ساغلاملىق بىلىملىرى

قايسى ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەر ئادەم بەدىنى ئۈچۈن ساغلام؟

 

012416162097200016270262

1. قاتتىق پوستلۇق مېۋە

ياڭاق، خاسىڭ، پىستە ياكى بادام قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ساغلام ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك بولۇپ، تەركىبىدە يەككە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى ۋە ۋىتامىن بار، چوڭ مېڭىنى ئېھتىياجلىق ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ. بىراق، ئۇنىڭ تەركىبىدە ماي بەك كۆپ بولۇپ، ھەر كۈنى ئازراق ئىستېمال قىلىپ بەرسە، سەمرىپ كېتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەسلىي تەمدىكى قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنى ئالدىن تاللاش كېرەك، چۈنكى پىششىقلاپ ئىشلەنگەن قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنىڭ تەركىبىدە تۇز ياكى شېكەر بەك كۆپ بولىدۇ.

0124163103397000000000000102

2. قەنتسىز قېتىق

مەيلى قېتىق ياكى سۈت بولسۇن ھەممىسىدە كالتسىي، تۆمۈر، فوسفور قاتارلىقلار مول بولۇپ، قان تومۇر ۋە يۈرەكنى ئاسراپ، قان بېسىمىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، قېتىق تەركىبىدە پايدىلىق باكتېرىيەلەر بولۇپ، ئۈچەي يوللىرىدىكى باكتېرىيەلەر توپىنىڭ مۇھىتىنى ساقلايدۇ.

0124163147524000000000000102

3. تۆۋەن قەنتلىك مېۋە

دائىم ئۇچرايدىغان تۆۋەن قەنتلىك مېۋىلەردىن مايمۇن شاپتۇلى، ئاق تۇرۇچ، ئەينۇلا ۋە ئالما قاتارلىقلار بار، ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەدەن ئېھتىياجلىق بولغان ۋىتامىن ۋە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددىلارنى تولۇقلايدۇ، قۇرامىغا يەتكەنلەر ھەر كۈنى 200 ~ 300 گىرام يېسە بولىدۇ.

0124163221294000000000000102

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەيلى بالىلار ياكى قۇرامىغا يەتكەنلەر بولسۇن، ھەممىسى ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىشى، بولۇپمۇ كۆپتۈرۈلگەن يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىشى كېرەك. ئاچكۆزلۈك قىلغاندا ئالدى بىلەن قېتىق، قاتتىق پوستلۇق مېۋە ياكى مېۋە قاتارلىق ساغلام ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى تاللاش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، تاماقتىن بىر سائەت بۇرۇن ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك يېيىشكە بولمايدۇ، بولمىسا چۈشلۈك تاماققا تەسىر يېتىدۇ.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى