بەش ئەزا كېسەللىكلىرى

بۇرۇننى كولاش ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرىدۇ

بۇرۇننى كولاش ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرىدۇ
كىشىلەر دائىم «كېسەل ئېغىزدىن كىرىدۇ»، دەيدۇ. لېكىن، ئەنگىلىيە ئالىملىرى كېسەلنىڭ بۇرۇندىن كىرىدىغانلىقىنى- بۇرۇننى كولاشنىڭ ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى بايقىدى.
ئەنگلىيە ئالىملىرى ئېلىپ بارغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، بۇرۇن كولاش ياكى بۇرۇننى ئۇۋىلاش جەريانىدا، ئۆپكە ياللۇغى باكتېرىيەلىرى تېخىمۇ كۆپ تارقىلىدىكەن، تارقىلىش سۈرئىتى تېخىمۇ تېز بولىدىكەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆپكە ياللۇغى شارچە باكتېرىيەلىك يۇقۇملىنىش پۈتۈن دۇنيادىكى ئاساسلىق ئۆلۈش سەۋەبلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، ھەريىلى مۇشۇ سەۋەبتىن قازا قىلغان بەش ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ سانى 1 مىليون 300 مىڭغا يېتىدىكەن. ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتىن ئىسپاتلىنىشىچە، ئۆپكە ياللۇغى باكتېرىيەسى تېرە ۋە بۇرۇن تۆشۈكىدىن تارقىلىدىكەن. مۇتەخەسىسلەرنىڭ تەۋسيە قىلىشىچە، ئۆپكە ياللۇغى شارسىمان باكتېرىيەسى قاتارلىق باكتېرىيەلەرنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتىنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن، كۆپچىلىك قول تازىلىقىغا چوقۇم ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆپكە ياللۇغى ئاسان گىرىپتار بولىدىغان كىشىلەر بىلەن يېمەكلىك، ئىچىملىك، يانفوننى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك كېرەك ئىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا، دائىم بۇرۇن ئىچىدىكى تۈكلەرنى يۇلغاندا بۇرۇن شىللىق پەردىسى زەخمىگە ئۇچراپ، باكتېرىيەلەر بىۋاسىتە بەدەنگە كىرىدىكەن.
يېقىندا ئەنگىليەدىن تارقالغان تەتقىقات كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى، چۈنكى ئۇ بۇرۇن كوچىلاشنىڭ كىشىلەرنى ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار قىلىش خەۋپىنى ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.
تەتقىقاتتا كىشىلەرنىڭ قول بارماقلىرىدا ئۆپكە ياللۇغىنى پەيدا قىلىدىغان باكتېرىيەلەرنىڭ بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى چۈشەندۈردى. كىشىلەر بىلىپ بىلمەيلا بۇرنىنى كوچىلىغاندا ياكى ئۇۋۇلىغاندا، باكتېرىيەلەر تېز سۈرئەتتە تارقىلىپ، كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، بۇرۇن كوچىلاش بەدەنگە سىرتتىن كەلگەن باكتېرىيەلەرنى ئەكىلىپلا قالماي، يەنە بۇرۇن بوشلۇقىنىڭ مۇھىتىنى زەخمىلەندۈرىدۇ. بۇرۇن كوچىلاش جەريانىدا يەنە بۇرۇن تۈكچىلىرىنى زەخمىگە ئۇچرىتىدۇ. بۇرۇن تۈكچىلىرىنىڭ چاڭ-توزان، باكتېرىيە، كىچىك ھاشارەت قاتارلىق غەيرىي ماددىلارنى سۈزۈش رولى بار. ئەگەر ئۇلار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا، بۇرۇن بوشلۇقىنىڭ قارشىلىق ئىقتىدارى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ.
ئومۇمەن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىكار بولۇپ قالسىڭىزلا خالىغانچە بۇرنىڭىزنى كوچىلىماڭ، ئەگەر چىدىيالماي قالسىڭىز، قولىڭىزنى پاكىز يۇيۇپ ئاندىن «ھەرىكەتكە كېلىڭ». بىراق بۇرۇن كوچىلىمىسىڭىزلا ھېچ ئىش يوقمۇ؟
بۇرۇن ئېتىلىپ قالسا ئېغىز پۇراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
ئېغىز پۇراشنىڭ سەۋەبى كۆپ خىل بولۇپ، كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئالدى بىلەن چىش ئەتراپى ياللۇغى قاتارلىق ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرىنى ئەسكە ئالىدۇ. ئەگەر تېببىي ئىلىمدە ئازراق چۈشەنچىسى بارلار بولسا، ئۆزىنىڭ ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرما تاياقچە باكتېرىيىسىدىن يۇقۇملانغان يۇقۇملانمىغانلىقىدىن گۇمانلىنىپ، دوختۇرخانىغا بېرىپ ھاۋا پۈۋلەش ئارقىلىق تەكشۈرتۈپ باقسا بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە،ئېغىز پۇراش پەقەتلا بۇرۇن ئېتىلىپ قېلىش سەۋەبىدىنلا ئەمەس، ئەسلىدە بۇرۇن بىلەن نەپەسلىنىشنى ئېغىزىڭىز بىلەن نەپەسلىنىشكە ئۆزگەرتىۋىلىشتىدۇر. بۇ خىل ئەھۋالدا ئېغىز ئاسانلا قۇرۇپ، شۆلگەي ئازلايدۇ، ئېغىز بوشلۇقىدىكى باكتېرىيەلەر كۆپىيىدۇ.
بۇرۇندا مەسىلە بولسا باش ئاغرىقنى، يۆتەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇرۇن ياللۇغى، بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغى، بۇرۇن پالىپى… قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى باش ئاغرىقىنى پەيدا قىلىدۇ.
قىش پەسلىدە قانداق ئۇسۇللار بىلەن بۇرۇننى قوغدىغىلى بولىدۇ؟
1.ماسكا تاقاش. بۇرۇن ئەسلىدىنلا مەينەت نەرسىلەرنى سۈزىدۇ.بىراق PM2.5غا ئوخشاش بۇنداق مىكرو كىچىك دانىچىلارغا قارشىلىق كۈچى يەنىلا ئاجىزلىق قىلىدۇ. شۇڭا تۇمانلىق كۈنلەردە ماسكا تاقىغاندا، ھەم بۇرۇننى ئىسسىق تۇتقىلى ھەم ئۆپكە ۋە بۇرۇننى قوغدىغىلى بولىدۇ. شۇنىڭدەك ماسكىنى ۋاقتى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم.
2.بۇرۇننى تازىلاش. ھاۋارايى سۈپىتى ياخشى بولمىغان قىش كۈنلىرى ھەر قېتىم سىرتقا چىققاندا بۇرۇنغا ئەخلەتلەر يىغىلىپ قېلىشى مۇمكىن. ئادەتتىكى كىشىلەر ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ئىلىمان سۇ بىلەن يۈزنى يۇيغاندا، بۇرۇننى تازىلاپ تۇرۇشنىمۇ ئۇنتىماسلىقى كېرەك. ئەگەر بۇرۇن ياللۇغى بىمارلىرى بولسا ھەر كۈنى ئەڭ ياخشىسى تۇز سۈيى بىلەن بۇرۇننى يۇيۇپ تۇرغاندا، ياللۇغ قايتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.
3.يېڭى مېۋە ۋە كۆكتاتلارنى كۆپ يېيىش. قىش پەسلى سوغۇق، كىلىمات قۇرغاق بولۇپ، ئاسانلا بىئارامسىزلىق پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا ئىشخانىغا نەملەشتۈرۈش ئۈسكۈنىسىدىن بىرنى قويۇشنىڭ زىيىنى يوق. ئەلۋەتتە، ئەتراپتىكى مۇھىتنى نەملەشتۈرۈشتىن سىرت، سۇنى كۆپ ئىچىش، يېڭى مېۋە ۋە كۆكتاتلارنى كۆپ يېيىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم.
4.دېرىزىلەرنى ئېچىپ كۆپرەك ھاۋا ئالماشتۇرۇش. قىش پەسلىدىكى ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى چوقۇم دېرىزىلەرنى ئېچىپ ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك.

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى