
ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يۈرەك: ئالمىغا ئەڭ ئامراق
ئالمىدىكى پولىفېنول ۋە فىلاۋون تۈرىدىكى ماددىلار قان-تومۇرلار ئاجىزلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۇلارنىڭ راۋانلىقىنى ساقلايدۇ، قاندىكى ياغ ۋە خولېستېرىننىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ. كۆپىنچە دوختۇرلار يۈرەك، قان-تومۇر كېسەللىك بىمارلىرىغا كۈندە ئالما يېيىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىدۇ.
جىگەر: دولاناغا ئەڭ ئامراق، دۇريان ( 榴莲)دىن قورقىدۇ
دولانا چۈچۈمەل، تەبىئىتى مۆتىدىلرەك بولۇپ، تال، ئاشقازان، جىگەر تومۇرلىرىغا پايدىلىق. دولانانىڭ چۈچۈمەل تەمى جىگەردىكى ئىسسىقنى ياندۇرىدۇ. ئۇ ئاشقازانغا كىرسە، ئېنزىمنىڭ رولىنى كۈچەيتىپ، گۆشلۈك تائاملارنىڭ ھەزىمىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇڭا جىگىرىنى ماي قاپلىغانلار دولانانى كۆپرەك يېسە مۇۋاپىق. دۇرياننى جىگەر زەخمىلەيدىغان مېۋە دېيىشتىكى سەۋەب شۇكى، ئۇنىڭ قەنت ۋە ئېنېرگىيە مىقدارى زىيادە يۇقىرى بولۇپ، قەنت جىگەرنىڭ مېتابولىزم جەريانىدا ياغقا ئايلىنىپ، ئىنسۇلىننىڭ قارشىلىقىنى پەيدا قىلىدۇ-دە، جىگەرگە زىيان يەتكۈزىدۇ.
ئۈچەي: ئەجدىھا مېۋىسىگە ئەڭ ئامراق
ئەجدىھا مېۋىسىدە ئوزۇقلۇق تالاسى مول بولۇپ، تەرەت راۋانلاشتۇرۇش رولىغا ئىگە. ھەر 100 گىرام ئەجدىھا مېۋىسىدە 2.8 گىرام يېمەكلىك تالاسى بار. ئادەتتە ئاق رەڭلىك ئەجدىھا مېۋىسنىڭ يېمەكلىك تالا مىقدارى قىزىلىغا قارىغاندا يۇقىرى بولىدۇ.
ئاشقازان: كۇلى بېھىسىغا ئامراق، ئەبنۇستىن قورقىدۇ
كۇلى بېھىسىدىكى ئاقسىل ئېنزىمى گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ پارچىلىنىشىغا ياردەم بېرىپ، ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەبنۇستا تاننىن كىسلاتاسى بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا، ئەگەر ئاچ قورساققا كۆپ يەۋەتكەندە، ئاشقازان كىسلاتاسى ئاسانلا تاننىن كىسلاتاسى، مېۋە يېلىمى، سېللۇلوزا قاتارلىقلار بىلەن بىرىكىپ، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى زەخىملەندۈرىدۇ ۋە ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدۇ.
بۆرەك: ئۈزۈمگە ئەڭ ئامراق، باناندىن قورقىدۇ
ئۈزۈمنىڭ سورتى ۋە رەڭگى كۆپ خىل بولۇپ، بۆرەككە يەنىلا قارا ئۈزۈم مەنپەئەت قىلىدۇ. باناندىكى مىنېرال ماددىلارنىڭ مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، بەدەن ئېھتىياجىدىن ئاشقانلىرى بۆرەك ئارقىلىق سىرتقا چىقىرىلىدۇ، بۇ جەريانىدا كۆپ مىقداردىكى سۇنى بىرگە ئېلىپ كەتكەچكە، بۆرەكنىڭ يۈكى ئېغىرلاپ كېتىدۇ. شۇڭا كۈندە ئەڭ كۆپ بولغاندا ئىككىدىن ئارتۇق بانان يېيىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
تال: چوڭ ئاپېلسىن (柚子)غا ئامراق، نەشپۈتتىن قورقىدۇ
چوڭ ئاپېلسىننىڭ يەلنى ھەيدەپ، بەلغەم بوشىتىش ۋە تال ساغلاملاشتۇرۇش رولى بار. نەشپۈتنىڭ تەبىئىتى سوغۇققا مايىل بولغاچقا، كۆپ يېگەندە تال ۋە ئاشقازاننى زەخمىلەيدۇ. شۇڭا بىر كۈندە بىر تال نەشپۈت يېيىش ئەڭ مۇۋاپىق. نەشپۈتنى قاينىتىپ پىشۇرغاندا ئۇنىڭ سوغۇق تەبىئىتىنى ئاجىزلاشتۇرغىلى بولىدۇ.