ساغلاملىق بىلىملىرى

جۇڭيى دورىلىرىنى ئىشلەتكەندە، بۇ بەش چوڭ خاتالىقنى ھەرگىز سادىر قىلماڭ

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

داۋالاش پەن-تېخنىكا سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بارغانسېرى كۆپلىگەن بىمارلار جۇڭيى دورىلىرىنى ئىشلىتىپ كېسەل داۋالاۋاتىدۇ. جۇڭيى دورىلىرى ئارقىلىق كېسەل داۋالاشتا، ئاساسلىقى كېسەللىك ئالامەتلىرىنى تولۇق كۆزىتىپ، توغرا دىياگنوز قويۇپ داۋالاش ئاساس قىلىنىدۇ. كېسەلگە قاراپ دورا بەرگەندىلا، تېگىشلىك داۋالاش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. نۇرغۇن بىمارلار جۇڭيى دورىلىرىنى ئىستېمال قىلىش ئىنتايىن بىخەتەر، شۇڭا دورا مىقدارىنى خالىغانچە كۆپەيتسە بولىدۇ، بەدەنگە ئەكس تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، جۇڭيى دورىلىرىنى ئىستېمال قىلىشتا نۇرغۇن خاتا قاراشلار بار، چوقۇم توغرا ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ئىگىلەش كېرەك.

2020072211513228013

ئۇنداقتا جۇڭيى دورىلىرىنى ئىستېمال قىلىشتا قانداق خاتا قاراشلار بار؟

1. جۇڭيى دورىلىرىنىڭ ھېچقانداق زەھەرلىك ئەكس تەسىرى يوق.

نۇرغۇن جۇڭيى دورىلىرى تەبىئىي ئۆسۈملۈكلەردىن ئېلىنىدۇ، دورا ياساش جەريانىدا ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىش پىرىنسىپى قوللىنىلىدۇ، ئادەتتە زەھەرلىك قوشۇمچە تەسىرى ناھايىتى ئاز بولىدۇ. شۇڭا، نۇرغۇن بىمارلار جۇڭيى دورىلىرى بەدەنگە ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل قاراش خاتا، دورىنىڭ ئۈچ ئۈلۈشى زەھەر دەيدىغان گەپ بار، مەيلى جۇڭيى بولسۇن ياكى غەرب تېبابىتى دورىسى بولسۇن، ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلىنسا سالامەتلىككە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ.

2. جۇڭيى دورىلىرىنىڭ ئۈنۈمى ئاستا بولۇپ، جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

ئورگانىزمدا جىددىي خاراكتېرلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشى يۈز بەرگەندە، كىشىلەرنىڭ ئالدى بىلەن ئويلايدىغىنى غەربچە دورىلار بىلەن داۋالاش بولۇپ، ھەرگىزمۇ جۇڭيى دورىلىرىنى ئويلاشمايدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر غەربچە دورىلا جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئىشلىتىلىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، جۇڭيى دورىلىرىمۇ جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا كىلىنىكىدا بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان ئەنگوڭ نيۇخۇاڭ كومىلىچى (安宫牛黄丸) جىددىي داۋالاش جەريانىدا بەلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. مەيلى جۇڭيى دورىسى بولسۇن ياكى غەرب تېبابىتى دورىسى بولسۇن، پەقەت ئىشلىتىش ئۇسۇلى توغرا بولسىلا، ئوخشاشلا جىددىي خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالىغىلى بولىدۇ.

2020072211513956505

3. جۇڭيى دورىلىرىنى ئۇزاق مۇددەت ئىچىشكە بولىدۇ.

نۇرغۇن بىمارلار جۇڭيى دورىلىرىنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلسا، بەدەننى ساغلاملاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ خىل ئوي بىمارنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ. جۇڭيى دورىلىرىنى، بولۇپمۇ بەزى مىنېرال ماددىلىرى قوشۇلغان جۇڭيى دورىلىرىنى ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلغاندا، ئاسانلا بەدەندە زور مىقداردا زەھەر يىغىلىپ، بەدەندە ناچار تەسىر پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، دورا ئىشلىتىش جەريانىدا دورا مىقدارىنى كونترول قىلىپ، كېسەللىك ئەھۋالى ۋە بەدەن ئەھۋالىغا ئاساسەن مۇۋاپىق بولغان دورا مىقدارىنى تاللاش كېرەك.

4. جۇڭيى دورىلىرىنى قايناتقاندا قانچە ئۇزۇن قايناتسا ئۈنۈمى شۇنچە ياخشى بولىدۇ.

نۇرغۇن بىمارلار جۇڭيى دورىلىرىنى قايناتقاندا، قاينىتىش ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا، دورىنىڭ ئۈنۈمى شۇنچە ياخشى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، دورا ماتېرىياللىرىنىڭ ئەڭ ياخشى داۋالاش ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، سۇ تېمپېراتۇرىسىنىڭ سۇس قايناۋاتقان ھالەتتە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قاينىتىش ۋاقتىنى دورىنىڭ تۈرى ۋە بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ بەلگىلەش كېرەك. ئادەتتە ئىككى قېتىمغا بۆلۈپ قاينىتىپ، بىرىنچى قېتىمدا 20 ~ 30 مىنۇت ئەتراپىدا، ئىككىنچى قېتىمدا 30 ~ 40 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىش كېرەك.

5. تۆمۈر قازان قاتارلىق مېتال بۇيۇملاردا جۇڭيى دورىلىرىنى قايناتسا بولىدۇ.

جۇڭيى دورىلىرىنى قايناتقاندا چوقۇم ئېھتىيات قىلىش، تۆمۈر قازان قاتارلىق مېتال بۇيۇملارنى ئىشلىتىپ قاينىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. دورىنىڭ خۇسۇسىيىتىنى جارى قىلدۇرۇشقا تەسىر يېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، قۇم قازان ياكى داتلاشماس پولات قازاندا قاينىتىش كېرەك.

2020072211515092631

جۇڭيى دورىلىرىنى تۇرمۇشتا ھەممە يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ. لېكىن، جۇڭيى دورىلىرىنى ئىچكەندە، چوقۇم يۇقىرىدىكى مۇھىم پىرىنسىپلارنى ئەستە تۇتۇش كېرەك. دوختۇرنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەرقلەندۈرۈپ داۋالاش پىرىنسىپى ۋە كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن مۇۋاپىق دورىلارنى تاللاش كېرەك. دورا ئىچىش جەريانىدا يەنە دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئەمەل قىلىش، دورا مىقدارىنى ئۆز ئالدىغا ئۆزگەرتمەسلىك، بەدەنگە ئېغىر رېئاكسىيە قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى