يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر

پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ ئەيدىزگە بولغان تونۇشىنى ئۆزگەرتكەن كىشى

سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

030523521276300010945131

ئەيدىز كېسىلى دېگەن نېمە؟ ئەيدىز كېسىلىنىڭ تولۇق ئاتىلىشى ئېرىشمە ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈك يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى (AIDS) بولۇپ، بۇ خىل ۋىرۇس ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا ھۇجۇم قىلىدۇ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا بۇ خىل ۋىرۇس پەيدا بولغان، ئۇ ئافرىقىدىكى ئورانگۇتاننىڭ تېنىدىن ئىنسانلارغا تارالغان، ئىنسانلار يەنە ئافرىقىدىن ئامېرىكىغا ئېلىپ كىرگەن، ئىنسانلارنىڭ ئۇنى چۈشىنىشى بەك ئاز بولۇپ، ئۇنىڭ يامراپ كېتىشىنى توسۇپ قالالمىغان.

ھالبۇكى، ئالدىنقى ئەسىردە ئۇنىڭ زىيىنىنى تونۇپ يەتكەنلەر ناھايىتى ئاز ئىدى، بۇ ھالەتنى ئۆزگەرتكىنى بولسا ئامېرىكا «تۇرمۇش» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئادەمنىڭ جان ئۈزۈش ئالدىدىكى بىر پارچە سۈرەت بولۇپ، بۇ سۈرەتتىكى ئادەمنىڭ ئىسمى داۋىد كېبى ئىدى.

030523523130300010945131

داۋىد كېبى ئامېرىكىدىكى ئىنتايىن ئاددىي بىر ئائىلىدە تۇغۇلغان، ئۇمۇ مىليونلىغان ئادەمنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاددىي بىر ئەزا، ئەگەر كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بەرمىسە، ئۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ چاڭ-توزانغا ئوخشاش، تارىخنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى، ئەمما ئ‍ۇ «يۆنىلىش» مەسىلىسىدە تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغان. كېبى كىچىكىدىنلا بۇ مەسىلىنى ھېس قىلىپ يەتكەن، ئ‍ۇ قىزلارنى ئانچە ياخشى كۆرمەيتتى، شۇڭا ئۇ كۆپىنچە كېلىشكەن ئوغۇللارغا بەكرەك دىققەت قىلاتتى، ئاتا-ئ‍انىسىمۇ ئۇنىڭ باشقىچە ئىكەنلىكىنى بايقىغاندىن كېيىن، ئۇلار كېبىغا قىز دوست تونۇشتۇرۇپ قويۇشقا ئۇرۇنىدۇ، لېكىن ھەرقانچە تىرىشسىمۇ، كېبى يەنىلا ئەرلەرگە ئامراق بولۇپ قالغان.

بۇ خىل كېسەللىكنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، بەلكىم بىر ئۆمۈر قوزغالماسلىقى، بەلكىم دەرھال پەيدا بولۇشى مۇمكىن. كېبى كېسەل بولغاندىن كېيىن توختىماي قىزىپ كەتكەن، گەرچە ئۇ ئاكتىپلىق بىلەن داۋالانغان بولسىمۇ، لېكىن كېسەللىك ئەھۋالى كۈندىن كۈنگە ئېغىرلىشىپ كەتكەن. 32 ياشلىق كېبى بۇ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىپ، كېيىنكى ئۆمرىنى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئۆيىدىكىلىرىگە تېلېفون قىلغان. ئەسلىدە كېبى توي قىلىشنى خالىمىغاچقا، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن قاتتىق ئۇرۇشۇپ قالغان ھەم مۇناسىۋىتىمۇ ئۇنچە ياخشى ئەمەس ئىدى، ئەمما ئاتا-ئانىسى بۇ ئىشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دەرھال ئۇنى ئۆيىگە ئېلىپ كەتكەن.

ئۆيگە قايتقان كېبى دەسلەپتە ئۆيىدىكىلىرى بىلەن كۈلكە-چاقچاق قىلىشىپ يۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن كېسىلى بەك ئېغىرلاپ كەتكەچكە، ھەر كۈنلۈك تامىقى بارغانسېرى ئازلاپ، ئەسلىدىكى قاۋۇل يىگىتتىن ئاستا-ئاستا ئورۇقلاپ بىر تىرە بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان، بۇنى كۆرگەن ئاتا-ئانىسى قاتتىق ئازابلانغان، ئۇلار ئوغلىنىڭ ھەر ۋاقىت ئۆلۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى بولغان قارا كۆلەڭگە ئىچىدە قالغانلىقىنى بىلگىنىدە بۇ رەھىمسىز رېئاللىقنى قوبۇل قىلالماي قالغان.

030800104441200010945131

ئۇلار دوختۇر ئىزدەپ، دورا سوراپ يۈرۈپ، تۈرلۈك داڭلىق تېۋىپلارنى تەكلىپ قىلىپ، ھەتتا خەلق ئىچىدە تارقىلىپ يۈرگەن رېتسىپلارنىمۇ خېلى كۆپ سىناپ باققان بولسىمۇ، لېكىن بۇ كېسەلنىڭ يامانلىشىپ كېتىشىنى توسۇپ قالالمىغان، شۇنىڭ بىلەن ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ كېتىپ قېلىشىدىن ھەر ۋاقىت ئەنسىرەپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ئالدىنئالا ئۇقتۇرۇپ قويغان.

كېبىنىڭ تۇغقانلىرى ئ‍ۇنى يوقلاپ كەلگەندە قورقۇپ كېتىشكەن، كوبىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئىچىدە ئاخبارات فاكۇلتېتىدا ئوقۇيدىغان بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بار بولۇپ، ئۇ كېبىنىڭ ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىنى سۈرەتكە تارتىش ئارقىلىق بىرىنچىدىن ئائىلىسىدىكىلەرنى ياد ئېتىپ تۇرۇشى، ئىككىنچىدىن كىشىلەرگە بۇ خىل كېسەلنىڭ قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ قويۇش تەكلىپىنى بەرگەن.

030817114083400010945131

شۇنىڭ بىلەن ئۇ كېبىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ رۇخسىتى بىلەن كېبىنىڭ جان ئۈزۈش ئالدىدىكى سۈرىتىنى تارتىۋالغان. بۇ كونا سۈرەتلەردىن بىز ئورۇق كېبى ۋە ئازابلانغان ئاتا-ئانىسىنى كۆرەلەيمىز. كېبىنىڭ كۆزلىرىدىن ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتا قانچىلىك ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس، 1990-يىلى 11-ئايدا كېبىنىڭ سۈرىتى تارتىلىپ بولۇپ بىر نەچچە كۈن ئۆتمەيلا ئالەمدىن ئۆتىدۇ، بۇ سۈرەتلەر ئامېرىكىنىڭ «تۇرمۇش» ژۇرنىلىغا بېسىلىدۇ، بۇ ژۇرنال بېسىپ ئېلان قىلىنىشى بىلەنلا پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلەر قاتتىق چۆچۈيدۇ.

گەرچە ئۇ چاغلاردا كىشىلەر بۇ خىل كېسەللىكنى يەنىلا چۈشەنمىسىمۇ، لېكىن ئۇلار بىر خىل كېسەللىك ئەمەس، بەلكى «ئالۋاستى»غا يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. كېبىنىڭ ئۆلۈمى دۇنياغا ۋە ھەربىر ئادەمگە ئۆزىنى پاكىز تۇتۇش، بىردەملىك خۇشاللىقنى دەپ ئۆمۈرۋايەت پۇشايمان قىلماسلىقتەك قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بەرگەن.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى