ئانا-بالا

يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ نەزىرىدىكى دۇنيا قانداق بولىدۇ

يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ، تۇغۇلغاندىن كىيىن بىر ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا، ئۇلارنىڭ نەزىرىدىكى دۇنيانىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ ئىمىدىغان سۈت ئىزدەش، تەدرىجى ھالدا ئانىسىنىڭ پۇرىقىنى، چىراي شەكلىنى پەرق ئىتىش؛ ئانىسىنى تۇنىيالايدىغان بولۇش، ناتۇنۇشلارنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان بولۇش، ئالدىدا تۇرغان ئادەمنىڭ ئانىسى ئەمەسلىكىنى پەرقلەندۈرۈش…. يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ يىتىلىش جەريانى، خۇددى سىھرىگەرلىك ئويۇنىغا ئوخشايدىغان بولۇپ، ناھايىتى سىرلىق ھەم قىزىقارلىق كىلىدۇ.
تۆۋەندە بىز، يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ يىڭى دۇنياغا بولغان تۇنۇشىدا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.
يىڭى تۇغۇلغان ۋاقىت
بۇ ۋاقىتتا مىنىڭ كۆزلىرىم ئاق قارا ئارىلاش خىرەلىككە تولغان، چۈنكى مەن ئىزچىل تۈرە ئۇخلاۋاتقان؛ بىراق مەن ھازىر ھىس قىلغان نەرسىلەر، ئۆتكەن نەچچە ئايدا ھىس قىلغان نەرسىلەرگە تازا ئوخشىماي تۇرىدۇ. شۇڭا ھازىر مەن، ئاچچىقىم كەلسىلا يىغلاپ توۋىلايمەن، ئويغاق ۋاقىتلىرىمدا، “مەن كىم، مەن قەيەردىن كەلگەن” دەپ ئويلاپ كىتىمەن؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە مىنى ئازراق قورقۇنچ باسىدۇ ھەم بىئاراملىق ھىس قىلىمەن، شۇڭا مەن ئىمىمەن دەپ توختىماي يىغلاپ خاپا قىلىمەن.
بىر ئايلىق بولغان ۋاقىت
مەن ھازىر بىر ئايلىق بولدۇم، ئون نەچچە سانتىمىتىر ئارىلىقتىكى نەرسىلەرنى كۆرەلەيمەن؛ بىراق، يېقىندىن بىرى يېنىمدا ئەگىپلا يۈرىيدىغان ئۇ ئادەم، مەندىن سەل يېراقراق تۇرۇپ قالسىلا، ماڭا يەنىلا خىرە ھالىتىدە كۆرىنىدۇ. مەن بەزىدە تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭ قۇچاقلاشلىرىنى سېغىنىپ كىتىمەن، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئاۋازى ماڭا شۇنداق تۇنۇشتەك، تۇنۇشقىلى ئۇزۇن بولغاندەك بىلىنىدۇ. شۇڭا مەن ئازراق يىغلاپ ئاۋاز چىقىرىشىم كىرەك، بۇنىڭدا ئۇ مىنىڭ قېشىمغا كەلسە، مەن ئۇنىڭ چىرايىنى تېخىمۇ ئىنىق كۆرەلەيمەن.

ئىككى ئايلىق بولغان ۋاقىت
مەن ھازىر ئىككى ئايلىق بولۇپ قالدىم، ئۆزۈمنى شۇنداق ياخشىدىكە ھىس قىلىۋاتىمەن. مەن ھازىر ئاخىرى، يېنىمدا ئەگىپ يۈرىيدىغان ئۇ ئايالنىڭ چىرايىنى ئىنىق كۆرەلەيدىغان بولدۇم؛ بىراق، بۇ ئايالنىڭ ئانام ياكى مومام ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم. بەزىدە يېنىمدا پەيدا بولىدىغان چىرايلار بەك كۆپ بولغاچقا، مەن ئۇلارنى ئىسىمدە تۇتۇپ بولالمايدىكەنمەن. بىراق تەلەيگە يارىشا، مەن ئىمىشىم لازىم ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، چۈنكى ھازىر مىنىڭ خىزمىتىم، پەقەت ئىمىشلا. بەزىدە بىكار قالغان ۋاقىتلىرىمدا، ئۇ ئادەملەرنىڭ چىرايىغا تىكىلىپ قاراپ باقىمەن، لىكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى كۆزلىرىمگە رەڭسىز ھالەتتە ئوخشاشلا بىر خىل كۆرىنىدۇ، شۇڭا داۋاملىق قاراش خوشياقمايدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۆزۈممۇ چارچاپ قالىمەن، شۇڭا كۆپرەك ئۇخلايمەن.
تۆت ئايلىق بولغان ۋاقىت
تۆت ئايلىق بولدۇم. كۆزۈمنى شۇنداق ئاچسام، ئۇلارنىڭ رەڭگىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى بايقىدىم. نىمىدىكەن سىرلىق! مەن ھاياجانلىنىپ ئورنۇمدىن تۇرماقچى بولدۇم، لىكىن تۇرالمىدىم؛ ئۆرۈلمەكچى بولدۇم، لىكىن يەنىلا ئۆرۈلەلمىدىم؛ بولدىلا، بەك ھېرىپ كىتىدىكەنمەن، ۋاقتىنچە بولدى قىلاي. قارىسام، ئانام ھەمىشە بىر خىل ئالاھىدە رەڭدىكى بىر كىيىىم كىيىۋالغاندەك ھىس قىلىمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە موماممۇ مۇشۇ رەڭدىكى كىيىمنى كىيىۋالغاندەك قىلىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا مەن ئۇلارنى خاتا تونۇپ قالىدىكەنمەن. ھا!ھا! تۆت ئايلىق، مەن ھازىر بىر كۈن ئىلگىرىكى ئىشنى ئىسىمدە تۇتالايدىغان بولدۇم جۇمۇ!

ئالتە ئايلىق بولغان ۋاقىت
كۆپچىلىككە رەھمەت، مەن يېرىم ياشقا كىرىپ قالدىم. مەن ھازىر ئۆزۈمنى شۇنداق مۇنەۋۋەردەك ھىس قىلىمەن؛ ئەتراپىمدىكى نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئىنىق كۆرەلەيدىغان بولدۇم. بىراق، ئارىلىق بىر مىتىردىن ئېشىپ كەتسە، يەنىلا ئىنىق كۆرەلمەيمەن. ئەمما ھېچۋەقەسى يوق؛ مەن ھازىر نىمىنى كۆرسەم شۇنى چىشلەيمەن، بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ نىمە نەرسە ئىكەنلىكىنى تېتىپ بېقىشقا ئۇرۇنىمەن؛ گەرچە ھەرخىل ھەرياڭزا تەملىك بولسىمۇ، مەن يەنىلا بۇنىڭدىن خۇشاللىق ھىس قىلىمەن. يەنە بىر گەپ، ھازىر مەن ئانامنى تۇنىيالايدىغان بولدۇم؛ مىنى كۆتۈرگەن باشقا ئادەملەرنىڭ ئانام ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمەن. شۇڭا خوشال ۋاقىتلىرىمدا ئۇلار بىردەم مىنى كۆتۈرۋالسا مەيلى دەيمەن، ئەمما ئاچچىقىم كېلىپ قالغاندا بولسا…. يىغلاپ ئۆزۈمنىڭ ئاچچىقىنى بىلدۈرۈپ، ئانامنى ئىزدەيمەن.
سەككىز ئايلىق بولغان ۋاقىت
سەككىز ئاي بولدى، كۆزلىرىمگە كۆرىنىدىغان رەڭلەر بارغانسىرى ئىنىق كۆرۈنۈشكە باشلىدى. ئانامنىڭ چىرايىمۇ بارغانسىرى ئىنىق كۆرۈنىدىغان بولدى، قولىقىدا ھالقا بار ئىكەن، بوينىدىمۇ بىرنەرسە باردەك قىلىدۇ. مەن ئانام بىلەن ئوينايمەن، مىنىڭ ئويۇنچۇقلىرىمچۇ؟ ئانام ئويۇنچۇقلىرىمنى يۇشۇرۇپ قويىدۇ، كەينىدىن يەنە ئۇلارنى ماڭا ئېلىپ بىرىدۇ؛ ئانام ماڭا سىھرىگەرلەردەك ئويۇن كۆرسىتىپ بىرىدۇ، ئۇ بەك ئوماق.

ئون ئايلىق بولغان ۋاقىت
ئانام ئويۇنچۇقلىرىمىنى كۆز ئالدىمدا پولاڭلىتىپ مىنى قىزىقتۇرىدۇ، مەن ئويۇنچۇققا تىكىلىپ قاراپ، ئانامنىڭ ئۇنى قەيەرگە تىقىپ قويىدىغانلىىغا دىققەت قىلىمەن ھەمدە خۇشاللىقىمدىن تېپىچەكلەپ كىتىمەن. ئەتراپتىكى نەرسىلەرنىڭ بارغانسىرى رەڭگارەڭ بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم، مەن كۆرەلەيدىغان نەرسىلەرمۇ بارغانسىرى كۆپىيىشكە باشلىدى. توغرا، ئىنىق كۆرەلمىگەن نەرسىلىرىمنىڭ قېشىغا، مەن ئۆمىلىگىنىمچە ئۇلارغا يېقىنلىشىمەن، چۈنكى مەن ھازىر ئۆمىلىيەلەيدىغان بولدۇم.
ئون ئىككى ئايلىق بولغان ۋاقىت
مەن بىر ياشقا كىردىم. كۆرۈش سىزىمىم پۈتۈنلەي سىتىرىئولۇق ھالەتكە ئۆزگەردى، كاللامدا يېراق يېقىنلىق ئۇقۇمى پەيدا بولدى، ئىمىلەكلىگەن ۋاقىتتىمۇ، ئۈستەلنىڭ پۇتلىرىغا ئۈسۈۋالمايدىغان بولدۇم. بۇ ۋاقىتتا، ئانامنى مىنى بەك يامانكەنسىز دەپ ماختاۋاتقاندەك ھىس قىلىمەن. ئانامنىڭ يېراقتىن مېڭىپ كىلىپ، بىر ئازدىن كىيىن يەنە يېنىمدىن كىتىپ قالغانلىقىنى كۆرىمەن ھەمدە بىللە ئەگىشىپ ماڭغۇم كىلىدۇ. ھازىر مەن، بىر ئاي ياكى تېخىمۇ ئۇزاق ۋاقىت ئىچىدىكى نەرسىلەرنى ئىسىمدە ساقلىيالايدىغان بولدۇم؛ ئانامنى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ئۇرۇقلاپ كەتكەندەك ھىس قىلىۋاتىمەن. بىر نەچچە قېتىم كۆرگەن ئادەمنى ئاساسەن ئىسىمدە تۇتالايمەن، ئەمما باشقىلار ماڭا يەنىلا ناتۇنۇش بىلىنىدۇ.

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى