ساغلاملىق بىلىملىرى

ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان ياشانغانلارنى دائىم ئۇۋۇلاپ بېرىش كېرەك

توۋتياۋ تورى خەۋىرى،نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئېغىر سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان، پالەچ، يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ياكى سۆڭىكى سۇنغان ياشانغانلار ئورنىدىن تۇرۇپ ھەرىكەت قىلالمىغاچقا، پەقەت كارىۋاتتا يېتىپ ئارام ئالىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كارىۋاتتا يېتىش ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن بولۇپ، ئائىلىسىدىكىلەر ھالىدىن خەۋەر ئالغاندا، كۆپىنچىسى ئۇلارنى ئۆرۈپ قويۇشنى، دۈمبىسىگە ئۇرۇپ قويۇشنى ئويلايدۇ.

ئەمەلىيەتتە، ئۆرۈلۈش، دۈمبىسىگە ئۇرۇپ قويۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ، كارىۋاتتا يېتىپ قالغان ياشانغانلارنى ئۇۋۇلاشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ كېسەلنىڭ ساقىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كارىۋاتتا يېتىش ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنى ئازايتىپلا قالماي، يەنە ئائىلىدىكىلەر ئارىسىدىكى ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

012523525497900016061200

ياشانغانلار ئۇزاق مۇددەت ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالسا، گەرچە ھەرىكەتنىڭ بەدەننى غىدىقلىشىنى ئازايتىپ، كېسەلنىڭ قايتا قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولسىمۇ، لېكىن ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، مۇسكۇل سۆڭەك سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىپ، مۇسكۇل يىگىلەش، بوغۇم تارتىشىپ قېلىش ۋە سۆڭەك شالاڭلىشىش قاتارلىق مەسىلىلەر يۈز بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە يىغىلىپ قېلىش خاراكتېرلىك ئۆپكە ياللۇغى، چوڭقۇر ۋېنا قان نوكچىسى، كۆرپە يارىسى، قەۋزىيەت قاتارلىق ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

012523544048300016061200

ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان ياشانغانلارغا قارىتا بەلگىلىك چېنىقتۇرۇش ۋە ئۇۋۇلاش ئېلىپ بارغاندا، بوغۇملارنىڭ قېتىپ قېلىشى، مۇسكۇللارنىڭ يىگىلىشى ۋە كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، مۇسكۇللارنىڭ ئۇزاق مۇددەت تورمۇزلىنىش ھالىتىدە تۇرۇشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

كارىۋاتتا يېتىپ قالغان ياشانغانلارغا، بىرىنچىدىن، كارىۋاتتا پاسسىپ گىمناستىكا قىلىش (بوغۇم ئۇۋۇلاش) تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

يۇقىرى بەدەننىڭ ھەر قايسى بوغۇملىرى مەسىلەن، مۈرە، جەينەك، بېغىش، بارماق، تۆۋەنكى بەدەننىڭ، مەسىلەن ئومۇرتقا تۈۋرۈكى، تىز، ئوشۇق، پۇت بارماقلىرى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا ئالدى، كەينى، ئوڭ- سول، ئاستى-ئۈستى.

ئۇۋۇلاش تەرتىپى چوڭ بوغۇمدىن كىچىك بوغۇمغىچە بولىدۇ، ئۇۋۇلاش دائىرىسى ئېگىش، سوزۇش، ئايلاندۇرۇش، ھەر قايسى بوغۇملارنى ئۈچ قېتىمدىن بەش قېتىمغىچە، ھەر كۈنى بىر قېتىمدىن ئىككى قېتىمغىچە ئۇۋۇلايدۇ.

ئۇۋۇلاش سۈرىتى ئاستا، ئۇسۇلى سىلىق، تەدرىجىي ئىلگىرىلەش كېرەك.

ئىككىنچى، قورساقنى ئۇۋۇلاش.

ياشانغانلارنى ئوڭدا ياتقۇزۇپ، باققۇچىلار قولىنىڭ ئالىقان مۇسكۇلى ئارقىلىق، ياشانغانلارنىڭ كىندىك ئەتراپى 10 سانتىمېتىر دائىرىدە، سائەت ئىسترېلكىسىنىڭ يۆنىلىشى بويىچە ھالقىسىمان ئۇۋۇلاش كېرەك.

بارماقنى ئاستا ـ ئاستا كۈچەيتىپ، يېنىك ئىتتىرىپ، ئۇۋىلاش، ھەر قېتىمدا 10 مىنۇتتىن 15 مىنۇتقىچە، ئاستا سۈرەتتە ئۇۋىلايدۇ

ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ۋە سەھەردە ئاچ قورساق ۋاقىتتا بىر قېتىمدىن ئۇۋۇلاش كېرەك.

قورساقنى ئۇۋۇلاش ياشانغانلارنىڭ ئۈچەي يولىنىڭ رىتىملىق قىسقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈچەي يولىدىكى سۇنىڭ قايتا سۈمۈرۈلۈشىنى ئازايتىپ، چوڭ تەرەتنى يۇمشىتىپ، قەۋزىيەتنى ئازايتىدۇ.

ئۈچىنچى، پۇتنىڭ ئاستى قىسمىنى ئۇۋۇلاش.

ھەر كۈنى كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن ياشانغانلارنى 39 سېلسىيە گىرادۇستىن 42 سېلسىيە گىرادۇسقىچە ئىسسىق سۇدا پۇتىنى يۇيغۇزۇپ، پۇتىنىڭ تېگىنى بىرلەشتۈرۈپ ئۇۋۇلاش كېرەك.

پۇتنى 30 مىنۇت چىلىغاندىن كېيىن، باش بارماق بىلەن ياشانغانلارنىڭ تاپان، پۇتنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئوتتۇرا تۆۋەن قىسمىنى ئۇۋۇلاش كېرەك.

ئادەمنىڭ ئىككى پۇتىدا ھەر قايسى ئىچكى ئەزالار بىلەن ماس كېلىدىغان رېفلېكسلىق رايون مەۋجۇت بولۇپ، ئىسسىق سۇغا پۇتنى چىلاپ ۋە ئۇۋۇلاپ بەرگەندە، بۇ رېفلېكسلىق رايونلارنى غىدىقلاپ، ئادەم بەدىنىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسىنى تەڭشەپ، ئەزالارنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.

پۇت چىلاش ئىمكانىيىتى يوق بىمارلارغا لۆڭگىنى قىزىق سۇغا چىلاپ پۇتنى ئوراپ بەرسىمۇ بولىدۇ.

يۇقىرىقى ئۇۋۇلاشنى داۋاملاشتۇرغاندا كارىۋاتتا يېتىپ قالغان ياشانغانلارنىڭ پەيلىرنى بوشىتىپ، تومۇرلىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىچكى ئەزالارنىڭ ئىقتىدارىنى تەڭشەپ، بوغۇملارنى سىلىقلاپ، كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى