ساغلاملىق بىلىملىرى

يۈرەك زەخىملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟

 

031218164322300016091919

كۈندىلىك تۇرمۇشتا يۈرەكنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن ھوشيار بولۇپ، تۆۋەندىكى بۇ ئۈچ نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك:

1. يۈرەك زەخىملىنىش ئالامەتلىرى

يۈرەك زەخىملەنسە مەيدە چىڭقىلىش، ئاغرىش كۆپ بولۇش، ئاسان تەرلەش، كالپۇك كۆكىرىپ كېتىش، تومۇر سوقۇشى ئاجىزلاش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا ساغلام يۈرەكنىڭ تومۇر سوقۇش رىتىمى تەكشى بولۇشى كېرەك، ئەگەر تومۇرنىڭ سوقۇش قېتىم سانى نورمال سەۋىيەدىن خېلىلا يۇقىرى ياكى ئۇنىڭدىن خېلىلا تۆۋەن بولسا يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغى قاتارلىق يۈرەك كېسەللىكلىرىنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن.

2. يېمەك-ئىچمەك ساغلاملىقى ۋە يۈرەك ساغلاملىقى

يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە گۆشلۈك بىلەن گۆشسىز تاماقنى ماسلاشتۇرۇپ، ئوزۇقلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش كېرەك. بولۇپمۇ تۇز، ياغ، قەنت تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشنى ئازايتىش، يېمەك-ئىچمەك، كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنى ئىستېمال قىلىشنى كۆپەيتىش كېرەك، ھەر كۈنى ئاز دېگەندە 300 گىرام مېۋە-چېۋە، 500 گىرام كۆكتات ئىستېمال قىلىش، ئامال بار ئوخشاش بولمىغان كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنى تاللاپ ئىستېمال قىلىش كېرەك، تۈرى مول بولسا، يۈرەك قان تومۇرلىرىنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاشقا تېخىمۇ پايدىلىق بولىدۇ.

031218170067500016091919

3. كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇش

تۇراقسىز كەيپىيات ئامىلى، مەيلى غەزەپلىنىش، قايغۇرۇش بولسۇن، ھەتتا زىيادە ھاياجانلىنىش ياكى خۇشاللىق كەيپىياتى بولسۇن، ھەممىسى يۈرەك سوقۇش قېتىم سانىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، بەزى بىمارلار ھەتتا زىيادە قايغۇرۇش ياكى پاسسىپ تەسىر ئاستىدا، سېزىمچانلىق خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل كېسىلى قوزغىلىپ، ھاياتىغا تەھدىت سېلىشى مۇمكىن.

031218171585600016091919

يۇقىرىقىلار بولسا تەھرىر ھەمبەھىرلىگەن ساغلاملىق بىلىملىرى، كۆپچىلىكنىڭ ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىگە كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئاخىرىدا كۆپچىلىكنىڭ تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىنى تىلەيمەن!

نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى