يىېمەكلىكلەر

ئالقاتنىڭ رولى ۋە يېيىشتىكى قائىدىلەرنى بىلىۋېلىڭ

ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىىسى:

كۆپىنچە كىشىلەر ئالقاتنى يېڭىلا قاينىغان قايناقسۇغا چىلاپ ئىچسە ئوزۇقلۇق ئۈنۈمى يۇقىرى دەپ قارايدۇ، بىراق بۇنداق قىلىش ئالقاتتىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنى ۋە بەدەن قۇۋۋەتلەش رولىنى يوققا چىقىرىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئالقاتنى 60-45 گىرادۇس ئەتراپىدىكى ئىلىمانراق سۇغا چىلاپ ئىچكەندە ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇندىن سىرت سۇغا چىلىغان ئالقاتنى ئالدىراپ تاشلىۋەتمەسلىك كېرەك. ئەمەلىيەتتە ئالقاتنى قۇرۇق چايناپ يېيىش ھەممىدىن پايدىلىق بولۇپ، ئالقاتتىكى ئوزۇقلۇق تەركىبى بەدەنگە تولۇق سۈمۈرۈلۈپلا قالماي، يەنە دورىلىق ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرالايدۇ.

031421364394400000042394

تۆت پەسىلدە ئالقات يېيىشنىڭ قائىدىسىمۇ پەرقلىنىدۇ، يەنى:

ئەتىيازدا: جىگەرنى ئاسانلا ئىسسىق قاپلىۋالىدىغان بولغاچقا، جۇخار گۈلى بىلەن ئالقاتنى دەملەپ ئىچسە ئىسسىقنى ياندۇرۇش رولىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئۇندىن باشقا كۆزى دائىم قۇرغاقلىشىدىغان، بولۇپمۇ دائىم كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلەرگىمۇ مەنپەئەت قىلىدۇ.

يازدا: ھاۋا ئىسسىق بولغاچقا، ئالقات، ئاق رەڭلىك قېرىنقۇلاق ۋە نېلۇپەر ئۇرۇقىنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە ئىسسىقنى قايتۇرۇپ، ئۇسسۇزلۇقنى بېسىش رولىنى ئوينايدۇ.

كۈزدە: كۈز پەسلى ھاۋا قۇرغاق بولغاچقا، ئاسانلا ئېغىز قۇرغاقلىشىش، كالپۇك يېرىلىش، تېرە كېپەكلىشىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. شۇڭا گۈلسامساق قاتارلىقلار بىلەن ئالقاتنى شورپىغا ئارىلاشتۇرۇپ ئىچكەندە بەدەنگە نەملىك تولۇقلايدۇ.

قىشتا: ھاۋا سوغۇق بولغاچقا، ئالقاتنى چىلان، لۇڭيەن، پېچەكگۈل قاتارلىقلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ھەرخىل ئۇماچ تەييارلاپ ئىچكەندە بەدەننىڭ قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇپ، سوغۇققا تاقابىل تۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.

ئالقات جىگەر ۋە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ، نېرۋىنى تىنچلاندۇرىدۇ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر نەچچە تال چايناپ يەۋالسا، كېچىدىكى ئېغىزى قۇرغاقلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى