بالىلار ساغلاملىقى

بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئەڭ زەخىملەندۈرىدىغان بىر قانچە ئىش

سىنا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بوۋاقنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئالتە ئاي بولغان ۋاقىتتىن باشلاپ يېتىلىشكە باشلايدۇ، بۇ جەريان تۇغۇلغاندىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدۇ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ، ناھايىتى زور ئېنىقسىزلىققا ئىگە بولىدۇ، بالىلار يېتىلىپ 4 ~ 5 ياشقا بارغاندا كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىملىشىدۇ، سەككىز ياشقا كىرگەندە كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئاساسىي جەھەتتىن ئاخىرلىشىدۇ.

012122561646300011107372

تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، ئەمدىلا باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەن بالىلارنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك نىسبىتى %9 ئەتراپىدا بولۇپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگىچە، يىراقنى كۆرەلمەسلىك نىسبىتى %75كە يېقىنلاشقان، 800 گىرادۇستىن يۇقىرى بولغان يىراقنى كۆرەلمەسلىك نىسبىتى %2كە يەتكەن.

بەش ياشتىن ئىلگىرى بوۋاقلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ناھايىتى ئاجىز بولغاچقا، يېنىك غىدىقلاشلارنىڭ ھەممىسى خەتەر ۋە بۇزغۇنچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، شۇڭا ئاتا-ئانىلار بۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىپ، تۆۋەندىكى بىر قانچە ئىشنى ھەرگىز قىلماسلىقى كېرەك.

012122563079400011107372

1. مۇقىم قويۇلغان بۇيۇملار
بوۋاق يېڭى تۇغۇلغاندا بارلىق شەيئىلەرگە قىزىقىدۇ، بولۇپمۇ كۆزگە ئاسان چېلىقىدىغان بەزى نەرسىلەر ئۇلارنى ئۇزاق ۋاقىت تىكىلىپ قاراشقا تېخىمۇ جەلپ قىلىدۇ.
ئەگەر بوۋاقنىڭ كۆز دائىرىسى ئىچىدىكى نەرسىلەرنىڭ تىزىلىشى بەك مۇقىم بولۇپ كەتسە، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى كۆز ئالمىسىنىڭ ئايلىنىشى كەمچىل بولۇپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن.

0123145736916000000000000153

2. كېچىلىك چىراغ ئىشلىتىش
گەرچە كېچىلىك چىراغنىڭ نۇرى ئانچە كۈچلۈك بولمىسىمۇ، ئەمما كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىز بوۋاقلارغا نىسبەتەن بىر خىل غايەت زور غىدىقلاش ھېسابلىنىدۇ.
ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتكەندە ئۇلارنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر يېتىپلا قالماستىن، كۆرۈش قۇۋۋىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، بولۇپمۇ نۇرى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن كېچىلىك چىراغنىڭ زىيىنى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ.

012122563753800011107372

3. مۇنچىنىڭ ئىسسىنىش چىرىغىنىڭ غىدىقلىشى
ئاتا-ئانىلار قىش كۈنلىرى بالىلارنى يۇيۇندۇرغاندا سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن قورقىدۇ، شۇڭا كۆپ ساندىكى ئاتا-ئانىلار ئىسسىنىش چىرىغىنى ئاچىدۇ، ئۇنىڭ كۈچلۈك نۇرىنىڭ كۆزنى غىدىقلىشى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، كۆزىنىڭ يېتىلىشى مۇكەممەل بولمىغان بالىلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن زىيانلىق، تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، ھەر يىلى بۇ سەۋەبتىن بوۋاقلارنىڭ كۆزى زەخىملىنىدىغان مىساللار ئاز ئەمەس، شۇڭا ئاتا-ئانىلار بۇنىڭغا چوقۇم ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ كۆزىنى ئاسىراش ئۈچۈن يۇقىرىقى ئۈچ خىل قىلمىشتىن ساقلىنىشتىن باشقا، يەنە تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك:

0123145848469000000000000153

1. تازىلىققا دىققەت قىلىش
كۆزنىڭ ئەتراپىدا ئاسانلا بىر قىسىم مەينەت نەرسىلەر پەيدا بولىدۇ، بۇلار كۆرۈش قۇۋۋىتىگە بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭلاشقا كۆز ئەتراپىنى ۋاقتىدا تازىلاش ئىنتايىن مۇھىم.

2. كۈچلۈك نۇرنىڭ غىدىقلىشىدىن ساقلىنىش
بوۋاقنىڭ قىزىقىشىنىڭ چېكى بولمايدۇ، ئازدۇر-كۆپتۇر نۇرغا قىزىقىدۇ، دائىم يورۇق جايغا تىكىلىپ قاراپ تۇرغاندا، بۇ خىل ئەھۋال كۆزگە بىر قەدەر چوڭ تەسىر پەيدا قىلىپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
3. كۆزنى مۇۋاپىق دەم ئالدۇرۇش
تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، كۆزنى يېرىم سائەتتىن ئارتۇق ئىشلەتكەندە، كۆز ئېچىشىش ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن، بۇنىڭغا ئەگىشىپ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىشىدىكەن. مەيلى قانداق ئىش قىلىشتىن قەتئىينەزەر، كۆزنى يېرىم سائەتتىن ئارتۇق ئىشلەتكەندە، ئاتا-ئانىلار بالىلارغا ۋاقتىدا ئارام ئېلىشنى، كۆزنى ئەركىن تۇتۇشنى ئەسكەرتىشى كېرەك. بۇنداق قىلىش يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپلا قالماستىن، يەنە ياخشى بولغان كۆز ئىشلىتىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى