسلاشقىلى ئۇنىمىسا ياكى بەش مىنۇتقىچە تەرەت قىلمىسا، ئۇنى مەجبۇرلىماسلىق كېرەك!
ئۇخلاش:
ئۈچ ئايلىق بولغان بوۋاقنىڭ ھەر كۈنلۈك ئۇخلاش ۋاقتى 17~18 سائەت ئەتراپىدا بولىدۇ. ھەر قېتىملىق ئۇيقۇنىڭ ئارلىقى ئىككى سائەتتىن ئىككى يېرىم سائەتكىچە پەرقلىنىدۇ. كىچىسى 10 سائەت ئەتراپىدا ئۇخلايدۇ، كۈندۈزى ئۈچ قېتىم ئۇخلايدۇ.
ئىقتىدار يېتىلىش ئۆلچىمى
تىل:
بۇ باسقۇچتىكى بوۋاقلارنىڭ تىلى بەلگىلىك تەرەققىي قىلغان بولىدۇ، ئۇنى ئەركىلەتكىنىمىزدە خوشال بولۇپ كېتىپ، شادىمان چىراي ئىپادىلىرىنى قىلىپ، تاتلىق كۈلىدۇ، يەنە تېخى ئانىسى بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندەك گۇڭرىغان ئاۋازلارنى چىقىرىدۇ.
ھەرىكەت:
بۇ ۋاقىتتىكى بوۋاقلار، ئۆزىنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئۆرۈلىدۇ. كۆزى بېشىنىڭ ھەرىكىتىگە ئەگىشىپ ئوڭ سولغا باقىدۇ. چوڭلار ئۇنىڭ قولتۇقىدىن ياكى يانپىشىدىن تۇتسا ئولتۇرالايدۇ. بوۋاقنى كارىۋات ئۈستىگە قويساق بېشىنى مەزمۇت كۆتۈرەلەيدۇ، بىلىكى بىلەن تايىنىپ تۇرۇپ بىلىنىڭ ئۈستىنى كۆتۈرەلەيدۇ. ئۇنى يالغۇز ياتقۇزۇپ قويساق، قوللىرىنى كۆزىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ ئوينىيالايدۇ. قولتۇقىدىن يۆلەپ تۇرغۇساق، بىر پۇتىنى يۆتكەپ چامدايدۇ، ئاندىن يەنە بىر پۇتىنىمۇ يۆتكەيدۇ. بۇ ئەڭ دەسلەپكى رېفلىكىس، بوۋاقنى ئوڭدا ياتقاندا، قوللىرىمىز بىلەن ئۇنىڭ بېغىشىدىن تۇتۇپ، بوش تارتساق، ئۇنىڭ بىلىنىڭ ئۈستى كۆتۈرۈلگەندىن باشقا يەنە بىشىنىمۇ كۆتۈرىدۇ. بۇ باسقۇچتىكى بوۋاقلارنىڭ قول ھەرىكىتى كۆپىيىپ قالىدۇ، ئۇ قوللىرىنى مەيدىسىگە قويۇپ تۇتالايدۇ، دائىم كۆز ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ تۇتۇپ ئوينايدۇ، ياكى ئىشتىياق بىلەن قوللىرىغا قاراپ كېتىدۇ. بۇ ھەرىكەتلەر مۇشۇ ئايلىقتىكى بوۋاقلارنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىۋاتقانلىقىنىڭ بەلگىسى.
ئاڭلاش سېزىمى:
تەرەققىيات بىر قەدەر تېز بولىدۇ، باشلىنىشدا رەڭلەرگە نىسبەتەن پەرق قېلىش ئىقتىدارى پەيدا بولىدۇ، سېرىق رەڭگە ئەڭ سەزگۈر بولۇپ، ئۇنىڭدا قالسا قىزىل رەڭنى ياخشى كۆرىدۇ، مۇشۇ ئىككى خىل رەڭدىكى ئۇيۇنچۇقلارنى كۆرسە ئىنكاس پەيدا بولىدۇ، باشقا رەڭلەرگە بولسا ئىنكاس سەل ئاستىراق بولىدۇ، بوۋاقلار ئېمىزگىسىنى تونۇيدۇ، چوڭلارنىڭ ئېمىزگە كۆتۈرىۋالغىنىنى كۆرسىلا، ئۆزىگە سۈت ياكى ئۇسسۇزلۇق بېرىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىپ، ئىنتايىن تىنچ ھالدا ساقلايدۇ.
پىسخىكىسى:
بۇ باسقۇچتىكى بوۋاقلار ئوخشىمىغان ھالەتلەردە قوللىرىنى ئويناشنى، ئۇيۇنچۇقلارنى تۇتۇشنى، ھەم ئۇيۇنچۇقلارنى ئاغزىغا سېلىۋىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. گۇڭرىغان ئاۋازدا ئاتا –ئانىسى بىلەن مۇڭدىشالايدۇ، ھەتتا تېخى تەسىرلىنىپ ئۆزى بىلەن ئۆزى قىزىپ كېتىدۇ. ئۆزىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالايدۇ، ئانىسىغا بولغان ھەدىدىن زىيادە ئامراقلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
بۇ ۋاقىتتا بوۋاق بىلەن كۆپرەك مۇڭدىشىپ بېرىش مەسىلەن: ئۇنىڭغا قىزىق پاراڭلارنى قىلىپ بېرىش، ناخشا ئېيتىپ بېرىش، ياكى ئۇيۇنچۇقلارنى بىللە ئوينىشىپ بېرىش ئارقىلىق، بوۋاقنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاۋاز چىقىرىشقا يېتەكلەش كېرەك.

<<< 4~5 ئايلىق >>

بۇ باسقۇچتىكى بوۋاقلارنىڭ يېتىلىشى ناھايىتى روشەن بولۇپ، ھەر خىل كەيپىياتلىرىنى ئىپادىلەپ چىقىرالايدۇ، ھەمدە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ، ئەڭ دەسلەپتە ئېسىدە تۇتىۋالىدىغىنى ئەلۋەتتە ئانىسىنىڭ چىرايى بولۇپ، ئانىسىنى كۆرگەن ۋاقىتتا ئىنتايىن بەك خوشال بولۇپ كېتىۋاتقىنىنى ئىپادىلەيدۇ. ناۋادا بىرەرسى ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىرسا، ئۇ شۇ ياققا قاراپ ئىزدەيدۇ.

بەدەن يېتىلىش ئۆلچىمى

ئېغىرلىقى: ئوغۇللارنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تەخمىنەن 7.52 كىلوگىرام، قىزلارنىڭ 6.87 كىلوگىرام ئەتراپىدا بولىدۇ.
ئېگىزلىكى: ئوغۇللارنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تەخمىنەن 65.46 سانتىمېتىر، قىزلارنىڭ 63.88 سانتىمېتىر بولىدۇ.
باش ئايلانمىسى: ئوغۇللارنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تەخمىنەن 42.80 سانتىمىتىر، قىزلارنىڭ 41.80 سانتىمىتىر بولىدۇ.
ئۆسۈپ يېتىلىش ئۆلچىمى
ئۇيقۇ
بوۋاق كېچىچە ئويغانماي ئۇخلايدىغان بولىدۇ، بۇ باسقۇچتىكى بوۋاقلار كۈنىگە 16-17 سائەت ئۇخلايدىغان بولىدۇ، كۈندۈزلىرى ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا ئىككى سائەتتىن ئىككى يېرىم سائەتكىچە ئۇخلايدۇ، كېچىسى ئون سائەت ئەتراپىدا ئۇخلايدۇ. ئۇخلاش جەريانىدا بەلكىم يەنە بوش ئېسەدەش، قىمىرلاش قاتارلىق تىنىچ ئۇخلىيالمايۋاتقاندەك ئەھۋاللار كۆرۈلۈشى مۇمكىن. كۆپ ھاللاردا بوۋاقلار تېيىز ئۇيقىدىن چوڭقۇر ئۇيقۇغا قاراپ ماڭىدۇ، بىراق بەزى بوۋاقلارنىڭ ئۇيقۇسىنى تەڭشەش ئىقتىدارى ئاجىز بولۇپ، ئاسانلا ئويغىنىپ كېتىدۇ، يەنە بەزى بوۋاقلارنىڭ تەڭشەش ئىقتىدارى ياخشى بولغاچقا، كېچىچە ئويغانماي تاتلىق ئۇخلايدۇ.

چىش چىقىش
بوۋاقلارنىڭ شۆلگەي ئاجرالمىلىرىنىڭ جىق بولۇشى، ئاغزى كىچىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە لەۋلىرىنى يۇمۇپ يۇتۇش ھەرىكەتلىرىنى ماسلاشتۇرالماسلىقى سەۋەبلىك، يىغىلىپ قالغان شۆلگىيىنى ۋاقتىدا يۇتالمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن شالۋىقى ئاقىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بوۋاقنىڭ بويۇن، مەيدىلىرىنى ھۆل قىلىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا شالداما تاقاپ قويىمىز.

ھەرىكەت
بۇ باسقۇچتىكى بوۋاقلارنىڭ قىلغان ھەرىكەتلىرى ئىلگىرىكىدىن پىششىق بولىدۇ، ھەمدە دۈم قىلىپ قويغاندا جەينىكىنى 90 گىرادۇسلۇق ئېگىپ كۆتۈرۈلەلەيدۇ. نەرسىلەرنى تۇتقاندا، باشمالتىقى كۆپ ھەركەتچان بولۇپ كېتىدۇ، كىچىك نەرسىلەرنىمۇ تۇتالايدۇ، ناۋادا ئانىسى ئۇنىڭغا يېنىك ئاۋازدا سۆز قىلسا، ئۇ ئىنتايىن خوشال كەيپىياتنى ئىپادىلەيدۇ.

تىل
بۇ باسقۇچتىكى بوۋاقلارنىڭ تىل ھەم ھېسسىيات ئالماشتۇرۇش تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولىدۇ، ئاۋاز چىقىرىپ كۈلىدۇ، ئاۋازى ناھايىتى زىل ھەم يېقىملىق ئاڭلىنىدۇ. باشقىلار ئۇنىڭغا گەپ قىلغاندا گويا تەڭ سۆز قېتىۋاتقاندەك گۇڭرايدۇ.

ئاڭلاش سېزىمى
ئاڭلاش سېزىمى خېلىلا يېتىلىپ قالىدۇ، يېقىملىق ئاۋازلار بىلەن قۇلاقنى بىئارام قىلىدىغان شاۋقۇنلارغا ئوخشىمىغان ئىنكاس قايتۇرالايدۇ. ئانىسى يېنىك ئاۋازدا ئۇنىڭغا گەپ قىلغاندا، دىققەت قىلىپ ئاڭلاۋاتقان، خۇشال بولۇۋاتقان قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ.

تېگىشىش سېزىمى
بۇ باسقۇچتىكى بوۋاقلار يېقىندىكى ئۇيۇنچۇقلارنى تۇتالايدۇ، ئانا بوۋاقنى كۆتۈرۈپ، چايقىما دۇمباقتەك ئۇيۇنچۇقلارنى ئۇنىڭ قولىدىن ئىككى ئۈچ سانتىمېتىر يىراقلىققا قويۇپ قويۇپ، بوۋاقنىڭ ئۆزىگە ئالغۇزۇپ ئوينىتىپ، ئۇنىڭ تېگىشىش سېزىمىنى، قاماللاپ تۇتۇش ئىقتىدارىنى مەشىقلەندۈرسە بولىدۇ.

بۇ باسقۇچتىكى بوۋاقلار قولى بىلەن دۇنيانى تەكشۈرۈشنى باشلىۋېتىدۇ، تۇتقىلى بولىدىغان ھەر قانداق نەرسىنى تۇتۇپ كۆرۈپ باقىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئايلاردا ئۆيدىكىلەر چوقۇم ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى تۇتقۇزۇشقا تىرىشىشى كېرەك!

كۆرۈش سېزىمى
شەيئىلەر تەدىرىجى ھالدا ئۇنىڭ كۆزىدە ئىسترولۇق تۇيغۇ پەيدا قىلىشقا باشلايدۇ، بۇ ۋاقىتتا نەرسىلەرنى بىر قەدەر مۇقىم ھەم ئېنىق كۆرەلەيدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەتراپىغا قويۇپ قويغان مۇقىم نەرسىلەر بولسىلا، بوۋاق ئۇنىڭ ئورنىنى نىسپىي ھالدا بەلگىلەپ، قولىنى سۇنۇپ تۇتماقچى بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن بوۋاق مەلۇم نەرسىلەرگە تەدرىجىي ھالدا بىر نەچچە مىنۇت قاراپ تۇرالايدىغان بولىدۇ.

تۇيغۇ
بۇ مەزگىلدىكى بوۋاقلار ئىچىدىكىنى چىراي ئىپادىسى بىلەن ئىپادىلىيەلەيدىغان بولىدۇ، ئۇرۇق تۇغقانلىرىنىڭ ئاۋازىنى تونۇۋالىدۇ، تونۇش بىلەن ناتونۇشنى پەرق قىلىپ، ناتونۇشلاردىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچقاندەك قىلىقلارنى قىلىدۇ.

پىسخىكا
بۇ باسقۇچتىكى بوۋاقلار ئادەم بىلەن مۆكۈشمەك ئويناشقا، قوڭغۇراققا ئامراق، ھەم يەنە تېلېۋىزور كۆرۈشنى، ئەينەككە قاراشلارنى، ئەينەكنىڭ ئىچىدىكى ئادەمگە قاراپ كۈلۈشنى، يەنە بىر نەرسىلەرنى چېكىپ قويۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئاتا-ئانىلار ھەر كۈنى بوۋاققا ھەمراھ بولۇپ ئۇنىڭغا ئەتراپتىكى مول مەزمۇنلۇق شەيئىلەرنى كۆرسەتسە بولىدۇ، ھەم پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كۆزگە نېمە كۆرۈنسە شۇنى تونۇشتۇرسا، نېمە قىلسا شۇنى چۈشەندۈرسە بولىدۇ.

<< 5~6 ئايلىق >>

بۇ باسقۇچتىكى بوۋاقلارنىڭ تونۇش ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ، ئانىسىنى كۆرسە ئىنتايىن خۇشال بولۇپ كېتىدۇ، ناتونۇشلارنى كۆرگەندە بولسا قىقىراپ يىغلايدۇ، بەدىنىنىڭ ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېشىپ، كىچىك قوللىرى بىلەن نەرسىلەرنى تۇتالايدىغان بولىدۇ. تۇتىۋالغان نەرسىلەرنى پۇلاڭلىتىپ چىشلەپ غاجاپ باقىدۇ، تېخىمۇ كۈچلۈك تىپچەكلەيدىغان بولۇپ، يوتقاننى تېپىپ ئېچىۋېتەلەيدۇ.

بەدەن يېتىلىش ئۆلچىمى

ئېغىرلىقى: ئوغۇللارنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تەخمىنەن 7.00 كىلوگىرام، قىزلارنىڭ 7.35 كىلوگىرام ئەتىراپىدا بولىدۇ.
ئىگىزلىكى: ئوغۇللارنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تەخمىنەن 66.76 سانتىمېتىر، قىزلارنىڭ 65.90 سانتىمېتىر بولىدۇ.
باش ئايلانمىسى: ئوغۇللارنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تەخمىنەن 43.10 سانتىمېتىر، قىزلارنىڭ 41.90 سانتىمېتىر بولىدۇ.
ئۆسۈپ يېتىلىش ئۆلچىمى
ئۇيقۇ
بۇ باسقۇچتىكى بوۋاقلار كۈنىگە 15- 16 سائەتتىن ئۇخلايدۇ، كېچىسى 10 سائەت ئەتراپىدا، كۈندۈزى ئىككى ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا ئىككى-ئىككى يېرىم سائەت ئەتراپىدا ئۇخلايدۇ. كۈندۈزدىكى ھەرىكەت ۋاقتى ئىككى-ئىككى يېرىم سائەتكە يېتىدۇ.

قىرقى چېچىنىڭ چۈشۈش مەزگىلى
بەلكىم دىققەت قىلغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، بوۋاقنىڭ بېشىنىڭ ئارقىسىدىكى چېچى ئاساسەن چۈشۈپ تۈگەپ بولىدۇ، بىراق ئالدى ھەم ئىككى يېنىدا ئازراق قېلىپ قالىدۇ، بۇ دەك بوۋاقلارنىڭ قىرقى چېچى چۈشۈش مەزگىلى بولۇپ. كەينى دوققىسىدىكى قىرقى چېچى دائىم ياستۇققا سۈركىلىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن چۈشۈشى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. بوۋاقنىڭ قىرقى چېچى چۈشۈپ بولغاندىلا، ئاندىن يېڭى چاچ ئۆسۈپ چىقىدۇ.

ئىقتىدار يېتىلىش ئۆلچىمى
تۇيغۇ
بوۋاق ھەر خىل پۇراقلارنى بىر قەدەر توغرا پەرق قىلالايدىغان، يېمەكلىكلەرگە بولغان قىزىقىشىنى ئېنىق ئىپادىلىيەلەيدىغان بولىدۇ. يىراقتىكى ھەركەت قىلىۋاتقان جىسىملارغا دىققەت قىلىدۇ. ياخشى كۆرگەن مۇزىكىلىرىنى تىنچقىنە ئاڭلايدۇ، ئىسمىنى چاقىرسا ئىنكاس قايتۇرىدۇ.

تىل
بۇ باسقۇچتىكى بوۋاقلار ئانىسى بىلەن مۇڭدىشالايدۇ، ئىككىسى مەزمۇنغا ئھتىياجى يوق ھالدا تاغدىن باشدىن نەچچە مىنۇت پاراڭلىشىدۇ، ئۇ ئۆزى يالغۇز قالغىنىدا، يۇقىرى ئاۋازدا ئاددىي تاۋۇشلارنى چىقىدۇ، مەسىلەن: ما ، دا، با… دېگەندەك. ئانا بوۋىقى بىلەن مۇڭداشقاندا، بوۋاقنىڭ ئاۋاز چىقىرىش ئىشتىياقى ئاشىدۇ، ھەمدە ئاۋازنىڭ تۈرىنى موللىشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بوۋاق گۇڭراپ ئۆزى بىلەن ئۆزى پاراڭلاشقىلى تۇرغاندا، ئانا ئۇنىڭغا جۆر بولۇپ، ئۇنى ئېغىز شەكلىگە قىزىقتۇرىشى كېرەك!

كۆرۈش سېزىمى
بۇ باسقۇچتىكى بوۋاقلار، ئىككى قولى يەتكەنلىكى نەرسىنى قولىغا ئېلىپ تۇتۇپ باقىدۇ، كۆزى كۆرگەنلىكى نەرسىنى چوقۇم ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىشكە تىرىشىدۇ. بىراق بۇ نەرسىلەر بىلەن ئۇنىڭ ئارىلىقى 70 سانتمېتىر ئەتراپىدا بولسىلا، بوۋاقنىڭ ھەرگىز ئۇنى سىلاپ بېقىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتىدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلىپ قالىسىز.

پىسخىكا
بۇ باسقۇچتىكى بوۋاقلار ئېسىپ قويغان ئۇيۇنچۇقلارنى تۇتالايدۇ. ئەگەر سىز ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىرسىڭىز، ئۇ سىزگە قاراپ كۈلىدۇ. ئۇ ئوڭدىسىغا ياتقان ۋاقىتتا، پۇتلىرى تىنماي ھەرىكەتلىنىدۇ. باشلىنىشىدا بوۋاقنىڭ مەلۇم نەرسىنى تونۇۋىلىشى ئۈچۈن 15-20 كۈنلەرچە ۋاقىت كېتىدۇ، ئىككىنچى خىل نەرسىنى بولسا 12-16 كۈنگىچە تونۇۋالىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن بارغانسېرى تېز تونۇيدىغان بولۇپ كېتىدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بولغىنى، ھەرگىز ئالدىراقسانلىق قىلماسلىق، بىردىن بىردىن تونۇتۇش كېرەك، ھەم يەنە بوۋاقنىڭ قىزىقىشىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ.

 

 

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى