بالىلار ساغلاملىقى

بالىلارنىڭ يىراقنى كۆرەلمەس بولۇپ قېلىشىنىڭ سەۋەبلىرى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا: ئېلىمىزدە ھازىر يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار 600 مىليونغا يەتكەن، ياش- ئۆسمۈرلەر دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئ‍ورۇندا تۇرىدۇ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېقىننى كۆرەلمەسلىك نىسبىتى %40 كە يېقىنلاشقان.

2021011212550770996

بالىنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە قانداق ھۆكۈم قىلىش كېرەك؟
بالىدا تۆۋەندىكى توققۇز خىل كېسەللىك ئالامىتىنىڭ بىر خىلى ياكى بىر نەچچە خىلى بايقالغاندا، ئۇنىڭ دەسلەپكى يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ـ بولمىغانلىقىنى ئويلىشىش، بالدۇرراق تەكشۈرتۈپ، داۋالاشنى كېچىكتۈرۈشتىن ساقلىنىش كېرەك:
1. جىسىملارنى كۆرگەندە دائىم كۆز قىسىۋېلىش؛
2. كۆزنى كۆپ چىمىلدىتىش؛
3. دائىم كۆزىنى ئۇۋۇلاش؛
4. دائىم بېشىنى مايماق قىلىپ جىسىملارغا قاراش؛
5. دائىم قوشۇمىسىنى تۈرۈش؛
6. نەرسىلەرگە قارىغاندا ئالىغاي بولۇپ قېلىش؛
7. نەرسىلەرگە قارىغاندا شۇ نەرسىنى كۆزىگە يېقىن تۇتۇش؛
9. دائىم ئادەمنى خاتا كۆرۈپ قېلىش ياكى نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلمەسلىك؛

بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئۆلچىمى: نورمال بالىلارنىڭ بىر كۆزىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئۆلچىمى تۆۋەندىكىچە:

ئۈچ ياش> =0.5؛ تۆت ياش> =0.6؛ 5 ـ 6 ياش> =0.7.

c4019f7f56934da791ed1914cb89d71f

كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلىتىدىغان يەتتە باش جىنايەتچى
1. چىراغ نۇرى مۇۋاپىق بولماسلىق
ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ئاتا ـ ئانىلار چىراغ نۇرىنىڭ يورۇق بولۇش ـ بولماسلىقىدىن ئەنسىرەيدۇ؟ بەك قاراڭغۇ بولسا بالىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، زىيادە كۈچلۈك نۇر بالىلارنىڭ كۆزىنى ئاسانلا چارچىتىپ قويىدۇ. كۆز ئالمىسى ئۇزۇن مۇددەت چىراغ نۇرى ئاستىدا ئوچۇق تۇرسا، نۇرنىڭ كۆزنى غىدىقلىشى ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىپ، كۆز ئالمىسى ۋە كىرپىكسىمان مۇسكۇل تولۇق ئارام ئالالماي، كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ھەل قىلىش ئۇسۇلى: بالىلار ئېھتىياجلىق بولغىنى يېقىملىق نۇر، ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرنىڭ بالىنىڭ سول ئالدى تەرىپىدىن كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

01121248281589625

2. تاتلىق يېمەكلىكلەر
تاتلىق يېمەكلىكلەر، كاربونات كىسلاتالىق ئىچىملىكلەر تەركىبىدىكى قەنت مىقدارىنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى ماددا ئالماشتۇرۇشى كۆپ مىقداردىكى ۋىتامىن B1 گە ئېھتىياجلىق بولىدۇ ھەمدە بەدەندىكى كالتسىينىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ، كالتسىي بولسا كۆز قىسىم توقۇلمىلىرىنىڭ «قوغدىغۇچىسى» بولۇپ، بەدەندە كالتسىي كەمچىل بولسا، كۆزنىڭ كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ ئېلاستىكلىقى تۆۋەنلەپ، يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلى ئ‍ېغىرلىشىدۇ.
ھەل قىلىش ئۇسۇلى: تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش ياكى يېمەسلىك، سۈتنى كۆپ ئىچىش، سۈت كالتسىي تولۇقلاپ، تەبىئىي ھالدا كۆز توقۇلمىلىرىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.
3. شاۋقۇن
شاۋقۇن ئاڭلاش ئەزالىرىغا تەسىر كۆرسەتكەندە، نېرۋا سىستېمىسىنىڭ تەسىرى ئارقىلىق كۆرۈش ئەزالىرىغا تەسىر كۆرسىتىپ، كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەيدۇ.
ھەل قىلىش ئۇسۇلى: مەيلى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ئىشلەتكەندە ياكى گەپ قىلغاندا بولسۇن، ئامال بار ئاۋازنى تۆۋەنلىتىش كېرەك.

01121248574494050

4. پىيانىنونى بەك بالدۇر ئۆگىنىش
ئادەتتە ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ كۆز ئالمىسىنىڭ يېتىلىشى ئالتۇن مەزگىلدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، بالىلارنىڭ كۆرۈش سېزىمى تېخى تولۇق يېتىلمىگەن بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە پىيانىنو نوتىسىنىڭ خېتى ئادەتتە بىر قەدەر كىچىك بولۇپ، بالىلار پىيانىنو مەشىق قىلىش جەريانىدا بىر تەرەپتىن پىيانىنو نوتىسىنى كۆرسە، يەنە بىر تەرەپتىن كۇنۇپكا تاختىسىغا قارايدۇ، بەك بالدۇر ساز مەشىق قىلسا بالىلاردا يىراقنى كۆرەلمەسلىك نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ.
ھەل قىلىش ئۇسۇلى: ساز نوتىسىنى سۇس يېشىل رەڭلىك قەغەزگە چوڭايتىپ بېرىش، ھەر 45 مىنۇت مەشىق قىلغاندا ئون نەچچە مىنۇت ئارام ئېلىپ، كۆز ئاسراش گىمناستىكىسى ئ‍ويناش، يىراققا قاراپ بېرىش.

01121247592654945

5. كۆز ئىشلىتىشتىكى ناچار ئادەتلەر
ناچار بولغان كۆز تازىلىق ئادىتىنىڭ كۆزگە بولغان قىرغىن قىلىش كۈچى ناھايىتى چوڭقۇر. بالىلارنىڭ ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى ناچار، توغرا بولغان كىتاب كۆرۈش، خەت يېزىش قىياپىتىگە دىققەت قىلمايدۇ، پارتا ـ ئورۇندۇقلارنى ماسلاشتۇرۇشى توغرا ئەمەس، يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشى يېتەرلىك ئەمەس، ئۆز كۆزىگە مەسئ‍ۇل بولۇش ئېڭى يوق.
ھەل قىلىش ئۇسۇلى: بالىلارنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى كۈچەيتىش، بالىلارغا قولىنى پات ـ پات يۇيۇپ تۇرۇشنى ئۆگىتىش، بالىلاردىكى توغرا بولمىغان خەت يېزىش ۋە كىتاب كۆرۈش تۈزىتىش.

01121249571263165

6. ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق
سەۋەبى: ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى بالىنىڭ پۈتۈن بەدىنىدىكى ئۆسۈملۈك نېرۋا ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كۆزنىڭ قىسمەن سىمپاتىك ۋە پاراسىمپاتىك نېرۋا ئىقتىدارىنىڭ بۇزۇلۇشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، كىرپىكسىمان مۇسكۇلنىڭ تەڭشەش ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى پاتولوگىيەلىك ئاساس.
ھەل قىلىش ئۇسۇلى: بالىلارنىڭ ئۆگىنىش بېسىمىنى مۇۋاپىق يېنىكلىتىپ، قېنىپ ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بالىلارنىڭ چۈشلۈك ئۇخلاش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك.
7. دائىم يۇمشاق يېمەكلىكلەرنى يېيىش
ئۇزاق مۇددەت يۇمشاق يېمەكلىكلەرنى يېگەندە، چىشنىڭ چايناش ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىسىز بولۇپلا قالماي، يەنە كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ يېتىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ. چەتئەلدىكى سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، دائىم چۆپ قاتارلىق يۇمشاق يېمەكلىكلەرنى يەيدىغان كىشىلەرنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن.
ھەل قىلىش ئۇسۇلى: ئاتا ـ ئانىلار ئادەتتە بالىلىرىغا قاتتىق يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن: سەۋزە، چېچەكسەي، مېۋە ـ چېۋە قاتارلىقلارنى كۆپرەك يېگۈزۈشى كېرەك.

1b1cbcc84922493e9379509afe18449f

بۇ ئۈچ ئىشنى توغرا قىلغاندا كۆزنى نەپەس ئالدۇرغىلى بولىدۇ!
1. ھەر كۈنى ئىككى سائەت سىرتتا پائالىيەت قىلىپ، يىراقلارغا تىكىلىپ قاراش.
2. كۆز ئايلاندۇرۇش ئۇسۇلى.
011212505718080033. كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش كېرەك. مەسىلەن: ئاقسىل، كالتسىي، خىروم، سىنك، ۋىتامىن مول بولغان يېمەك- ئ‍ىچمەكنى كۆپرەك يېيىش.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى