ئەرلەر دۇنياسى

ئەرلەردىكى تېز قېرىپ كېتىشنىڭ سەۋەبى ۋە ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

كىشىلەر دائىم يىللار كىشىنى قېرىتىدۇ، ھەربىر ئادەم يىللار ئېلىپ كەلگەن ۋەيرانچىلىقتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ دېيىشىدۇ. تۇرمۇش رىتىمىنىڭ يەنىمۇ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئەرلەرنىڭ بەرداشلىق بېرىدىغان بېسىممۇ بارغانسېرى ئېشىپ، قېرىش قەدىمىمۇ تەدىرىجي تېزلىشىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ تۇرمۇشتىكى ناچار ئادەتلەر ئۇلارنى ياش يىگىتتىن «مايلىق تاغا»غا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.

021814172140100016573128

قايسى ئامىللار ئەرلەرنىڭ قېرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىدۇ؟

1. بېسىم بەك چوڭ بولۇش

ھەر قايسى قاتلاملارنىڭ ئۆزىگە خاس بېسىمى بولىدۇ، بولۇپمۇ ئەرلەر قىممەت ئۆي قەرزى ۋە ئاپتوموبىل قەرزىنى زىممىسىگە ئېلىش، ئائىلىسىنى بېقىش، مۇرەككەپ كىشىلىك مۇناسىۋەتكە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق كۆپلىگەن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئۇزاق مۇددەت يۇقىرى بېسىم ئىچىدە تۇرۇپ، روھىي ھالىتىنى بوغۇپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى قېرىش سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرۋېتىدۇ.

2. قالايمىقان يېمەك-ئىچمەك

كۆپىنچە ئەرلەر تۇزلۇق، مايلىق ۋە ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇنداق ئادەت گەرچە تەم سەزگۈسىنى قانائەتلەندۈرگەن بىلەن بۆرەك، جىگەر ۋە ئاشقازان-ئۈچەيگە زىيان يەتكۈزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۇقىرى قان بېسىم، دىيابېت كېسىلى ۋە قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

021814192726300016573128

ئەرلەر قانداق قىلىپ قىلغاندا قېرىشنى كېچىكتۈرەلەيدۇ؟

1. تاماكىنى تاشلاپ، ھاراقنى چەكلەش

20 ~ 30 ياشقىچە بولغان مەزگىل ئەرلەرنىڭ كەسىپتە كۈرەش قىلىش باسقۇچى بولۇپ، كۈندىلىك كۆڭۈل ئېچىش ۋە ھاراق ئىچىش پۇرسىتى كۆپ بولىدۇ. ھاراقنى ئىمكانقەدەر ئاز ئىچىش كېرەك، چۈنكى ئىسپىرت ھەممە ئېتىراپ قىلغان راك پەيدا قىلغۇچى ماددا بولۇپ، كېكىردەك راكى، ئېغىز بوشلۇقى راكى ۋە جىگەر راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ؛ ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تاماكا چېكىشكە بولمايدۇ، تاماكا تەركىبىدە ناھايىتى كۆپ زەھەرلىك راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار بولۇپ، ئاسانلا يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە ئۆپكە راكىنى پەيدا قىلىدۇ.

2. يېمەك-ئىچمەكنى تەڭشەش

تەشەببۇسكارلىق بىلەن سۇ ئىچىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، ھەر كۈنى ئاز دېگەندە 1500 ~ 2000 مىللىلىتىر سۇ ئىچىش، كۆپ سۇ ئىچىپ، كۆپ سىيىش ئارقىلىق مەزى بېزى ۋە بۆرەكنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ. ئۈچ ۋاق تاماقنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، بەك تويۇپ كەتمەسلىك، ھەددىدىن زىيادە كۆپ يەپ-ئىچمەسلىك لازىم.

3. مۇسكۇللارنى كۆپ چېنىقتۇرۇش

ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئەرلەرنىڭ مېتابولىزم سۈرئىتى ئاستىلايدۇ، ئادەتتە تەنتەربىيە چېنىقىشىغا كۆپرەك قاتنىشىش، مەسىلەن، تېز مېڭىش، مىنىش، ئاستا يۈگۈرۈش، قورساق قاتلاش ۋە يەر بېغىرلاش قاتارلىق ھەرىكەتلەر ئارقىلىق مۇسكۇللارنى چېنىقتۇرۇپ، مۇسكۇللارنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇش. ھەر كۈنى ئومۇمىي ئىسسىقلىقنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى كونترول قىلىش، يەتتە ئۈلۈش تويۇپ يېيىش، ئامال بار بەدەن ئېغىرلىقىنى نورمال دائىرە ئىچىدە كونترول قىلىش كېرەك.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

ئەرلەر ئۆزىنىڭ ياشلىقىغا تايىنىپ جىسمانىي كۈچى ۋە زېھنىي كۈچىنى خوراتماسلىقى، چوقۇم قانۇنىيەتلىك دەم ئېلىشى، تۈنەشنى ئازايتىشى كېرەك. كەيپىياتنى ياخشى باشقۇرغاندا، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىگە ھال ئېيتىش، ھەرىكەت قىلىش ۋە قىزىقىش يېتىلدۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق بېسىمنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ، ئۆزىڭىزگە بەك بېسىم قىلىۋالماڭ، ھەرقانداق ئىشتا مادارىغا قاراپ ئىش قىلسىڭىزلا بولىدۇ.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى