يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر

ئەيدىز ھەققىدە خاتا قاراشلار

سۇمرۇغ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

030815123896000016886854

1-خاتا قاراش: ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىش ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقتۇر.
HIV بولسا ئەيدىز ۋىرۇسىنى كۆرسىتىدۇ، ئەيدىز بولسا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچىنى كۆرسىتىدۇ، ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ 10-2 يىلغىچە، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ۋاقىتتىن كېيىن ئىممۇنىتېت سىستېمىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغاچقا، تەرەققىي قىلىپ ئەيدىز كېسىلىگە ئايلىنىدۇ.
2-خاتا قاراش: پاشا چېقىۋالسىمۇ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىدۇ.
ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشىنىڭ پەقەت ئۈچ خىل يولى بار: جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇش، قان ئارقىلىق يۇقۇش، ئانىدىن بالىغا يۇقۇش. ئادەم بەدىنىدىن ئايرىلغان ئەيدىز ۋىرۇسى ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ، پاشا چېقىۋېلىش قاتارلىق كۈندىلىك ھەرىكەتلەردە يۇقمايدۇ.
ئۈچىنچى خاتا قاراش: گاندون ئەيدىز ۋىرۇسىدىن ساقلىنالمايدۇ.
سۈپىتى ياخشى، مۇنتىزىم زاۋۇتلار ئىشلەپچىقارغان گاندون ۋىرۇستىن پۈتۈنلەي خالىي بولۇپ، جىنسىي ھەرىكەتنىڭ خەتىرىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىدۇ.

030815233353500016886854

4-خاتا قاراش: ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بالىلىق بولسا بولمايدۇ.
ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ھامىلىدار ئاياللار ئەگەر دوختۇرغا ئاكتىپ ماسلىشىپ، توغرا دورا ۋە داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللانسا، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. لېكىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ئانا بالىسىنى ئېمىتسە ئەيدىز ۋىرۇسىنى بالىلارغا يۇقتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن.
5-خاتا قاراش: ھەمجىنىس = ئەيدىز
ئەر ھەمجىنىسلارنىڭ ھەرىكەت ئالاھىدىلىكى ئاسانلا شىللىق پەردە بۇزۇلۇش ۋە ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، لېكىن ھەمجىنىسلىق ئەيدىز بىلەن باراۋەر ئەمەس.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى