ئەرلەر دۇنياسى

ئەرلەردىكى بۇ سەككىز خىل بىنورمال ئاغرىق راك كېسىلىدىن بېشارەت

 

ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىزدە 40 ياشتىن كېيىن راك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى تېز ئاشقان، 80 ياشقا كىرگەندە يۇقىرى پەللىگە يەتكەن، 85 ياشقا كىرگەندە بىر ئادەمنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى%36 بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئەرلەرنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى باشقا كىشىلەر توپىدىن يۇقىرى بولغان، چۈنكى خىزمەت بېسىمى ئېغىر بولۇش، تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش قاتارلىق سەۋەبلەر ئاسانلا راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

031014230762500010953168

ئەرلەرنىڭ بەدىنىدە بۇ سەككىز خىل كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەندە، راكنىڭ ھۇجۇم قىلىشىدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك.
1. بەدەن ئاغرىش
ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ بەدەن ئاغرىقى كۆپىيىدۇ. ئەمما بەدەننىڭ مەلۇم بىر يېرىدە تۇيۇقسىز ئاغرىق پەيدا بولۇپ بىر ھەپتىدىن ئارتۇق داۋاملاشقاندا، سەۋەبىنى تېزدىن ئېنىقلاش كېرەك.

031014232083200010953168

2. ئۇرۇقدان ئۆزگىرىشى
ئۇرۇقدان راكى كۆپ يۈز بېرىدىغان ياش باسقۇچى 39-20 ياشقىچە بولىدۇ. ئەرلەر ھەر ئايدا ئۇرۇقداننىڭ ئەھۋالىنى، جۈملىدىن ئۇرۇقداننىڭ چوڭ-كىچىكلىك ئۆزگىرىشى، كۆرۈنەرلىك يوغىناش ياكى كىچىكلەش، ئۇرۇقدان خالتىسىدا تۈگۈنچە پەيدا بولۇش، ئۇرۇقدان خالتىسى ساڭگىلاپ ئاغرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەكشۈرۈشلەرنى قىلىشى، مەسىلە بولسا ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈشى كېرەك.

3. لىمفا تۈگۈنىنىڭ ئۆزگىرىشى
لىمفا تۈگۈنى ئىششىش نۇرغۇن راك كېسەللىكىنىڭ تىپىك ئالامەتلىرى، شۇڭا ئەگەر بەدەندە لىمفا تۈگۈنى ئىششىش ئەھۋالى بولسا، چوقۇم ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈشى كېرەك.

031014233278200010953168

4. چارچاش ھېس قىلىش
ئادەتتە ھارغىنلىق ھېس قىلىش راك كېسىلىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ بېشارىتى، ئەمما ئاق قان كېسىلى، ئۈچەي راكى ۋە ئاشقازان راكىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كېسەللىك قوزغالغان دەسلەپكى مەزگىلدە ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ. ئادەتتىكى چارچاشتا ئارام ئالسا ياخشى بولۇپ قالىدۇ، راك كېسىلىنىڭ ھارغىنلىقى قانداق ئارام ئېلىشتىن قەتئىينەزەر، ياخشىلىنىشى ناھايىتى تەس.
5. تېرە ئۆزگىرىشى
تېرىدە تۇيۇقسىز مونەك پەيدا بولۇش ياكى پىگمېنت ئولتۇرۇشۇش كۆرۈلسە، ھەمدە ئۆزگىرىش روشەن بولسا، بۇلارنىڭ ھەممىسى تېرە راكىنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن.

031014235817500010953168

6. يۇتۇش قىيىنلىشىش
يۇتۇش قىيىن بولۇش دېگىنىمىز ئادەتتە تاماق يېگەندە تۆش سۆڭەك كەينى ئاغرىش، قىزىلئۆڭگەچتە يات ماددا سېزىمى بولۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇزۇن مەزگىللىك يۇتۇش قىيىنلىشىش كېكىردەك راكى، قىزىلئۆڭگەچ راكى ۋە ئاشقازان راكىنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنى قىلدۇرۇش كېرەك.

031014261219000010953168

7. قىزىش
قىزىش گەرچە ناھايىتى كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامىتى بولسىمۇ، ئەمما تۇيۇقسىز قىزىش ھەمدە ئادەتتىكى داۋالاشتىن كېيىن يەنىلا ياخشىلانمىغان قىزىشتىن چوقۇم ئېھتىيات قىلىش كېرەك.

031014241660200010953168

8. بەدەن ئېغىرلىقى يېنىكلەش
ئەگەر بىر ئاي ئىچىدە ھەرىكەت مىقدارىنى ئاشۇرمىغان، ھەم يېمەك-ئىچمەكنى ئازايتمىغان ئ‍اساستا، بەدەن ئېغىرلىقى ئويلىمىغان يەردىن %10 تۆۋەنلەپ كەتسە، ئۇنداقتا ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

031014254365600010953168

ئەرلەرنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتىشىغا ياردەم بېرىدىغان تۆت ئادەت:
ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلى گەرچە چوقۇم راك كېسىلىگە گىرىپتار بولمايدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلالمىسىمۇ، ئەمما ئۇ چوقۇم راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ:.
1. تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىشنى ئازايتىش؛
2. يېمەكلىك تالاسىنى مۇۋاپىق قوبۇل قىلىش؛
3. كۆپ ئولتۇرۋالماسلىق، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش؛
4. زىيادە چارچاشتىن ساقلىنىش؛


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى