
بىر ياشلىق ئەن ئەن يېقىندىن بۇيان دائىم قەۋزىيەت بولۇپ، ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەچكە تەرىتى قوينىڭ مايىقىدەك چىقاتتى. ئاپىسىنىڭ ئىچى ئاغرىپ دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتكەندىن كېيىن، دوختۇر «سۈت پاراشۇكى زىيادە قويۇق دەملەنگەچكە قەۋزىيەت بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن» دېگەن.
ئادەتتىكى ئەھۋالدا، بالىلارغا تەييارلانغان سۈت پاراشوكىنى دەملەش نىسبىتى بىر قوشۇق سۈت پاراشوكىغا 30ml لىق ئىلمان قايناقسۇ قوشۇلىدۇ، بەزى ئانىلار بالىنىڭ ئاشقازىنى كىچىك دەپ قاراپ قويۇقراق دەملەشنى ئويلايدۇ. بۇنداق قىلغاندا بوۋاقتا ئاسانلا ئاشقازان-ئۈچەي بىئارام بولۇش ياكى قەۋزىيەت، ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، ئاتا-ئانىلار سۈت پاراشوكىنى بەلگىلەنگەن نىسبەت بويىچە دەملەشكە دىققەت قىلىشى، قويۇقلۇقىنى خالىغانچە ئۆزگەرتمەسلىكى، زۆرۈر تېپىلغاندا بالىلارغا سۇ تولۇقلاپ بېرىشى كېرەك.
بالىنىڭ سۇ كەمچىل ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىشتا، سۈيدۈكنىڭ رەڭگىگە قاراش كېرەك.
ئەگەر ئاتا-ئانىلار ئالتە ئايلىق بوۋاقلارنىڭ سۈيدۈكىنىڭ سارغىيىپ كەتكەنلىكىنى بايقىسا ياكى قەغەز زاكىدىكى سۈيدۈكنىڭ سارغىيىپ كەتكەنلىكىنى بايقىسا، بوۋاقتا سۇ كەمچىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، شۇڭا مۇۋاپىق مىقداردا سۇ تولۇقلاش كېرەك.
12 ئاي ئىچىدە، ھەر كۈنى 30 مىللىلىتىردىن 60 مىللىلىتىرغىچە ئىلمان سۇ ئىچسە بولىدۇ، بالىنىڭ بېشىنى چايقاپ رەت قىلغانلىقىنى بايقىغاندا، قايتا ئېمىتمىسىمۇ بولىدۇ.
بالا بىر ياشقا كىرگەندىن كېيىن چوڭلارغا ئوخشاش كۆپرەك سۇ ئىچىپ بەرسە، قەۋزىيەت بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
ئەگەر ئالتە ئاي ئىچىدە بوۋاقتا قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش ھەتتا قىزىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، مۇۋاپىق مىقداردا سۇ تولۇقلاش كېرەك. بوۋاقنىڭ ئاغزى قۇرۇپ، ئىزچىل سۇ ئىچىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، ئەڭ ياخشىسى دوختۇردىن سۇسىزلىنىپ كەتكەن-كەتمىگەنلىكى، سۇيۇقلۇق تولۇقلايدىغان تۇز ئىچىش ھەققىدە مەسلىھەت سوراش كېرەك.
تارىختىكى بۈگۈندە:
- 2021: تۇرمۇشتىكى كۆپ ئۇچرايدىغان 30خىل كىسەلگە شىپا يەرلىك رېتسىپلار(0 باھا بار )
- 2021: تەربىيە كۆرگەن بالىنى يىتىشتۈرۈپ چىقىشنىڭ ئاچقۇچى بۇ3ئىشنى ياخشى(0 باھا بار )
- 2021: ئۆپكىگە كارامەت شىپا قىلىدىغان، ياشارتىدىغان 8 يېمەكلىك(0 باھا بار )
- 2021: 12 خىل بىشارەتتىن ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىشقا ھۆكۈم قىلىش(0 باھا بار )
- 2021: ئاچچىقلانغاندا 10 چوڭ ئەزادا كۆرۈلىدىغان ئۆزگىرىش(0 باھا بار )