يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر

ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلاردا پۇت تەمرەتكىسى بولسا باشقىلارغا يۇقامدۇ؟

ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

پۇت تەمرەتكىسى ئادەتتە پۇتتىكى زەمبۇرۇغدىن يۇقۇملىنىشنى كۆرسىتىدۇ، پۇت تەمرەتكىسى زەمبۇرۇغىدىن يۇقۇملىنىش بىر خىل پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا كەڭ تارقالغان دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك بولۇپ، بۇ خىل يۇقۇملىنىش كۆپ خىل ئوخشاش بولمىغان كىلىنىكىلىق تىپلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن پۇت تەمرەتكىسى، بەدەن تەمرەتكىسى، يوتا تەمرەتكىسى، باش تەمرەتكىسى، تىرناق تەمرەتكىسى قاتارلىقلار.

030523501455500016061200

بۇ بىر خىل يۇقۇملۇق كېسەللىك.

1. ئۆزىنىڭ بەدىنىدە يۇقىدۇ، مەسىلەن پۇت تەمرەتكىسى بار كىشىلەر قول بىلەن تاتىلاش ئارقىلىق تەمرەتكە زەمبۇرۇغلىرىنى بەدەننىڭ باشقا قىسىملىرىغا يۇقتۇرىدۇ؛

2. مۇنچا، مېھمانخانا قاتارلىق سورۇنلاردىكى ساپما كەش قاتارلىقلار ئارقىلىق ئادەملەر ئارىسىدا تارقىلىدۇ؛

3. ئائىلە ئەزالىرى ئارىسىدا تېخىمۇ ئاسان يۇقىدۇ، چۈنكى ئائىلە ئەزالىرى شەخسىي تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى دائىم ئورتاق ئىشلىتىدۇ.

تېرە تەمرەتكىسى زەمبۇرۇغى بىلەن يۇقۇملانغاندا، ئەگەر تېرىدىكى زەخمىلەرنىڭ دائىرىسى كەڭ بولسا، پۈتۈنلەي داۋالاپ ساقايتىش ناھايىتى تەس. بۇ شەخسنىڭ تازىلىقى، مەلۇم ئورۇنلارنىڭ يۇقۇملىنىش كېسەللىك مەنبەسىنىڭ بىر قەدەر چوڭقۇر بولۇشى، دورا يېيىشنىڭ قىيىن بولۇشى قاتارلىق ئامىللار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ھورمۇن ئىشلەتكەن ياكى ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ كەتكەن كىشىلەر تېخىمۇ ئاسان يۇقۇملىنىدۇ، مەسىلەن ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار.

ئەيدىز كېسەللىكى ئادەم ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈك ۋىرۇسى يەنى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىقىدىغان ئېرىشمە ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈك كېسەللىكىدىن ئىبارەت. ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى بۇزۇپ، CD4+T لىمفا ھۈجەيرىسىنى ئازلىتىپ مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە، ئادەم تېرىسىنىڭ قىسمەن ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، قىسمەن دائىرىدە ياشايدىغان زەمبۇرۇغلار ئاسانلا ئۇششاق زەخىملىنىش ئارقىلىق يۇقۇملىنىشنى، ھەتتا يۇقۇملىنىشنىڭ پۈتۈن بەدەنگە تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

030523554348600016061200

بۇ خىل يۇقۇملىنىش پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىش دەپ ئاتىلىدۇ، زەمبۇرۇغلار ئادەم بەدىنىدىكى ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈكتىن ئىبارەت بۇ «پۇرسەت»نى تۇتۇۋالىدۇ. كىلىنىكىدا ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسىدە ئېغىر «پۇت تەمرەتكىسى» مەۋجۇت، ئەلۋەتتە ئادەتتىكى كىشىلەردىمۇ بۇ خىل ئەھۋال مەۋجۇت.

ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرىدىكى پۇت تەمرەتكىسى باشقا كىشىلەردىكى پۇت تەمرەتكىسىگە ئوخشاش ئادەم بىلەن ئادەم ئارىسىدا تارقىلىدۇ.

030523571544100016061200

ئەيدىز بىمارلىرىدا پۇت تەمرەتكىسى بولغانلىقتىن، ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش پۇرسىتى كۆپىيىپ، پۇت تەمرەتكىسى ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسىنى باشقىلارغا تېخىمۇ ئاسان تارقىتامدۇ؟ بۇ نۇرغۇن كىشىلەر تېخىمۇ ئەندىشە قىلىدىغان مەسىلە. بىللە تۇرغان كىشىلەر ئىچىدە ئەگەر ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان بىرەيلەندە پۇت تەمرەتكىسى بولسا، ئۇ كىيگەن ئاياغنى باشقىلار كىيسە، بەزىلەر مۇشۇ سەۋەبتىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قېلىشتىن ئەنسىرەيدۇ.

بۇنى ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش يولىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.

ئەيدىز كېسىلىنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەتتىن، قاندىن ۋە ئانىدىن بالىغا يۇقىدىغان ئۈچ چوڭ ئاساسلىق يۇقۇش يولى بار، ۋىرۇسلار تېرە ياكى شىللىق پەردىلەرنىڭ زەخىملىنىشىدىن يۇقۇملىنىدۇ. ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار پۇت تەمرەتكىسى سەۋەبىدىن ئېغىر بولغاندا زەمبۇرۇغ بىلەن يۇقۇملانغان جاراھەت يۈزىدىن قان چىقىپ، مۇھىتتىكى باشقا نەرسىلەرنى بۇلغايدۇ، مەسىلەن، ساپما كەش قاتارلىقلار، ئۇنىڭدىن كېيىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئوخشاشلا تېرىسى زەخىملەنگەن باشقا كىشىلەر بۇ يېڭى قان بىلەن يارا ئېغىزى ئۇچراشسا يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى بار، شۇڭا كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا تېرىمىز زەخىملىنىپ، قان بار جىسىملارنىڭ سىرتقى يۈزىگە تېگىش ئېھتىمالى بولغاندا، يارىمىزنى ئاسراشقا دىققەت قىلىپ، بۇ خىل تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك.

030600011896800016061200

ئېھتىياتسىزلىقتىن ئۇچراشقاندىن كېيىن دىققەت قىلىش كېرەك

1. يۇيۇش ۋە دېزىنفېكسىيەلەش، ئادەتتە ئېقىن سۇدا يۇيۇش ياكى سوپۇن، ئەتىر سوپۇنلار بىلەن تېرە يۈزىدىكى يېپىشىۋېلىش ئېھتىمالى بولغان پاسكىنا نەرسىلەرنى تەلتۆكۈس تازىلىۋەتكەندە، بۇ خىل يۇقۇملىنىشتىن ئەڭ زور دەرىجىدە ساقلانغىلى بولىدۇ؛

2. سىرتقا چىققاندا بىر قېتىملىق ساپما كەش ياكى شەخسىي تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ئىشلىتىش كېرەك.

3. ۋاننا، پۇت دېسى، يۇيۇنۇش كۆلچىكىنى ئىشلىتىشكە توغرا كەلگەندە، چوقۇم تەكشۈرۈش، دېزىنفېكسىيە قىلىپ ئاندىن خاتىرجەم ئىشلىتىش كېرەك.

ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن كىچىك، ئېتىبارغا ئېلىنمىسىمۇ بولىدۇ؛ بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تاشقى دۇنيادا ئۇزاق مۇددەت ياشىيالمايدىغانلىقىدا، بولۇپمۇ قۇرغاق جىسىمنىڭ سىرتقى يۈزىدە ۋىرۇسنىڭ ياشاش مۇھىتى ۋە ئېھتىياجلىق بولغان پارازىتلىق ھۈجەيرىلىرى كەمچىل بولغانلىقتىن، ئۇزاق ئۆتمەي ئۆزلۈكىدىن يوقىلىدۇ ياكى يۇقۇملىنىش ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ.

030600031638200016061200

كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئەيدىز كېسەللىكىدىن قورقىدىغان بەزى كىشىلەر دائىم ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئىشلەتكەن نەرسىلەرنى ئىشلىتىشتىن قورقىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاممىۋى سورۇنلارنى دېزىنفېكسىيە قىلىش، تازىلىق تەدبىرلىرىدىن خاتىرجەم بولالماي، كۆڭلىدە گۇمان تۇغۇلسا، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى شەخسىي تازىلىق قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شەخسىي تازىلىق بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىش.

ئەگەر بەزى تاسادىپىيلىقلار يۈز بېرىپ، بۇ خىل خەۋپتىن ئەندىشە قىلسا، ئۈچ-ئالتە ھەپتىدىن كېيىن ئەيدىز كېسىلى ئانتىتېلاسىنى تەكشۈرتۈش كېرەك.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى