ساغلاملىق بىلىملىرى

بۇ 12 خىل دورىنى ھاراق بىلەن ئىچسىڭىزمۇ جېنىڭىز ئامان قالمايدۇ

توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

تەتىل مەزگىلىدە سىرتقا ساياھەتكە چىققاندا، دوست-بۇرادەرلەر يىغىلىشى قاتارلىق پائالىيەتلەردە، كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولغانلار ئۆزئارا دىدارلىشىدۇ، كۆڭۈللەر يايرايدۇ، بۇنداق ۋاقىتلاردا تەبئىيلا كۆپچىلىكنىڭ بىر نەچچە رومكا ئىچكۈسى كېلىدۇ.

2020082618294660141

ھاراق ئىچىش سالامەتلىككە زىيانلىق، بۇنى كۆپچىلىكمۇ ئېنىق بىلىشى مۇمكىن. شۇڭا بۈگۈن تەھرىر كۆپچىلىككە ئەسكەرتمەكچى بولغىنى: ھاراق ئىچكەندە دورا ئىچمەسلىك، دورا ئىچكەندە ھاراق ئىچمەسلىك.

ئەگەر توۋباۋ (头孢) بىلەن ھاراق بىرلەشتۈرۈلسە، ئادەم كېتىمەن دەپلا كېتىپ قالالايدۇ، بۇ گەپ چاقچاق ئەمەس. تەتىل كېلىشى بىلەنلا، ھاراقنى خاتا ئىچكەنلىك سەۋەبىدىن ھاياتىغا خەۋپ يەتكەن خەۋەرلەرمۇ دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ…

2020082618323878004

(خەۋەردىن كېسىۋېلىنغان سۈرەت: خەلق گېزىتى)

2020082618495337282

دورا + ھاراق = جان

ھاراق ئىچكەندە «دىسۇلفرام رېئاكسىيەسى» (双硫仑反应)دىن ھوشيار بولۇش كېرەك.

دورا يېگەندىن كېيىن ھاراق ئىچىشتىن كېلىپ چىققان رېئاكسىيە دىسۇلفرام رېئاكسىيەسى دەپ ئاتىلىدۇ.

ئۇنداقتا دىسۇلفرام رېئاكسىيەسى دېگەن نېمە؟ دىسۇلفرام ئەسلىدىنلا بىر خىل ھاراق تاشلاتقۇزۇش دورىسى بولۇپ، دىسۇلفرامنى ئېتانول بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتكەندە جىگەردىكى ئېتىل ئالدېگىد دېگىدروگېنازانى تىزگىنلەپ، ئېتىل ئالكوگولنى بەدەندە ئوكسىدلاپ ئېتىل ئالدېگىدقا ئايلاندۇرغاندىن كېيىن، يەنە داۋاملىق پارچىلاپ ئوكسىدلىيالمايدۇ، بۇ بەدەندىكى ئېتىل ئالدېگىدنىڭ يىغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بىر قاتار ئەكىس تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ، مەسلەن: يۈزى قىزىرىش، كۆز بىرىكتۈرگۈچى پەردىسىگە قان تولۇش، كۆرۈش سېزىمى غۇۋالىشىش، باش بويۇن قان تومۇرى قاتتىق سوقۇش ياكى سوقۇش خاراكتېرلىك باش ئاغرىش، باش قېيىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، تەرلەش، ئېغىز قۇرۇش، كۆكرەك ئاغرىش، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك زەئىپلىشىش، نەپەس قىيىنلىشىش، جىددىي خاراكتېرلىك جىگەر زەخىملىنىش، چۆچۈش ۋە تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش قاتارلىقلار.

يۇقارقى ئەكىس تەسىرلەرنىڭ دەرىجىسى دورا ئىشلىتىش مىقدارى ۋە ھاراق ئىچىش مىقدارى بىلەن ئوڭ تاناسىپ مۇناسىۋىتىدە بولىدۇ، ياشانغانلار، بالىلار، يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسىلى ۋە ئىسپىرتقا سەزگۈر كىشىلەرگە نىسبەتەن تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى بار!

بەلكىم بەزىلەر: مەن يا دىسۇلفرام يېمىسەم، ھاراق ئىچسەم نېمە ئىش بولاتتى؟ دەپ سورىشى مۇمكىن.

سىچۈەن ئۆلكىلىك تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى سىچۈەن ئۆلكىلىك خەلق دوختۇرخانىسى جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى، جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، پىروفېسسور سۈن مىڭۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۇرغۇن باكتېرىيەگە قارشى دورىلار دىسۇلفرام بىلەن ئوخشاش رولغا ئىگە. بۇ ئانتىبوتىك دورىلارنى ئىشلەتكەندىن كېيىن (ئىچىش ۋە ۋېنادىن ئوكۇل قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يەنە ھاراق ئىچسە، دىسۇلفرام رېئاكسىيەسى پەيدا بولىدۇ.

شۇڭا تېببىي مەنىدىن ئېيتقاندا، دورا يېگەندىن كېيىن ھاراق ئىچىشكە بولمايدۇ. مەيلى قىزىل ھاراق، پىۋا ياكى ئاق ھاراق بولسۇن، پەقەت دورا ئىچكەن بولسىلا، دورىنى توختاتقان بىر-ئىككى كۈن ئىچىدە ھاراق ئىچىشكە بولمايدۇ.

دىققەت: دورا ئىشلىتىش مەزگىلىدە ئەڭ ياخشىسى بىر ھەپتىدىن كېيىن ئاندىن ھاراق ئىچىش كېرەك، بۇنداق بولغاندا نىسبەتەن بىخەتەر بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىسپىرت تەركىبى بار بەزى يېمەكلىك ياكى دورىلاردىن ئىمكانقەدەر ئۆزىنى قاچۇرۇش كېرەك، مەسىلەن، ئىسپىرت تەركىبى بار شاكىلات، پىننە سۈيى، ئىسپىرتلىق ئىچىملىك قاتارلىقلار.

2020082618493253964

بۇ 12 خىل دورىنى ئىچىۋاتقان بولسىڭىز ئۇنداقتا ھەرگىز ھاراق ئىچمەڭ!

بىر قانچە چوڭ تۈردىكى دورىلارنىڭ ئىسپىرتقا بولغان ئىنكاسى ئىنتايىن ئەجەللىك بولۇپ، بۇ بىر نەچچە خىل دورىلارنى ئىچكەندىن كېيىن يەنە ھاراق ئىچسە، تېببىي ئىلىمدە دىسۇلفرام رېئاكسىيەسى دەپ ئاتىلىدىغان بىر قاتار بىئارامچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ.

2020082618523710925

01

سېفالوسپورىن (头孢菌素) تۈرىدىكى ئانتىبىئوتىكلار

باكتېرىيەگە قارشى دورىلارنىڭ ھەممىسىدە ئادەتتە سېفالوسپورىن بولىدۇ، مەسىلەن، سېفالوستېرون (头孢哌酮)، لائوكسىگېن سېفالوسپورا (拉氧头孢)، سېفالومىزول (头孢美唑)، سېپومېترامىدو (头孢孟多)، سېپوكسى مېتىل فېنىل (头孢甲肟)، سېفازولىن (头孢替安) ۋە مېترازول (甲硝唑)، تىئازول (替硝唑)، فۇرازولىن (呋喃唑酮) قاتارلىقلار بولۇپ، دىسۇلفرام رېئاكسىيەسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

02

مورفىن تەركىبلىك دورىلار

ئاز بولمىغان زۇكام دورىلىرى ۋە يۆتەل توختىتىش دورىلىرىنىڭ تەركىبىدە مورفىن بار، لېكىن ئىسپىرتنى مورفىن بىلەن قوشۇپ ئىشلەتكەندە ماسلىشىش رولىنى ئوينايدۇ-دە، زەھەرلىنىش، ھەتتا ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭا زۇكام دورىسى، يۆتەل توختىتىش دورىسى ئىچىش مەزگىلىدە ئەڭ ياخشىسى ھاراق ئىچمەسلىك كېرەك.

03

خامۇشلۇققا قارشى دورىلار

ئىمىپرامىن (丙咪嗪) ۋە دوسەيپىڭ (多塞平) قاتارلىق خامۇشلۇققا قارشى دورىلارنى ئىستېمال قىلىش مەزگىلىدە ھاراق ئىچكەندە، مەركىزىي نېرۋىنى تىنىچلاندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.

04

تىنچلاندۇرۇش ئۇيقۇ دورىسى

دىسىفېنىل (地西泮)، نىترو سىفېنىل (硝西泮)، خلوروسېرىن (氯硝西泮)، تىرىيازولام (三唑仑)، باربىتال (巴比妥) تۈرىدىكىلەر ۋە گىئالدېگىد قاتارلىقلار تىنچلاندۇرۇش ۋە ئۇخلىتىش دورىلىرىنى ئېتانول بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەتكەندە ئۇيقۇسىراش، روھى چۈشكۈنلىشىش، ھوشىدىن كېتىش، نەپەس زەئىپلىشىش، ھەتتا ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

05

قىزىتما قايتۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش دورىسى

ئاسپىرىن (阿司匹林)، برۇفېن (布洺芬)، دىخلوروفېننىك كىسلاتاسى (双氯芬酸) قاتارلىقلار، بۇ تۈردىكى دورىلارنى ئىچكەندە كۆپ مىقداردا ھاراق ئىچسە، ئاشقازان-ئۈچەي يولى شىللىق پەردىسىنى دورا ۋە ئىسپىرتنىڭ قوش غىدىقلىشىغا ئۇچرىتىدۇ، ھەتتا ھەزىم قىلىش يولى يارىسى ياكى قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2020082619210863583

06

قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىش دورىسى

قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىش دورىلىرى مەسلەن «优降糖»، «降糖灵»، مېتىل فېنىل پروپىل ئامىن (甲苯磺丁脲) قاتارلىق قان قەنتىنى تۆۋەنلىتىدىغان دورىلارنى ئىستېمال قىلغان مەزگىلدە بىرلا ۋاقىتتا ھاراق ئىچىشكە بولمايدۇ، چۈنكى ئىسپىرت دورا ئۈنۈمىنى كۈچەيتىش رولىغا ئىگە، ئىككىسى ئۇچرىشىپ قالسا، قان قەنتى تۆۋەنلەش خاراكتېرلىك شوك بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھاياتقا خەۋپ يەتكۈزۈپ، قاندا سۈت كىسلاتاسى كۆپىيىش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

07

تۇتقاقلىققا قارشى دورا

ئۇزۇن مۇددەت ھاراق ئىچكەندە ناترىي فېنىتوئىن (苯妥英钠)نىڭ قويۇقلۇقى ۋە داۋالاش ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، ئەمما دورا ئىچىش بىلەن بىر ۋاقىتتا كۆپ مىقداردا ھاراق ئىچكەندە قاندىكى دورا قويۇقلۇقى ئېشىپ كېتىدۇ، ناترىي پېنتاتىئون (丙戊酸钠) ئىستېمال قىلغان مەزگىلدە ھاراق ئىچسە، مەركىزىي نېرۋىنىڭ تورمۇزلاش رولىنى كۈچەيتىپ، ئېغىر بولغاندا ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

08

يۈرەك سانجىقىغا قارشى دورىلار

نىترات غەيرىي تاغ نەشپۈتى ئېستېرى (硝酸异山梨酯)، نىترات گىلىتسېرىن (硝酸甘油) ۋە نىترو بېنزول (硝苯地平) قاتارلىق دورىلارنى ئىچىش مەزگىلىدە ھاراق ئىچكەندە، قان تومۇرلارنىڭ زىيادە كېڭىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، باش قاتتىق ئاغرىش، قان بېسىمى تۆۋەنلەش ھەتتا شوك بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

09

زىيادە سېزىمچانلىققا قارشى دورىلار

دىفېنگىدرامىن (苯海拉明)، خلورفېنىرامىن (氯苯那敏)، سەيكېنلىن (赛更啶) قاتارلىق دورىلارنى ھاراق بىلەن بىللە ئىچكەندە، مۈگدەش، روھى چۈشكۈن بولۇش، ھوشىدىن كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

10

قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش دورىسى

نتراپېندىپىن (硝苯地平)، گىدرازىن (肼苯达嗪)، دىبازول (地巴唑) قاتارلىقلارنى ھاراق بىلەن بىللە ئىچكەندە، ئاسانلا تۆۋەن قان بېسىمى پەيدا بولىدۇ. چۈنكى ئىسپىرت قان تومۇرلارنى كېڭەيتىش، سىمپاتىك نېرۋا ۋە يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قىسقىراش كۈچىنى چەكلەش رولىغا ئىگە بولۇپ، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش دورىسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، باش ئاغرىش، ھەتتا شوك بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بىر قىسىم قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش دورىلىرى، مەسىلەن، مۇرەككەپ رېستىپلىق قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش تابلېتى (复方降压片)، مۇرەككەپ رېستىپلىق دىگىدرازىن (复方双肼屈嗪) قاتارلىق دورىلارنى ئىسپىرت بىلەن قوشۇپ ئىشلەتكەندىمۇ قان بېسىمى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ كېتىشى مۇمكىن.

11

قان توختىتىش دورىسى

ئېتىل ئالكوگول قان ئۇيۇش فاكتورىنى تىزگىنلەپ، قان توختىتىش دورىلىرىنىڭ رولىغا قارشى تۇرۇپ، قان توختىتىش دورىلىرىنىڭ رولىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

12

سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلار

سۈيدۈك راۋانلاشتۇرغۇچى (利尿剂)، فۇراسېمىد (如呋塞米)، گىدروخىلوروتىئازىد (氢氯噻嗪) قاتارلىقلار سۈيدۈك چىقىرىش ئارقىلىق قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ، ئېتىل ئالكوگول (乙醇)نىڭمۇ قان تومۇرلارنى كېڭەيتىش رولى بار، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرغۇچى دورىلارنى ئىچىش بىلەن بىرگە ھاراق ئىچكەندە، باش قىيىش، يۈرەك-قان تومۇر زەئىپلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

ئاخىرىدا، يەنە بىر ئەسكەرتىپ قوياي: دورا يېگەندىن كېيىن ھاراق ئىچىشكە بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھاراق ئىچكەندىن كېيىن، دورا يېيىشكىمۇ بولمايدۇ!

2020082619401627907


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى