يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر

ئەيدىز ۋىرۇسىغا ئىممۇنىتېت كۈچى بارلارنىڭ بايقىلىشى ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاشتا بۆسۈش كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرەمدۇ؟

 

ئىنسانلار ئىممۇنىتېت كۈچى كەمتۈكلۈك ۋىرۇسى (HIV) كىشىلەرگە ناتونۇش ئەمەس. ئۇنىڭ تارقىلىشچانلىقى كۈچلۈك، ھازىرغىچە بىمارنى تەلتۆكۈس داۋالاپ ساقايتىدىغان ئۇسۇل تېپىلمىغاچقا، ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ۋە جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغاپ كېلىۋاتىدۇ.

031600031193100008519294

ئافرىقا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش مەنبەسى يەنە كېلىپ يۇقۇم ئېغىر رايون. ھەتتا بەزى دۆلەتلەردە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %30تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىكەن. ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قاتارلىق جايلارمۇ يۇقۇشچانلىقى يۇقىرى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئاساسلىق تارقىلىش رايونىغا ئايلانغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاسىيادىمۇ يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى تېز سۈرئەتتە ئاشقان. شۇڭا ھازىر ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش يالغۇز بىر ئادەمنىلا قۇتقۇزغانلىقنى كۆرسەتمەستىن بىر دۆلەتنى قۇتقۇزغانلىقنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ قالغان.

يېقىندا كونگو ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا «ئەيدىز ۋىرۇسىنى تىزگىنلىيەلايدىغان ئەزىمەت» دېگەن ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كىشىلەرنىڭ ئەيدىزنىڭ يېڭىچە داۋالاش ئۇسۇلىغا ۋە داۋالاپ ساقايتىشقا بولغان تەلپۈنۈشلىرىنى كۈچەيتىۋەتكەن. تەتقىقاتتا دېيىلگەن «ئەيدىز ۋىرۇسىنى تىزگىنلىيالايدىغان ئەزىمەت» ھېچقانداق دورىغا تايانماي تېنىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ مىقدارىنى تىزگىنلىيالايدىغان يۇقۇملانغۇچىلارنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇنداق ئىقتىدارى بار ئادەملەر 10000دىن ئاشىدىكەن. بۇ بايقاشنىڭ ئەيدىزنى داۋالايدىغان يېڭىچە ئۇسۇل تېپىشقا ياردىمى بولۇش مۇمكىنچىلىكى بار ئىكەن.

بىر تەتقىقاتچى بۇ ھەقتە مۇنداق بىلدۈرگەن: «بۇ بايقاش تەتقىقاتچىلارغا ناھايىتى چوڭ ئۈمىد ئېلىپ كەلدى. چۈنكى بۇنداق ئىقتىدارى بار كىشىلەر ئىلگىرىكى تەتقىقات مىسالىدىكى بىر-ئىككىلا ئادەم بولماستىن ئون مىڭدىن كۆپرەك ئادەم».

031600085181300008519294

ئەگەردە تەتقىقاتچىلار بۇ كىشىلەرنىڭ بەدىنىدىكى ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ قايسى بۆلىكىنىڭ تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقالىسا، بۇ ھالدا يېڭىچە داۋالاش ئۇسۇلى ئىجاد قىلغىلى ۋە ياكى مۇشۇ خىل ئىممۇنىتېت بۆلىكىنى تېخىمۇ ئاكتىپلاشتۇرىدىغان ۋاكسىنا بىلەن ۋىرۇس يوقىتىدىغان ئۇسۇل تاپقىلى بولىدىكەن.

ھازىرغىچە ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ۋاكسىنىسى ھەققىدە ئىزدىنىش تېخى كىشىلەر ئاياغ باسمىغان ساھە بولۇپ، ھازىر بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا ئۈمىد تۇغۇلغان. تەتقىقاتچىلار يەنە «بۇ خىل ئالاھىدە ئىممۇنىتېت رېئاكسىيەسىنى بىز تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ چۈشىنىشىمىز كېرەك» دېگەن.

ئەمەلىيەتتە، بۇنداق يېڭىدىن بايقالغان «ئەزىمەت»لەرگە ئوخشاش ئىقتىدارى بار كىشىلەر خېلە بۇرۇنلا بار بولۇپ، سانى ئاز بولغاچقا ئانچە بەك ئېتىبارغا ئېلىنمىغانىكەن.

نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى