بەش ئەزا كېسەللىكلىرى

بىر نەرسە يېسىڭىز دائىم چىشىڭىزنىڭ ئارىلىقىغا كىرىۋالامدۇ؟ بۇنىڭغا چوقۇم دىققەت قىلىڭ

 

بىر ۋاق تاماقتىن كېيىن ئەڭ ئوڭايسىز ئەھۋال شۇكى، يېمەكلىك چىشلارنىڭ ئارىسىغا كىرىۋېلىپ، تىل بىلەن يالاپ، قول بىلەن كوچىلاپ يېرىم كۈن ھەپىلىشىپمۇ چىقىرىۋەتكىلى بولمايدۇ!

031216492363400016091919

نورمال ئەھۋال ئاستىدا رەتلىك تىزىلغان چىشلار مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يوچۇق بولمايدۇ، يوچۇق بولمىسا تەبىئىيلا يېمەكلىك كىرىپ قالىدىغان ئەھۋال ناھايىتى ئاز يۈز بېرىدۇ، لېكىن نۇرغۇن چىش كېسەللىكلىرى ھالىتىدە يېمەكلىك چىشنىڭ ئارىسىغا كىرىۋېلىش دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.

چىش يېرىقى نېمە ئۈچۈن يوغىنايدۇ؟

1. تۇغما ئامىللار: تۇغما بولغان چىشنىڭ يېتىلىشى غەيرىيلەشسە، ياش-ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدە چىشنىڭ تىزىلىشى ياخشى بولمايدۇ.

2. چىش كەمتۈك بولسا كارى بولماسلىق: چىش كەمتۈك بولۇپ قالسا، چىشنى تولۇقلاشقا تېگىشلىك ۋاقىتتا تولۇقلىمىسا، قوشنا چىشلارنىڭ يۆتكىلىپ قىيسىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ۋە ئەسلىدىكى رەتلىك تىزىلغان چىشلاردا يوچۇق پەيدا بولىدۇ.

3. چىش ئېغىر دەرىجىدە چىرىش: چىش چىرىش، باكتېرىيە چىشنى چىرىتكەندىن كېيىن يوچۇق شەكىللىنىش.

4. چىش ئەتراپى كېسىلى: چىش ئەتراپى كېسىلى چىش ئوقۇرى سۆڭىكىنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى چىش يىلتىزى شۇنچە ئاشكارا كۆرۈنىدۇ، چىش يوچۇقىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ.

031216494367000016091919

چىش يېرىقى چوڭىيىپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟

تەركىبىدە ۋىتامىن c بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، چىش مىلىكىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداپ، چىش مىلىكىنىڭ يىگىلەپ كېتىشىدىن، چىش ئارىلىقىنىڭ چوڭىيىپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا چىشنى پاكىز يۇيۇپ، چىشنى ئىنچىكىلىك بىلەن چوتكىلاش كېرەك؛ بىر نەرسە يەپ بولغاندىن كېيىن دەرھال ئېغىزنى چايقاپ، ئېغىز بوشلۇقىدىكى باكتېرىيەلەرنى ئازايتىش كېرەك؛ چىش كولىغۇچنى ئاز ئىشلىتىش كېرەك، بولمىسا چىش ئارىلىقىنىڭ چوڭىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، چىش كولىغۇچ ئىشلىتىدىغان ئادەتنى تاشلىغاندا، چىش ئارىلىقى تەبىئىيلا ياخشىلىنىپ كېتىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئامال بار قاتتىق نەرسىلەرنى يېمەسلىك، چىشقا تەسىر يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش، مېۋىنى كۆپ يەپ، سۇنى كۆپ ئىچىش كېرەك.

 

نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى