يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر

ئالامىتى ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالامىتى بىلەن ئوخشاپ كېتىدىغان كېسەل

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەيدىز ۋىرۇسى دائىم روھىي جەھەتتىن چۈشكۈنلىشىش ۋە ھەرىكەت ئىقتىدارى تۆۋەنلەش بىلەن باغلىنىشلىق بولىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇملانغۇچىنىڭ نېرۋا سىستېمىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، چوڭ مېڭىگە زىيان يەتكۈزۈپ، ئالاقىدار نېرۋىلارنىڭ بىلىش ئىقتىدارىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ (associated neurocognitive disorders)، بۇ خىل كېسەللىك قىسقارتىلىپ HAND دېيىلىدۇ. ئادەتتە HANDنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى تۆۋەندىكى كېسەللىك ئالامەتلىرىدىن ئاز دېگەندە ئىككى تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: دىققىتىنى يىغالماسلىق، خاتىرىسىنى يوقىتىش، باش ئاغرىش، كەيپىياتى داۋالغۇش، خامۇشلۇق، بىئارام بولۇش، ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، ئەس-ھوشى جايىدا بولماسلىق، يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىشى ئىقتىدارى ئاستىلاش، ماسلاشتۇرۇش ۋە تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىزلىشىش، قول-پۇتى ماغدۇرسىزلىنىش.

031010234729700000007059

دىياگنوز قويۇش

HANDنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى نۇرغۇن كېسەللىكلەرنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، شۇڭا دىياگنوز قويۇش ناھايىتى قىيىنغا توختايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كېسەللىك ئالامەتلىرى ھەمىشە ئادەمگە قاراپ پەرقلىق بولغاچقا دىئاگنوز قويۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋېتىدۇ. دوختۇر دىياگنوز قويۇشتىن ئىلگىرى بىمارنىڭ روھىي ھالىتىنى باھالاش، مېڭىسىنى سىكاننېرلاش، ئومۇرتقىسىنى پۇنكىسىيە قىلىش (مېڭە يۇلۇن سۇيۇقلۇقىنى ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش) قاتارلىق تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن.

داۋالاش

ھازىرچە HANDنى ئۈنۈلۈك داۋالاش ئۇسۇلى يوق، ئەڭ ئۈنۈملۈك تىزگىنلەش ئۇسۇلى ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى داۋالاش بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ خىل داۋالاشنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ قاندىكى مىقدارىنى تۆۋەنلىتەلەيدىغانلىقى ئېنىقلاندى. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، HAND بىمارلىرى باشقىلارنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولىدۇ.

 


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى