ساغلاملىق بىلىملىرى

تاماقتىن كېيىن بۇ ئالامەتلەر كۆرۈلسە ئاشقازان ئاستى بېزى راكىدىن ھوشيار بولۇڭ

 

تاماقتىن كېيىن ئۇزاق مۇددەت بۇ تۆت خىل ئالامەت كۆرۈلسە، ئاشقازان ئاستى بېزى راكىدىن ھوشيار بولۇڭ.

1. كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسۇش

تاماقتىن كېيىن ئىزچىل كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسۇش ئالامىتى كۆرۈلسە، بۇنىڭدىن ھوشيار بولۇش كېرەك، چۈنكى راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، راك ئىششىقىمۇ تەدرىجىي چوڭىيىپ، ئاشقازاننىڭ ئاخىرقى ئۇچىنى بېسىۋالىدۇ، راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ بېسىپ كىرىشى يەنە ئاشقازان ئاستى بېزى ئىقتىدارىنى تەسىرگە ئۇچرىتىدۇ، ھەزىم قىلىشتا مەسىلە كۆرۈلۈپلا قالماي يەنە قۇسۇش، كۆڭلى ئېلىشىش ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. تاماقتىن كېيىن قورساق ئاغرىش

تاماقتىن كېيىن قورساق ئاغرىش، ئاشقازان ئاغرىشقا ئوخشاش ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ئاشقازان كېسەللىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلغاندىن كېيىن، ئاشقازان ئاستى بېزى راكى بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ بار ـ يوقلۇقىنى ۋاقتىدا ئويلىشىش كېرەك.

022321374718400016061200

3. ئىچ سۈرۈش

ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ساغلاملىق دەرىجىسى يېمەكلىكنىڭ ھەزىم قىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، بىماردا ئىچ سۈرۈش مەسىلىسىنى پەيدا قىلىدۇ.

4. چىقىرىندىلارنىڭ رەڭگى بىنورمال بولۇش

چىقىرىندىلار چوڭ تەرەت ۋە كىچىك تەرەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەگەر ئاشقازان ئاستى بېزى راكى پەيدا بولسا، بىمارنىڭ چىقىرىندىلىرى قېنىق سېرىق ياكى ساپال رەڭدە بولۇشى مۇمكىن.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى